سۈرەتلىك ئۇچۇر >>   مەزمۇن

ئوباما نىيۇرۇك پاي چېكىنىڭ چۈشۈپ كېتشىگە سۆز قىلدى

0 2011-08-09 11:03:01   sina.com.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 8-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ:« دۇنيا بازىرى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئامېرىكا كەلگۈسىدىمۇ ئىزچىل ئۈچ A دەرىجىلىك دۆلەت بولىدۇ، لېكىن بۇ ئامېرىكىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق دېگەنلىك ئەمەس»دېگەن.
ئوباما مۇنداق دېگەن:« ئامېرىكا ئامېرىكىغا نەسىھەت قىلىدىغان دەرىجە باھالاش ئورگىنىغا ئېھتىياجلىق بولماستىن، تەمپۇڭ بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك قىزىل رەقەم مەسىلىسنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇلغا ئېھتىياجلىق. مەن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ، ئامېرىكىغا نىسپەتەن مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كرېدىت دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى« ئامېرىكىدىكى سىياسىي قاتمال ۋەزىيەت»بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت ئىكەن،ئوباما تەكىتلەپ:« ئامېرا كرېدىتنىڭ تۆۋەنلىشى،دەرىجە باھالاش ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغانلىقىدىن بولماستىن، ئامېرىكىدىكى ئىزچىل قەرز قانۇنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى سۆھبەتلىشش جەريانىدىكى قاتمال ۋەزىيەتتۇر. ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىۋاتقىنى، ئامېرىكىدىكى ياخشى بولمىغان سىياسىي ھەرىكەت ئىكەن»دېگەن.
ئوباما يەنە:« ئەگەر ئامېرىكا ھازىرقى سىياسىي جەھەتتىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلىسە،مەن ئىشىنىمەنكى ئامېرىكا يەنىلا دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، لېكىن بىر يەنە ئامېرىكا قەرز قانۇنىنى سۆھبەتلىشىش جەريانىدىكى، ئامېرىكا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ئۇنتىيالمايمىز»دېگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博