ياپونىيە بنتىيەن ماشىنا شىركىتى 5-ئايدا ئامېرىكىدىن تەخمىنەن 1مىليون 500 مىڭ ماشىنىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش قۇرۇلمىسىدىكى يۇمشاق دېتالنى يېڭىلايدىكەن.
بىنتىيەن شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكىدىن قايتۇرۇپ كىلىدىغان ماشىنىلار 2005-يىلدىن2010-يىلغىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان تۆت گاڭلىق ياگىر ماشىنىلار، 200-يىلدىن2010-يىلغىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان CR-V ۋە 2005-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان element ئىكەن.
بىنتىيەن شىركىتى، بۇ قېتىملىق ماشىنا قايتۇرۇپ كېلىشتە،ئەگەر ماشىنىلارنىڭ چاقى قارلىق يەرلەر ۋە پاتقالىق يەرلەر پېتىپ قالغان ناچار شارائىت ئاستىدا، ھەربىر خوت ئورنى ئارسىدىكى قايتا-قايتا ئالمىشىش مەشغۇلاتى، بەلكىم ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ساندۇقى ئىچىدىكى ئوق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، موتۇرنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قېلىش ۋە باشقا كاشىلىلارنى پەيدا قىلىپ، ماشىنىنىڭ يۈررۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ شىركەتنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ شىركەت نۆۋەتتە ھېچقانداق ئەرز ۋە ئۆلۈش يارلىنىش دوكىلاتى تاپشۇرۇپ ئالمىغان، ساتقۇچى تەرەپ قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان ماشىنىلارنىڭ ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ قۇرۇلمىسىدىكى يۇمشاق دىتالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يوشۇرۇن ئاپەتنى چىقىرىپ تاشلايدىكەن.
ئېگىلىنىشىچە، بىنتىيەن شىركىتى بۇ بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن بالا-قازا يوشۇرۇنغان،پۈتۈن دۇنيادىن قايتۇرۇپ كېلىدىغان ماشىنىلار 2 مىليون 500 مىڭغا دانىگە يېتىدىكەن. بۇ شىركەت جۇڭگو ۋە كانادادىن ئايرىم-ئايرىم760 دانە ۋە 130 مىڭ دانە ماشىنىنى قايتۇرۇپ كېلىدىكەن. بۇ قېتىملىق ماشىنىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبى ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە پوئېرتورىكو قاتارلىق بازارلار بولۇپ، ياپونىيە بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
HONDA شىركىتى ئامېرىكىدىن بىر قىسىم ماشىنىلىرىنى قايتۇرۇپ كەل...
ش ئا ئە ت ئەترىتىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 31 ئاد...
پاكىستاندا بەش قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 70 ئادەمنى بېسىۋا...
ئەنگلىيە بولغۇسى خانىشلىرىنىڭ قانداق تەربىيىلىنىدىغانلىقى...
ئىراقتا زەنجىرسىمان پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ توققۇز ئاد...