چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر شاتۇت مىتۇ ھەرخىل ئاۋازلارنى دوراشنى ياخشى كۆرىدىكەن بولۇپ، ئىككى خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم ناتۇنۇش ئادەملەرنى كۆرسىلا:« Hello, how are you ؟» ياكى« asalaam alaykum» دەپ سالام بېرىدىكەن، بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىدارغان ئىگە شاتۇت ئەنگىلىيە تىلىدا ياخشى سۆزلەپلا قالماستىن، يەنە ئوردو تىلىنىمۇ ئىنتايىن ياشى سۆزلەيدىغان بولۇپ، تەلەپپۇزىمۇ ئىنتايىن ئۆلچەملىك ئىكەن.
مىتۇ ئافرىقا كۈلرەڭ شاتۇتى بولۇپ، ئافرىقا كۈل رەڭ شاتۇتىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆت ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا توغرا كېلىدىكەن. شاتۇتنىڭ ئىگىسى Ahmed نىڭ ئېيتىشىچە، مىتۇ ئەسلىدە ئوردو تىلىنىلا سۆزلىيەلەيدىغان ئىكەن، لېكىن ئۇنىڭ Ahmed نىڭ قېيىنئاپىسى، مىتۇنىڭ ئائىلىدە تېخىمۇ ياخشى ئارىلىشپ ئۆتسۇن دەپ، ئۇنىڭا ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ئۆگەتكەن ئىكەن.