خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 27-ئىيۇل ئامېرىكىدىن بالا بېقىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن 90ئائىلىدىكى 294ئادەمدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنى قىزغىن كۈتۈۋالدى .خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇيۈپېي مۇنداق دېدى :جوڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بالىلارنىڭ ھوقوق -مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن .ھازىر نەچچە ئون مىڭ يېتىم ۋە مىيىپ بالىلار چەتكە چېتىشلىق بېقىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئائىلىگە قايتىپ ،ئاتا-ئانا مېھرىدىن بەھرىمان بۇلۇۋاتىدۇ .