روسىيىدىكى ئاچارچىلىقتىن ئادەم يىيىش ۋەقەسى

2011-07-05 18:33:21   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

 

        1921-يىلى روسىيەدە دۆلەت سىياسىي داۋالغۇغا ئۇچرىشى ۋە ناچار بولغان ھاۋا كېلىماتى بىلەن جەنۇبىي تەرەپتە قاتتىق ئاچارچىلىق بولدى .بۇ1921-يىلىدىن 1922-يىلغىچە روسىيەدە بولغان  ئەڭ ئېغىر  ۋەقە بولدى . ئۇلارغا يېگىدەك  ھېچقانداق يىمەكلىك  بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن ئائىلىلەر پارچىلىنىپ  بالىلىرىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان ،ئاچارچىلىق بەك ئېغىر يەرلەردە ھەتتا  ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسىتىنى  يەيدىغان ھادىسە كۆرۈندى .ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ،بالىلىرىنى ،بەزىلىرى يەرلىككە كىرىپ ئۆلگەن جەسەتلەرنى تارتىپ چىقىپ يىگەنىدى .

     1922-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سامارا رايونىدا ساياھەتكە كەلگەن  ياپونلۇق، بىر ئايالنىڭ قازان ئېچىدە ئۆزىنىڭ ئۆلگەن قىزىنىڭ جەسىتىنى پىشۇرۇپ قويغانلىقىنى يەرلەدە بولسا ئادەم سۆڭىكىنىڭ بارقىلىرىنى كۆرىدۇ  ،بۇ ياپونلۇق بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەلىكىنى سورىغىنىدا  ،ئۇ ئايال 2-ئايدا ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئوغلىنىڭ جەسىتىنى يىگەنلىكى ھازىر يەنە ئاشلىقىن  ئۆلگەن قىزىنىڭ جەسىتىنى پارچىلاپ  يەيدىغانلىقىنى  ئېيتىدۇ .كېيىن بۇ ئايالنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىدۇ .قانۇندا ئادەمنى ئادەم يېيىش ئېغىر جىنايەت ھېسابلىندۇ لېكىن شۇ يەردىكى ئاممىلار يەنە ئۆلگەن جەسەتنى يەيدىكەن .  پىسخېكا دوختۇرى ئادەم يېگەن جىنايەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ناھايىتىمۇ نورمال ئادەم ئىكەنلىكى ھېچقانداق نېرۋا كېسەللىرىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشىنى ئاچارچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.