ھېندىستاندىكى كېرلا ئىشتاتنىڭ باش كاتىپى جاگۇما تۈنۆگۈن مۇنداق دېدى :سىتابادېماناس بۇتخانىسىدىن غايەت زور بايلىق ساقلانغان خەزىنە بايقالدى،ئۇ يەردىن تېپىلغان ئالتۇن-كۈمۈش جاۋاھىراتلار ۋە تىللار ھازىرقى بازاردا ئاز بولغاندىمۇ 11مىليارد 200مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدۇ.جاگۇما يەنە مۇنداق دېدى :ھازىرچە بىز بەش خەزىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتۇق ،ئۇ يەردە بار ئالتۇن زەنجىر نەچچە ئون مىڭغا يېتىدۇ ؛ يەنە تىللا ۋە ياقۇتلار بار. بىز تېخى تولىمۇ سىرلىق بىرخەزىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا چارە قىلالمىدۇق .