ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
28.02.2009 تۈركىيە گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
2009-03-01 19:27:41  يازغۇچى:نۇرانە  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرۈش سانى:  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

    گېزىتلىرى، گوللاندىيىدە قازاغا ئۇچرىغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بايانات ۋە ئانالىزلارنى ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

     «مىللىيەت گېزىتى»، ‹گوللاندىيىگە قارىتىلغان سوئاللار› سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلغان خەۋەردە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ئۇچقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا مۇناسىۋەتلىك شۈبھىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى. گېزىت، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ئايروپىلانىنىڭ ئىككى مىنۇت ئىلگىرى قونغان Northwest شىركىتىنىڭ بويىڭ 757 تىپلىق ئايروپىلانى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا كەسكىن شۈبھىلەر بارلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، كونترول مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر ئاگاھلاندۇرۇش قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى سورىدى.

 MTV ئۇچۇرلىرى 

    «سىتار گېزىتى»نىڭ ‹كونترول مۇنارىنىڭ خاتالىقى چۈشۈرىۋەتتى› سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇچقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ‹شىپول ئايرودرومى كونترول مەركىزىنىڭ تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا قوزغىلىپ 15 مىنۇت ئۆتمەستىنلا قونۇش ئىجازىتى بېرىشى كېرەك ئىدى› دېگەن قاراشلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

    «رادىكال گېزىتى»، خەۋەرنى ‹ئېتىراز بار› ماۋزۇدا ئېلان قىلىپ، تۈرك ئۇچقۇچىلارنىڭ تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ ئىككى موتورىنىڭ بىراقلا توختاپ قېلىشى بىلەن چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى دەۋالىرىنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

    «يېڭى شەپەق گېزىتى»، بۇ خەۋەرنى ‹جاۋاب بەرگىن مۇنار (كونترول مەركىزى)› دېگەن باش ماۋزۇ ئاستىدا ئېلان قىلدى.

    «زامان گېزىتى»، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى رىئا ئومېننىڭ ‹ئەرمەنى لوبىسى ماڭا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە بىرىنچى بېتىدىن ئورۇن ئاجراتتى.

 مۇنبەر ئۇچۇرلىرى 

    گېزىت، ئومېننىڭ 1915- يىل ۋەقەلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سۈپىتىدە تىلغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەرمەنى لوبىسىنىڭ تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، ئومېننىڭ 12- فېۋرال كۈنى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى دوكلاتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى پەرق بىلەن ماقۇللانغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. گېزىت، پارلامېنتنىڭ ئەڭ پېشقەدەم ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئومېننىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى سايلاملاردا پارلامېنتقا تەكرار كىرىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن، ئەرمەنى لوبىسىنىڭ ‹بۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئشىقا سالىدىغانلىقى› نى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقىنى يازدى.

     «رادىكال گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو- ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى دان فرېيدنىڭ ‹تۈركىيىنىڭ رايوندىكى رولى چوڭ› دېگەن بايانلىرىغا ئورۇن ئاجراتتى. گېزىت فرېيدنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيە بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا قارشى پائال ھەمكارلىق ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىرگە، يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مۇناسىۋەتلەرنى بۇ ئاساسلارغا تايانغان ھالدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى. گېزىت يەنە، تۈركىيىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن فرېيدنىڭ ‹تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار ناھايىتى چوڭ كۈچ. تۈركىيە، جەنۇبى كاۋكاز رايونىدىمۇ مۇھىم بىر كۈچ. تۈركىيە، گرۇزىيە (گۈرجىستان)، ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە (ئەرمەنىستان) مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە يۇقىرى قاراباغ مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى دوستى› دېگەنلىكىگىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.

 تور ئۇيۇنلىرى 

    «ۋەتەن گېزىتى»، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ‹ئىراقتىن چېكىنىمىز› دېگەن باياناتلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

     خەۋەردە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ سايلىنىشتىن بۇرۇن قىلغان ۋەدىسىنى تۇتۇش ئارقىلىق، ئىراقتا تۇرىۋاتقان 142 مىڭ ئەسكىرىنىڭ 100 مىڭىنى 18 ئاي ئىچىدە چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، 42 مىڭ ئەسكىرىنىڭمۇ ئەسكىرى مەشىق، تېررورلۇققا قارشى كۆرەش قىلىش دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن ئىراقتا قېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

     «سىتار گېزىتى» مۇ خەۋىرىدە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىش ۋاقتىنىڭ مۇئەييەنلىشىشىدىن كېيىن، ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى. گېزىت، ئامېرىكىنىڭ كۆپ ساندىكى قورال - ياراق بىلەن ئەسكەرنىڭ رايوندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىنىپ چىقالىشى ئۈچۈن تۈركىيە، ئىئوردانىيە ۋە كۇۋەيت يوللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

 مەھەللە ئۇچۇرلىرى 

     «يېڭى شەپەق گېزىتى»دىكى ‹تۈركىيىگە 2 مىليارد 200 مىليون ياۋرو كېلىۋاتىدۇ› سەرلەۋھىلىك خەۋەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. خەۋەردە ياۋروپا مەبلەغ بانكىسىنىڭ 24 يېرىم مىليارد ياۋرولۇق كرىزىسكە قارشى تۇرۇش كرىدىتىدىن تۈركىيىنىڭمۇ پايدىلىنىدىغانلىقىنى ۋە 2 مىليارد 200 مىليون ياۋرو كرىدىتنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاپرىل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيىگە كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

http://www.trtchinese.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=23e28f4c-4ae6-4934-b515-aee11545c7ba

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2009/0301/article_4102.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
28.02.2009  تۈركىيە گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
28.02.2009 تۈركىيە گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇن...
سومالىلىق كۆچمەنلەرنى ئېلىپ يولغا چىققان كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 45 كىشى قازا قىلدى
سومالىلىق كۆچمەنلەرنى ئېلىپ يولغا چىققان كېمە چۆكۈپ كېتى...
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىراقتىكى ئۇرۇش ئارمىيىسىنى 2010 - يىلى 31 - ئاۋغوستقىچە چىكىندۇرىدىغان بولدى
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىراقتىكى ئۇرۇش ئارمىيىسىنى 2010 ـ...
1915 – يىلدىكى ۋەقەلەر «جەمئىيەتلەر ئارا ئۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ
1915 – يىلدىكى ۋەقەلەر «جەمئىيەتلەر ئارا ئۇرۇش» دەپ ئاتىلى...
سېربىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى مىلان مىلۇتىنوۋىچ گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلدى
سېربىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى مىلان مىلۇتىنوۋىچ گۇناھسى...
روسىيە ئارمىيىسى پۇتىندىن نارازى بوپتۇ
روسىيە ئارمىيىسى پۇتىندىن نارازى بوپتۇ
باش پلانېتا ئادەملىرىنىڭ سىرى
باش پلانېتا ئادەملىرىنىڭ سىرى
خۇل شەھىرى كوماندىسى شېفىېلد بىرلەشمىسى كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى
خۇل شەھىرى كوماندىسى شېفىېلد بىرلەشمىسى كوماندىسىنى مەغ...
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • يۈرەك ئاجىزلىقى
  • رېماتىزىم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى
  • قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرىلاش كېسىلىن ...
  • كالپۇك ئۇششاق مۈدۈرى ۋە يېرىڭلىق چاقى ...
  • كالپۇك ۋە رەملىرى
  • كالپۇك ئاقىرىش
  • ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن ئادەم نىمە ئۈچۈن ...
  • بالىلارنىڭ تەن تۈزۈلىشى ۋە بەدەن خىزمىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ...
  • ھامىلدار ئانىنىڭ توغرا ئۇزۇقلىنىشى ۋە تازىلىققا رىئايە قىلىشنىڭ تۈرەلمىگە بولغان تەسىرى ...
  • بەل ئاغىرسىلا بۆرەك بولامدۇ؟؟
  • ئەرلەردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك
  • بەل - پۇت ئاغرىقى
  •  
    مەھەللە ئۇچۇرلىرى
        رومانتىك داچا~!
        826282185
        خاتىرە باشقۇرۇش
        ئاياللار بىلىشكە تىگشلىك ئشلار.
        سىنىپ ھەيئىتىگە
        ئۆتكەن كۈنلەر~!
        باشقۇرغۇچىلار ئۇخلاپ قاپتۇما؟
        نىكاھ بەجايىكى~!
        مەن بىر......
        ئىكرانىمدا سېنىڭ سۈرىتىڭ...
    ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
    تور ئۇيۇنلىرى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ