:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-06-20

    بىر ئايلىق ئايرىلىش - [سۆزۈم بار]

    بىر ئايلىق ئايرىلىش
     نامرات مەكتىۋىمىزنىڭ توكى توختاپ قېلىپ ، تورغا چىقالماي ئىچىم پۈشۈپ يۈرگىلى بىر ئاي بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئىشخانىنىڭ توكىنى ئوڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق . تورغا چىقىپ شۇنداق يايراپ كەتتىمكى ، ئايھاي ! تۇرۇپلا بۇنچىكى دەرىجىدە تىت - تىت بۇلۇش ۋە ئويلىغۇسىز خوشاللىقتىن مەڭدەپ قالدىم .. مەن تورغا خۇمار بۇلۇپ قالمىغاندىمەن ھە !؟ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مائارىپ ئىنىستوتىدا بىلىم ئاشۇرىۋېتىپ ، دەرستىن قېچىپ يۈرۈپ كۈنبويى تورغا چىققىنىمدا ساۋاقداشلار مىنى تور خۇمارى بۇلۇپ قاپتۇ دىگەن ئىدى ، ھەقىقەتەن ئۈزۈلدۈرمەي تورغا چىقىشنىڭ نەتىجىسى تۇتقاقلىق خاراكتىرلىك باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بۇلۇش بىلەن ئاياقلاشقان . تالاي دوختۇرلار ، تالاي ئاپىراتلاردا تەكشۈرۈپ نەتىجىسى چىقماي ، ئاخىرى چوڭلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە مىللىچە يەرلىك رېتسىپ بويىچە دورا قىلىپ  ساقايغان ئىدىم .  شۇ كۈنلەرنى ئويلىسام ، تورغا خۇمار بۇلۇشتىن راستلا قورقىمەن .... شۇنداقتىمۇ ۋاقىت ۋە سىجىللىقنى كونتىرول قىلىپ تورغا چىقىپ جاھاندىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشقا ئامراقمەن .... بەلكىم ھەممەيلەن شۇنداق بولسا كېرەك ....





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]