:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-05-11

    alimama راستلا ئۇرۇقلىماقچى ئوخشايدۇ .... - [توردىن پايدىلىنىش]

    alimama  راستلا ئۇرۇقلىماقچى ئوخشايدۇ ....
     تۈنۈگۈن تېخى ئېلانلىرىمنىڭ ئوبدان يۈرىشىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ، باشقىلارغا تەجىربەمنى سۆزلەپ كەپتىكەنمەن ، بۈگۈن ئەتگەندە قارىسامغۇ نورمال ئىدى ، يېرىم سائەتلەردىن كىين قارىسام < مەۋھۇم ئېلان ئورنى > نىڭ رەسىمى تۇرىدۇ ، بۇ نىمە ئىشتۇر دەپ  ئويلىنىپ تۇرىشىمغا ئېلخەت ئۇچۇرى كېلىپ قالدى ، قارىسام دەل alimamaدىن كەلگەنىكەن .  خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇپ كۆرسەم < تور بېتىڭىزدە لاياقەتسىز مەزمۇنى بارئىكەن > دىگەن سەۋەپ  بىلەن توختىتىلغانكەنمەن . ئۆزەمچە نىمە لاياقەتسىز مەزمۇن باردۇ دەپ ئويلىنىپ ، ئاخرغا چىقالماي ، مۇلازىمەت ساندۇقىغا خەت قالدۇردۇم . بېرەر سائەتلەرگە قالماي ، جاۋاپ كەپتۇ ، ئۇلار < تور بېتىڭ مۇكەممەل ئەمەسكەن > دىگەن سەۋەبنى ئېيتىشتى ..... ئالدىنقى سەۋەپ بىلەن كيىنكى سەۋەپ ئوخشىمىغاچقا ، مەن ئاستا مۇلازىمەت مۇنبىرىگە كرىپ ، < تەستىقلاشنى رەت قىلىش > ( 拒绝深刻( دەپ تەكسۆز يېزىپ ئىزدەپ كۆرسەم مۇشۇ 5- ئاي كىرگەندىن بويان ، نورمال ئېلانلاردىن نەچچە ئونى توختىلىغان( سەۋەبىنى سوراپ يوللانما يازغانلارلا مۇشۇنچىلىك ، بىلمەي قالغانلار ، گاڭگىراپ نىمە قىلىشىنى ئوقماي قالغانلار ئەلۋەتتە بۇنىڭ نەچچە ئون ھەسسسىسىچىلىك بۇلىدۇ دە )  ، ھەممىسىنىڭ سەۋەبى مىنىىڭكىگە ئوخشاش تاقا-تۇقا ..... تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ

     

     قارىغاندا ، بۇلارمۇ ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىدىن تەلەپنى چىڭايتىۋاتامدۇ ياكى بىزدىن  ۋە ئېلان ئېگىلىرىدىن قىيىۋالىدىغىنى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتىمۇ ؟ تېخى ئۆتكەندە بىر قانچە ئۇيغۇر بېكەتلەر < رەت قىلىنغان> لىقى توغرىسىدا دات ئېيىتقان .  قارىغاندا alimama  ئورۇقلاش پىلانىنى يولغا قۇيىۋاتقان بولسا كېرەك ........يا بۇ توغرىسىدا بېرەر خەۋىرى يوق ........





    评论

  • [avatar:30]نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كىملا ئىلتىماس قىلسا تەستىقلاۋېرىپ پۇلنى تازا تاپتى. ئەمدى قوسىقى تويۇپ ھال كىرگەن نىمە. ئۇلاردا نەدىمۇ ئىقتىسادى كىرىزىس يۈز بەرسۇن؟
    ئەلقۇت回复تارىم说:
    شۇنى دىمەمسىز ، مىنىڭمۇ ھېسابىمنى توختىتىۋېتىپ ، بۈگۈن قايتا تەكشۈرۈشكە تاپشۇرسام ئېچىۋېتىپتىغۇ .... شۇنداقتىمۇ دېققەت قىلساق بولغۇدەك .....
    2009-06-20 17:15:32

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]