:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-05-04

    تىپىك زامانىۋى مەسەل - [مائارىپ]

    تىپىك زامانىۋى مەسەل

     كۆزلىرى پىلدىرلاپ قالغان بىر ياشانغان ئادەم تىترەپ تۇرۇپ ، لەۋلىرىنى ئاران مىدىرىتىپ ، نەۋرىسىگە دەپتۇ : "بالام ....... ئوقۇتقۇچىلارنىڭ .......مائاشى ......ئۆسكەن چاغدا ......بىر قەغەزگە ......يېزىپ ......قەۋرەمدە كۆيدۈرگىن ......... مەن ئۇ ئالەمدە ......بولسىمۇ مەبلەغ .........سالاي ....."، بالا " مەن چوقۇم تىرىشىپ شۇ كۈنلەرگىچە ياشايمەن " دەپتۇ . نەۋرىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بوۋاي ،خاتىرجەملىك بىلەن كۆز يۇمۇپتۇ .....نەچچە ئون يىلدىن كىين ، بىر بەدەنلىرى ياغاچتەك بۇلۇپ قالغان ، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بوۋاي ، قەۋرىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ :" نەۋرەڭ ۋاپاسىزكەن ، نەچچە ئون يىلدىن بويان مەن شۇنچە كۈتسەممۇ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تەڭشىگەن كۈننى كۆرەلمىدىم ، مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن ..." دەپ يىغلاپ قاقشىغىنىچە ، كۆزلىرى ئۇچۇق ھالدا ئۇ ئالەمگە كېتىپتۇ ...... ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن جەننەتكە كىرىپتۇ ، ئۇ بىركۈنى تەڭرىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ ، تەڭرى ئۇنىڭغا :" مەن سىنىڭ بىر ئارزۇيۇڭنى ئورۇنلاپ بېرىمەن ، قېنى ئېيىتىقىن " دەپتۇ ..ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەيلا :" ياپۇنىيە ئارىلىنى دېڭىزغا غەرىق قىلىۋەتكىن " دەپتىكەن ، تەڭرى ئوڭايسىزلانغان ھالدا :" بۇ تەلىپىڭ بەك قىىيىن بۇلۇپ كەتتى ، باشقىنى ئېيىتقىن "دەپتۇ ، ئۇ :" ئۇنداق بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بەرگىن ". تەڭرى تەرلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭغا :" ئالدىنقى ئارزۇيۇڭ نىمىدى ، ماڭا گۇلۇبۇسنى ئەكىلىپ بەرگىن ...." دەپتۇ.





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]