:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-15

    بىر يانفۇندا كۆپ نومۇر ۋە كۆپ يانفۇندا بىر نومۇرئىشلىتىش - [تور تەرمىلىرى]

    《بىر يانفۇندا كۆپ نومۇر ۋە كۆپ يانفۇندا بىر نومۇر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخنىكىسى》

    ئەسلى مەنبە :http://armanbilik.blogbus.com/logs/37689054.html

    ماقالە مەزمۇنى :

    بىر يانفۇندا كۆپ نومۇر ۋە كۆپ يانفۇندا بىر نومۇر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخنىكىسى-تەيۋەن يۇقۇرى پەن –تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئەقلى ئىقتىدارلىق SIMكارتسى, USBئېغىزلىق كارتا ئوقۇپ يازغۇچتىن پايدىلنىپ كارتدىكى ئۇچۇرلارنى خۇددى كومپىيوتېر ھۆججەتلىرىنى بىر ئۈسكۈنىدىن يەنە بىر ئۈسكىنىگە كۆپەيتكەندەك بىر ئىش بۇلۇپ بىر قانچە كارتىنىڭ نومۇرىنى بىر دانە ئەقلى SIM كارتىغا يىغىنچاقلاپ بىر يانغۇندا ئوخشاش بولمىغان SIM كارتا نومۇرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى ياكى بىر كارتا نومۇرىنى بىر قانچە ئەقلى SIM كارتىغا كۆپەيتىپ بىر قانچە يانفۇندا ئوخشاش بىر نومۇر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرستىدۇ. ھازىر بۇ تېخنىكا توردا “手机魔术卡”、“SuperSIM”、“一卡多号”、“手机超级SIM卡” قاتارلىق ناملاردا ئاتالماقتا.
    پىرىنسىپى: سىز بىرلەشتۈرمەكچى بولغان بارلىق يانفۇنSIM كارتىڭىزنىڭ نومۇرىنى (لىيەنتوڭ ۋە يىدوڭ نومۇرىنى بىر كارتىغا بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ) ئالاھىدە تېخنىكا ئارقىلىق بىر دانە ئەقلى ئىقتىدارلىق كارتىغا يىغىنچاقلاپ، ئاندىن ئەقلى ئىقتىدارلىق كارتا بىلەن سىزنىڭ ئەسلىدىكى يانفۇن كارتىڭىزنى سېلىشتۇرغاندا ، سىزنىڭ ئەسلىدە بار بولغان يانفۇن نومۇر كارتىڭىزدىكى سۆزلىشىش ھەققى بىر پۇڭ ئارتۇق كەم ئەمەس كۆچۈرۈلىدۇ.
    بىرىنچى مەسىلە: يانفۇن ئەقلى كارتىسى ( بىر كارتا كۆپ نومۇر一卡多号) نى ئىشلىتىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
    (1) پۇل تىجەشكە قولايلىق: سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئىككى –ئۈچ دانە يانفۇن كارتىسنىڭ بولۇشى ناھايىتى نورمال ئىش، بىراق پات-پاتلا يانفۇن كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ سېلىش ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇردىغان مەسىلە، مۇبادا يانفۇن ئەقلى كارتىسى بولسا ، يانفۇننى بىرلا ۋاقىتتا 1دىن 16گىچە نومۇرغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. يەرلىك ۋە سىرتنىڭ يانفۇن كارتىسى ( جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ،130،131،132،135،136،137،138،139،158،159 شىياڭگاڭ تېلگىرافى ، جۇڭگو تېلگىرافى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ GSM سېستىمىسى) غا بىر دانە يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ، قايتا-قايتا يانفۇن كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش ياكى كۆپلىگەن يانفۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشنىڭ زۈرۈرىيتى قالمايدۇ، كاماندىروپكىغا چىققاندا تېلفۇن ئېلىش ۋە تېلفۇن ئۇرۇشتا كۆپ مىقداردىكى رايۇن ئاتلاش يانفۇن خىراجىتىنى تىجەپ قالىدىغان بولۇپ پۇل تىجەشكە ناھايىتى قولايلىق .
    (2) سىگنال تۇلۇقلايدۇ:
    بىرلا ۋاقىتتا كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئىككى ئاساسى ئىستانسىنىڭ سىگنالىنى ئىزدەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ( مەسىلەن، ئەقلى ئىقتىدارلىق كارتىغا بىر دانە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسى ۋە بىر دانە كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىنى يىغىنچاقلىغاندا ) سىگنال ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ،سۆزلىشىشتە ئۈنۈمسىز رايۇن بولمايدۇ، كەلگەن تېلفۇن ئۇلانماي قېلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    (3) سۆزلىشىنىڭ توختاپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ: بىر يانفۇننىڭ تۇيۇقسىز پۇلى تۈگەپ كەتكەندە ، دەرھال يەنە بىر يانفۇن نومۇرىغا ئالمىشىپ ، كۆپلىگەن يانفۇن نومۇرلىرىنىڭ ھەممىسىدە خالىغان ۋاقتىدا تېلفۇن ئۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ سىزنى ھەرقانداق بىر سودا پۇرسىتى ياكى يىغىندىن قۇرۇق قالدۇرمايدۇ.
    (4) نومۇر ئالماشتۇرۇشتا يانفۇننى قايتا قوزغىتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق : يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى ئىشلەتكەندە ، لىنىيدە تېز سۈرئەتتە نومۇر ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ ( پەقەت بىر نەچچە سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ) يانفۇننى ئېچىپ كارتا ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداقلا كۆپلىگەن يانفۇنلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
    (5) شەخسى سىرىڭىزنى ساقلايدۇ؛ كۆپلىگەن نومۇر، ئوخشاش بولمىغان ئۇبىكىتلارغا ئوخشاش بولمىغان نومۇرلارنى ئىشلەتكەندە، سىز ھۆكۈمەت ۋە شەخسى ئىشلىرىڭىز ئارىسىدا ناھايىتى ئاسانلا خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ ، سىزنىڭ شەخسى ۋاختىڭىزنىڭ دەخلىگە ئۇچىرشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز، بەزى ئالاھىدە خىزمەتلەردە ، تالاش-تارتىشلارنى تەمتىرىمەي بىر تەرەپ قىلالايسىز،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىرتقا ئاشكارلىمايدىغان بىر يانفۇن نومۇرىنى ئىشلىتىپ ، يېقىن سۆيگىنىڭىز ياكى سىرداش دوستىڭىز ئۈچۈن تېلفۇن قىلىدىغان بىر مەخپى، قولايلىق ئۇچۇر قانىلى ئاچالايسىز .
    (6) بىر نومۇر ، كۆپ يانفۇن: بېنچى ياكى باشقا ئالى دەرىجىلىك ئىمپورت قىلىنغان ماشىنلارغا مۇبادا يانفۇن قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بولسا ، ئۇنداقتا سىز يانفۇنىڭىزنى ئېچىپ ، ئىچىدىكى كارتىنى چىقىرىپ ، ماشىنىغا سەپلەنگەن يانفۇنغا سېلىشىڭىز كېرەك، ماشىندىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە چىقىرۋېلىپ قايتىدىن يانفۇنىڭىزغا سېلىشڭىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاۋارىچىلىق. يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ، سىز ئەسلىدىكى يانفۇن كارتىسىنى ماشىنىغا سەپلەنگەن يانفۇن قۇرۇلمىسىغا سېلىپ قويۇپ ، كۆپەيتىلگەن يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى يېنىڭىزدىكى يانفۇنغا سالسىڭىز ناھايىتى ئاسانلا ئوخشاش نومۇرلۇق ئىككى يانفۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلا يانفۇننى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ، خىراجەت تىجەشكىمۇ قولايلىق بولۇپ ھەقىقەتەن بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ.
    (7) سىغىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ: سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنىڭ ساقلاش سىغىمىنى ئاشۇرۇدۇ: ئادەتتىكى يانفۇنلار SIM كارتا سىغىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقتىن ،كۆپىنچىسىدە پەقەت ئىككى يۈز ئەتراپىدا تېلفۇن نومۇرىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى سالغاندا سىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 ئادەمنىڭ تېلفۇن نومۇرى ۋە 40 گوروپپا ئۇچۇرنى ساقلىيالايسىز.
    (8) تېلفۇن نومۇرى مەڭگۈ يوقاپ كەتمەيدۇ،SIM غا قاچىلانغان يانفۇن نومۇرىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا بولمايدۇ ، مەن ئىلگىرى يانفۇن نومۇرىنى يانفۇندا ساقلىغان ئىدىم (چۈنكى ئادەتتىكى SIM كارتسى ئاللىبۇرۇن توشۇپ كەتكەن ئىدى) نەچچە قېتىم يوقۇتۇپ قويۇپ بىر قىسىم دوستلىرىمدىن تېلفۇن كەلگەندە مەن يەنىلا «سىز كىم» دەپ بىر دەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالاتتىم...
    (9) ماتېريالنى زاپاس قىلىش: سودىگەرلەرگە نىسبەتەن، يانفۇندىكى تېلفۇن دەپتىرى ماتېريالى ئادەتتە يانفۇننىڭ ئۆزىدىن كۆپ مۇھىم. يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى ئىشلەتكەندە ، سىز ئاددى بولغان ئوقۇش –يېزىش ئۈسكىنىسىنى (读写器) ئىشلىتىپ يانفۇندىكى ئۇچۇر ۋە يانفۇن نومۇر دەپتىرى قاتارلىق ماتېرياللارنى تېز سۈرئەتتە كومپىيوتېرغا كىرگۈزۈپ تەھرىرلەش ، ساقلاش ئېلىپ بارالايسىز، (كۆك چىش(蓝牙) ، ئىنفىرا قىزىل نۇر قۇرۇلمىسى(红外装置) قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتۋېلىشىڭىز ئارتۇقچە) ئەمدى سىز پەقەت يانفۇننى يوقتۇپ قويۇشتىن پەخەس بولسىڭىزلا بولىدۇ، سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىزغا ئەسلىدىكى يانفۇن كارتىڭىز زاپاس ساقلانغان بولغاچقا ، سىزنى ئەندىشىدىن خالاس قىلىدۇ.
    ئىككىنچى مەسىلە:
    (1) قايسى كىشلەر يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى(بىر كارتىدا كۆپ نومۇر ) ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ؟
    ئەقىللىق ئابۇنتلار: يەرلىك ۋە سىرتنىڭ كارتىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ ، سۆزلىشىش ھەققىدە %40 دىن كۆپرەك تىجەپ قالالايدۇ.
    سودا ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىندىغانلار: دائىم ئۇياق-بۇياققا قاتىراپ يۈرۈيدىغان ئۆلكە ئىچى-سىرتى ياكى دۆلەتلەر ئارا سودا قىلىپ يۈرىدىغانلار، ساياھەتچىللەر.
    قائىدە- يۇسۇن ئابۇنتلىرى: يانفۇن كارتىسىنى رەھبىرىڭىزگە،دوستىڭىزغا سوۋغا قىلسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
    كارخانا باشقۇرغۇچىلار: بىر يانفۇن قوش تور، تېلفۇنىڭىزنىڭ سىگنالى ھەر ۋاقىت تارتىپ تۇرغاچقا، ھەرقانداق بىر سودا پۇرسىتىدىن ئەسلا ئايرىلىپ قالمايسىز.
    ئاق ياقىلىقلار: ئومۇم بىلەن شەخىسنى ئېنىق ئايرىپ ، ئىشتىن چۈشكەندە يانفۇن كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئاۋارە قىلشىدىن ساقلانماقچى بولغانلار، ھەم مەخپىيەتلىكنى ساقلىغىلىغى ھەم ھۆرمەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
    ماشىنىسى بارلار: ماشىنىغا ئورنىتىلغان يانفۇن قۇرۇلمىسى ۋە ياندىكى يانفۇندا بىر دانەSIM كارتىسىنى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ، تېز ھەم قولايلىق.
    ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن ئابۇنتلىرى: چۈنكى ئۇلاردا ئادەتتە بىر دانە مەخسۇس تورغا چىقىش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان كارتا ۋە مەخسۇس سۆزلىشىشكە ئىشلىتىدىغان كارتا بولىدۇ.
    باشقا ئابۇنتلار: شەخسى سىرغا ئېتبار بېرىدىغانلار، تاللاپ تېلفۇن ئۇرىدىغانلار ياكى تېلفۇن ئالدىغانلار، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يانفۇن كارتىسى بار خادىملار...
    ئۈچىنچى مەسىلە: كۆپەيتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكى يانفۇن كارتامنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
    ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كۆچۈرۈش جەريانىدا ئەسلىدىكى يانفۇن كارتىسىغا ھىچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ. كۆچۈرگەندىن كېيىن ، سىز كۆپ نومۇرلۇق كارتا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي (بىر يانفۇننى كۆپ يانفۇن نومۇرىغا ئىگە قىلىش) ، سىز يەنە ئىككى دانە يانفۇن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ يانفۇندا ئوخشاش بىر نومۇرنى ئىشلىتەلەيسىز( ئالايلۇق، كۆپ يانفۇندا ئوخشاش نۇمۇر بولۇش) ، بۇنداق ئوخشاش نومۇرلۇق كۆپ يانفۇن شارائىتىدا ، ئىككى دانە يانفۇننىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تېلفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ،بىراق تېلفۇن كەلگەندە لىنىيدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يانفۇن قوڭغۇرىقى سايرايدۇ. ( بۇ يەردە دىيىلگەن لىنىيدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يانفۇن بولسا : ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ يانفۇنلار ئارىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلفۇن ئۇرغان ،قۇبۇل قىلغان ياكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچۇر يوللىغان ياكى قۇبۇللىغان يانفۇننى كۆرستىدۇ) .
    تۆتىنچى مەسىلە: كۆچۈرگەندىن كېيىنكى ئەقلى SIM كارتىنى ئىشلەتكەندە ئەسلىدىكى يانفۇن كارتىسى بىلەن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
    سىز ئەسلىدە ئىشلەتكەن يانفۇن كارتسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ، ئىشلىتىشتە ۋە سۆزلىشىش سۈپىتى جەھەتتە بولمىسۇن ھىچقانداق پەرق بولمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇ سىفىرلاشقان كۆچۈرۈش جەريانى سىز كومپىيوتېردا كۆچۈرگەن بىر دانە ھۆججەت ئەسلىدىكى ھۆججەت بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولغاندەكلا بىر ئىش.
    بەشىنچى مەسىلە :كۆچۈرگەندىن كېيىنكى ئەقلى SIMكارتىلىق ئوخشاش نومۇرلۇق يانفۇنلار ( ئوخشاش بىر نومۇرلۇق ئىككى دانە يانفۇن كارتىسىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى دانە يانفۇندا ئىشلىتىش) نىڭ سۆزلىشىش مەسلىسى ئوخشاش ۋاقىتتا پەقەت بىرلا يانفۇن نومۇرى توردا بولىدۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرىدا ئىككى ئوخشاش بولغان يانفۇن نومۇرىدا بىرلا ۋاقىتتا تېلفۇن ئۇرۇشقا بولىدۇ (ھەر ئىككىلا يانفۇندىن سۆزلىشىش ھەققى ئېلىندۇ) ، ئالدىنقى قېتىم ئەڭ ئاخىردا ئىشلەتكەن يانفۇن كېيىنكى قېتىملىق تېلفۇننى قۇبۇل قىلىدۇ. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نومۇرىدا ئوخشاش ۋاقىتتا پەقەت بىرلا يانفۇندا سۆزلەشكىلى بولىدۇ.
    تۆۋەندە بىر نەچچە خىل يانفۇن ئەقلى كارتىسىنى تۇنۇشتۇرىمىز:
    ئاق ئالتۇن كارتسى (白金卡):
    بىردىنبىر 50گوروپپا تېلفۇن دەپتىرىگە مەخپى نومۇر ئورنىتىش ۋە 20گوروپپا شەخسى ئۇچۇرغا مەخپى نومۇر ئورنىتىش .
    دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان ئۇچۇرغا مەخپى نومۇر قوشۇش ئىقتىدارى ، تاپشۇرۋېلىش ۋە يوللاشتا ئىككى تەرەپ ئوخشاش مەخپى نومۇر ئىشلەتكەندە ئاندىن قىسقا ئۇچۇر مەزمۇننى كۆرگىلى بولىدۇ.
    كەلگەن تېلفۇن خاتېرسىنى ساقلاش، سۆزلەشكەن ۋاقىتقا پۇل ھېسابلاش،IP دا خىراجەت تىجەش تېلفۇننى تەھرىرلەش.
    ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە ھازىرقى زامان، قەدىمقى زامان ئۈچ خىل يېزىقىنى قوللايدۇ.
    دەرىجىدىن تاشقىرى سىغىمدىكى تېلفۇن نومۇر دەپتىرى
    ئۈزەكچىسىگە ئەڭ مۇقىم بولغان «خەت شەكلى» گە ئىگە بولمىغان ئەندىزە ئىشلىتىلگەن، دۆلەت ئىچىدىكى تەقلىدى مەھسۇلاتلار قوللىنالمايدۇ.
    PUKپېن نومۇرى ئاقۇچ كۈلرەڭ بولۇپ ساختىسىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
    SimMax پىنگىۋىن كارتىسى (SimMax企鹅卡) : SimMax ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى ماسلىشىشچانلىق ۋە مۇقىملىققا ئىگە.
    دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قوش نومۇرلۇق كۈتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىككى نومۇرنىڭ كۈتۈش ۋاختىنى ئىختىيارى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، Aنومۇرنى ئۈچ سائەت B نومۇرنى ئىككى سائەت قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ.
    دەرىجىدىن تاشقىرى سىغىمدىكى تېلفۇن دەپتىرى 500 گوروپپىلىق ( بۇنىڭ ئىچىدە 250گوروپپىغا مەخپى نومۇر قوشۇشقا بولىدىغان تېلفۇن دەپتىرى) ، قىسقا ئۇچۇر 50گوروپپا.
    يانفۇن ئېكرانىدا خالىغانچە نومۇر تەھرىرلەشكە بولىدۇ (مەسىلەن، 13684901123نى يانفۇن ئۈستىگە چىقىرىش) .
    كارتىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىنگىلىزچە، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى،قەدىمى خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىل تاللاش لايھىلەنگەن.
    كەلگەن تېلفۇن خاتىرسىنى ساقلاش، سۆزلەشكەن ۋاقىتقا پۇل ھېسابلاش ،IP ھەق تىجەيدىغان تېلفۇن تەھرىرلەش ئىقتىدارى .
    نومۇر ئالماشتۇرۇش تېزلىكى ناھايىتى تېز ، پەقەت ئىككى سېكۇنتلا كېتىدۇ.
    MagicSimدەۋر كارتىسى (MagicSim十代卡)
    قوش نومۇر ئاپتوماتىك كۈتىدۇ، قوش سائەتنىڭ ۋاقىت ھېسابلىشى ئالمشىپ تۇرۇدۇ، كۈتۈش ۋاقتىنى خالىغانچە بەلگىلەشكە بولىدۇ ( مەسىلەن، A نى ئىككى سائەتB نى بىر مىنۇت قىلىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ) .
    يانفۇن نومۇرىنى يوشۇرۇش ئىقتىدارى: مەسىلەن، يانفۇن نومۇرى (1) نى يۇشۇرۇن قىلىپ قويغاندا ، باشقىلار نومۇر(1)غا تېلفۇن قىلغاندا ئاڭلايدىغىنى: «سىز چاقىرغان ئابۇنت ۋاقتىنچە ئۇلانمىدى، سەل تۇرۇپ ئۇرۇڭ» دىن ئىبارەت كۆرسەتمە ئاۋازى، ئەكسىچە «سىز چاقىرغان ئابۇنت يانفۇننى ئېتىۋەتكەن» دەيدىغان كۆرسەتمە ئاۋازى ئەمەس . بۇ ئىقتىدار ئەڭ دەسلەپ يولغا قويۇلغان MAGICSIM نىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىدارىدۇر.
    ئۇچۇرنى 80 گوروپپىغا چوڭايتىدۇ.
    تېلفۇن دەپتىرىنى 250گوروپپىغا كۆپەيتىش.
    تېلغۇن خاتېرسىنى ساقلاش ئىقتىدارى.
    ئېكراندا كۈتۈش ھالتىدىكى تېلفۇن نومۇرىنى خالىغانچە بەلگىلەش.
    كارتىدا ئۈچ خىل تىل تاللاش : ئىنگىلىزچە، قەدىمى خەنزۇ تىلى، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى.
    IP خىراجەت تىجەش نومۇرىنى لايھىلەش
    MAGICSIM ئەقلى كارتىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىغى بازاردىكى ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى.

    SuperSIM كارتىسى : بۇ كارتىنىڭ ئىقتىدارىمۇ يۇقۇردا دىيىلگەنلەرگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. SIMكارتىنىڭ ھازىرقى باھاسى تەخمىنەن 30 يۈەن، USB ئېغىزلىق كارتا ئوقۇغۇچىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 30يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ ، كومپىيوتېر ئاساسى بىلىمگە ئىگە ئابۇنتلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چۈشەندۈرشىگە ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ.
    بۇ كارتىنى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەن شەھرىمىزدىكى جوڭسەنلۇ يانغۇن بازىرىنىڭ ئىككىنچى قەۋتىدە ئۇچراتقان ئىدىم ، بىر دانە كارتا ئوقۇغۇچ بىلەن ئەقلى كارتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باھاسى 40يۈئەندىن 150يۈەنگىچە ئىكەندۇق( ئىلگىرىكى يىللاردا چىققىنىنىڭ باھاسى ئەرزان، ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردا چىققان كارتا ئوقۇغۇچ ۋە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق 2007-يىلىدىن كېيىن چىققان يانغۇن كارتىسىنىڭ شىفىرىنى يەشكىلى بولمايدۇ،چۈنكى يېڭى يانغۇن كارتىسىغا قوللىنىلغان قوغداش تېخنىكىسىنىڭ ئىقتىدارى بەك يۇقۇرى) .

    ئەسكەرتىش : ئاخىردا شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويمەنكى، مېنىڭ تۇنۇشتۇرغۇنۇم پەقەتلا بىر خىل تېخنىكا خالاس، بۇ تېخنىكىدىن قانداق مەقسەتتە پايدىلنىش ھەربىر ئابۇنتنىڭ ئۆز ساپاسىغا باغلىق ،ئەگەر سىز بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلنىپ باشقىلارنىڭ يانفۇن كارتا نومۇرىنى ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن كارتىسىغا كۆچۈرۋېلىپ «تېلفۇن ئۇرۇش مەندىن، پۇلىنى تۆلەش غۇجىكامدىن » بولۇپ قالسا قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىغىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

    بۇ يازما تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن  قېرىنداشلار بىلوگىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى .

     





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]