باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2009-04-14
《2008- يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر 》转发 - [تور تەرمىلىرى]
《2008- يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر Xinjiang 2008》
ئەسلى مەنبە:http://jeck.blogbus.com/logs/34491343.html
قىسقىچە مەزمۇنى :
بىز بۇ يىلمۇ ئۈتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جەميىتىنى يۈزەكى ھالەتتە بولسىمۇ كۈزىتىپ چىقتۇق. كۈزىتىش ئۇسۇلىمىز ئۈتكەن يىلى يېزىلغان تىمىلاردا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل يەنە قايتىلانمىدى.بىر قىسىم تۈرلەرنى قىسقارتتۇق ياكى ئۈزگەرتتۇق. كىلەر يەنە قىلىپ قالساق يەنىمۇ چوڭ ئۈزگىرىش بۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىمىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كۈز قارىشى. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ
2008-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش (خەۋەر)
ئىلان قىلىنىپ بولۇندى. تەپسىلى مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ.
ئادەملەر قىسمى
1. ئۈمۈرلۈك مۇۋەپپەققىيەت مۇكاپاتى: ھىسام قۇربانداڭلىق خەلىق چاخچاقچىسى ھىسام ئاكىنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەيمىز ۋە بۇ ئاددى تىمىمىز ئارقىلىق ھىسام ئاكىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرلەيمىز.
ئۇلىنىش: ئابرال بلوگىدا ھۆرىيەت تورىدا
2. يىللىق تۈھپىكار ئاتا ئانا: ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى سىدىق مەمەت ۋە ئانىسى پاتەمخان.
ئۇلىنىش: مەرىپەت بلوگىدا
3. يىللىق خالىس خەير ساخاۋەتچى: بىر سوم پىلانى پائالىيتىنىڭ باشلامچىسى ئەيساجان( ئىزدىنىش تورىدىكى ۋاپادارىم)
ئۇلىنىش: بىر سوم پىلانى تور بېتىدە
4. يىللىق كارخانا ۋە كارخانىچى: ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان
.ئۇلىنىش: ئاتلان شىركىتى دىيارىم بېتىدە.
5. يىللىق زەپەر قۇچقان ئۈمىتلىك ياش: ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت.
ئۇلىنىش: دىيارىم تورىدا ئۇيغۇر سوفت شىركىتى تورىدا
6. بۇ يىلدىكى يىڭى ئىسىم، يىڭى چىراي: ياسىن جېكسۇن.
ئۇلىنىش: ئىزدىنىشتە
7. بۇ يىل ئىچىدىكى چوڭ يۇقىتىش:
كومپوزىتور ھېكىم ھەسەنھۈرىيەت تورىدا، بىلىك تورىدا، نۇرقۇت تورىدا
جەميەت، ئۇچۇر تېخنىكىسى، تاراتقۇلار قىسمى
1. بۇ يىللىق ئەڭ ياخشى كىتاپ: يازغۇچى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى يازغان «سەمەندەر» رومانى.
ئۇلىنىش: بەرقى بوستان كىتاپ مەركىزى بىلىك
2. يىللىق ئەڭ ياخشى ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتى: ئىرپان ئېلېكتېرونلۇق لوغىتى IRPAN 2008
ئۇلىنىش: ئىرپان تورى بەرقى تورىدا
3. بۇ يىللىق ياخشى تور بىكەت: ئۇرخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورى
4. يىللىق ئەڭ ياخشى بلوگ: 80 خالتا بلوگى
( يۈكسەل بلوگى باھالاپ چىققان)
5. يىللىق تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى يازما:
Erturk نىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز».
ئۇلىنىش: دىيارىمدا بىلىقۇت تورىدا( ئاۋازلىق)
6. يىللىق تور چولپىنى: بىرزاد (ئىزدىنش تورى ئەزاسى، 80 خالتا بلوگى يازغۇچىسى)
7. يىللىق ئىجتىمائى قىززىق نوقتىلار
ئۇلىمپىك، مۇقىملىق، ۋېنچۋەندىكى يەر تەۋرەش، ئىقتىسادى كىرزىس، ئوباما، ئۈز ئانىسىنى خۇرلىغان ئايال، سۈت پاراشۇكى
8. بۇ يىلدىكى مودا، يۈزلىنىش:
توردا بلوگ يېزىش، ئىقتىسادچان بۇلۇش، ناۋا پروگراممىسىغا چىقىش
كۈڭۈل ئېچىش قىسمى
1. يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو، رىژىسسور:
مەمەتنىڭ 2008 - يىلى، شىرزات ياقۇپ2. يىللىق مۇنەۋەر سەھىپە\تۈر: مەدىنىيەت بوستانى
3. يىللىق مۇنەۋەر سەنئەتچى: ئابدۇكېرىم ئابلىز
4. يىللىق مۇنەۋەر رىياسەتچى: ئۈمىد غەنى
5. بۇ يىللىق جەلىپكار ئايال( قىز): تۇرسۇنئاي ئىبراھىم (ئۇسۇلچى)
6. بۇ يللىق جەلىپكار ئەر (يىگىت) : ئادىلجان ( 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى)تۈگىدى باشقا يەرگە كۈچۈرگەندە ئۇلىنىشى ۋە رەسىمى بىلەن كۈچۈرگەيسىزلەر. .
<جېك تور خاتىرسى >دىن ئېلىندى
历史上的今天:
كۆچۈرۈلمە : eot سىز تور بەتنى نۇرمال كۆرۈش 2009-04-14《2008-يىللىق شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ئىش 》转发 2009-04-14