باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2009-04-13
4-ماي تۆھپىكار ياشلىرىغا بېلەت تاشلاپ قويۇڭ ......(8نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز) - [خەۋەرلەر]
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومتىتى ، ياشلار بىرلەشمىسى < 4- ماي > ياشلار ھەركىتىنىڭ 90يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ، 2009- يىلى 20- ئاينىڭ 10-كۈنى 9- قېتىملىق 4- ماي ياشلار مېدالىنى تارقىتىش باھالاش پائالىيىتىنى باشلىدى ۋە جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن 110نەپەر ياشنى دەسلەپكى قەدەمدە باھالاپ ، قايتا قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق 32نەپەر (ئازسانلىق مىللەت 13نەپەر ، ئۇيغۇر 8 نەپەر ) ياشنى تەڭىرتاغ تورى ، شىنجاڭ ياشلار تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارا بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى . 4- ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە تەڭىرتاغ تورى ( www.tianshannet.com) ، شىنجاڭ ئىتتپاق كومتىتى تورى ( www.xjgqt.org) قاتارلىقلارغا چىقىش ئارقىلىق بېلەت تاشلىسىڭىز بۇلىدۇ ، يەنە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ( ئالاقىدار ئىشلارنى يەرلىك خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت زالىدىن سوراڭ ) ئاخىرى بېلەت نەتىجىسىگە ئاساسەن قايتا باھالاپ 4- ماي مەزگىلىدە موكاپاتلاش ئېلىپ بارىدۇ . ھازىرقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا 8نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىچىدە ئابدۇكېرىم ئابلىز 5619، ئابدۇراجى قادىر 3366، ئاسىمگۈل ئابدۇكېرىم 2547، ئەخمەت ئابلىز 2629، زايىدەم تۇرسۇن 10005، ئايگۈل قادىر 2370، ئابدىرىھېم يۈسۈپ 2384، دىلرەبا دولقۇن 3852 بېلەتكە ئېرىشكەن ، ھازىرقى ئەھۋالدا زايىدەم تۇرسۇن 2- ئورۇندا ، ئابدۇكېرىم ئابلىز 6- ئورۇندا تۇرغان ... قېنى قېرىنداشلار ، بىزمۇ بېلەت تاشلاپ قويمايمىزمۇ !؟
بېلەت تاشلاش ئادرىسى : http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=2