باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2009-03-31
ئالىمۇماي (alimama) مەندىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ - [توردىن پايدىلىنىش]
ئەمدى راسىتلا چاتاق بولغان ئوخشايدۇ ، بۈگۈن ئېلاننىڭ چېكىلىش ئەھۋالىنى كۈزىتىپ باقاي دەپ ، ئالمۇماينىڭ ئۆيىگە كىرسەم 你的网站已被禁止 按照点击方式 投放广告 دىگەن گەپ چىقىۋاپتۇ ، كۇلۇبقا كىرىپ جاۋاپ ئىزدىسەم ، باشقىلار < جاپا تاتماي ئېلانلىرىڭنى ئېلىۋەت > دەيدۇ ، قارىغاندا بېرەر كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان ئوخشايمەن . ئېلان باشقۇرۇشۇمغا كرىپ ، < چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسى > سۇنۇپ قۇيۇپ ئولتۇردۇم . بەلكىم ئالىمۇماينىڭ ئېلانى بىلەن تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولغان دوسىتلار ، بۇنداق ئىشلارغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغان
بۇلىشى مۆمكىن ، قايسىڭلارنىڭ بۇنداق كەچۈرمىشى بار ؟ قايسىڭلار بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى دەپ بېرەلەيسىلەر !؟
ھازىر رەسىملىك ئېلان ئورۇنلىرىمنى ھەممىسىنى مۇنداق ئېلان بېسىۋالدى ، بۇ ئېلان ھەقلىقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ھەقسىز ئېلانلىرىمۇ !؟ئالىمۇماينىڭ ئېلانىنى قويغۇچىلار چوقۇم < ئېلان كىلىشىمى> گە رىئايە قىلىشى كېرەك . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ، ئېلان ھېساۋاتى توڭلىتىلىدۇ . بۇنىڭدا ئاساسلىقى دېققەت قىلىدىغان بىر قانچە نوقتا بارئىكەن :
1. ئالىمۇماينىڭ ئېلانى ئاساسلىقى ۋاقىت پىرىنسىپى بۇيىچە كىرىم قىلىنىدىغان ئېلانلار ، ئەگەر سىز چىكىشكە كىرىم قىلىدىغان ئېلانلارنى قويسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ ھېسابىڭىزنى توڭلىتىدىكەن .
2. ئەگەر مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچرىسىڭىز سىز ئالدىراپ ئېلانلارنى ئېلىۋەتمىسىڭىزمۇ ( چىكىلىشكە كىرىم قىلىدىغان ئېلاندىن باشقا ) ، ئالىمۇماي كېلىشىم بويىچە ۋاقىت پىرىنسىپى بىلەن كىرىم قىلىنىدىغان ئېلانلارنى سىزگە تەۋسىيە قىلىدىكەن ، يەنىلا داۋاملىق كىرىم قىلىۋېىردىكەنسىز ..