:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-03-09

    بىزنىڭ ئادەملەر [شئېر ] - [لېرىك ئەسەرلەر]

    ئاپتۇرى :  ئابدۇلئەھەت ئىسمائىل ( بۇ شئېرنى مەن ئىنتايىن ياقتۇرىمەن ، ھەر قېتىم ئوقۇغاندا تىنىقلىرىم تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ، ھەي !)

    يەكمۇ يەك سوقۇشار بىر جۇپ خورازجان ،
    پۇتى قان ، باغرى قان ، يۈز-كۆزلىرى قان .
    تاماشا كۆرگىلى يوق بىر مىكيان ،
    تاماشا كۆرىدۇ بىزنىڭ ئادەملەر .

    قەھىرلىك سوقۇشار بىرجۇپ قوشقارۋاي ،
    قىزىللىق تىقىلار كۆزىگە ھاي-ھاي .
    دىمەيدۇ ھېچ بىرى < ئارقامغا ياناي >،
    پەيزىنى سۈرىدۇ بىزنىڭ ئادەملەر .

    ئىككى ئىت قاۋىشىپ ، چىشلەپ -تالىشار ،
    ( ئىتنىڭغۇ ئەسلىدە يۈزىدە تۈك بار .)
    دىمەيدۇ ھېچ بىر < ئەمدىغۇ بۇلار >،
    كۈش-كۈشلەپ تۇرىدۇ بىزنىڭ ئادەملەر .

    غەزەپلىك مۇشتلىشار، بىرجۇپ قىران ياش ،
    قۇۋمى بىر ، يۇرتى بىر ، قانۇ -قېرىنداش .
    يوقتۇر ھېچ بىرىدە كەچۈرۈم سوراش ،
    قاھ-قاھلاپ كۈلىدۇ بىزنىڭ ئادەملەر .

     





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]