:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2008-12-21

    ئۇيغۇر دىيارىدىكى 6 مىلياردېر ۋە بىر نانغا زار ئۇيغۇرلار - [باش بەت]

    ئۇيغۇر دىيارىدىكى 6 مىلياردېر ۋە بىر نانغا زار ئۇيغۇرلار

    2007.يىل 800 نەپەردىن ئارتۇق مىلياردېرىنىڭ بايلىقى شىددەت بىلەن ئاشقان، شۇنىڭغا ئەگىشىپ شىنجاڭدىكى بايلارنىڭ بايلىقىمۇ ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا زور ھەجىمدە ئاشقان. شىنجاڭدىكى بايلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغىنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كەسپى مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ لىدىرى سۈن گۇڭشىن . سۈن گۇڭشىننىڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىجارەتنى سويۇقلاندۇرۇلغان نىفىت گازى ۋە تەبىىي گاز سېتىشتىن باشلىغان، شۇ ۋاقتتا بىر خۇسۇسىي كارخانىنىڭ سويۇقلاندۇرۇلغان نىفىت گازى، تەبىى گاز ئىشلەپچىىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش تىجارىتىگە يول قويۇلغانلىقى پۈتۈن مەملىكەتتە غولغۇلا قوزغىغان( شۇ ۋاقتتا مەملىكىتىمىز قانۇنىدا خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ سويۇقلاندۇرۇلغان نىفىت گازى ۋە تەبىىي گاز سېتىشى چەكلەنگەن ئىدى ). 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سۈن گۇاڭشىن يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياغ زاۋۇتى، ئاشتۇزى شىركىتىنى سېتىۋالغان. گۇاڭخۇي شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى تاش ماتىرىياللار، كۆمۈر قاتارلىق تىجارەت مەنبە ۋە تۈرلىرى مۇشۇ خىل يوللار ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ۋە تەرەققى قىلغان. بايلىقى ئالدىنقى يىلىدىكى 4 مىليارد 500 مىليۇندىن كۆپىيىپ 8 مىلياردقا يەتكەن. شىنجاڭ خۇا لىڭ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى مى ئىنخۇانىڭ بايلىقى بولتۇرقىدىن 1 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، 4 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. شىنجاڭنىڭ بولتۇرقى پۈتۈن مالىيە كىرىمى 48 مىليارد 400 مىليۇن يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىليادىرلار تىزىملىكىدىكى شىنجاڭدىكى 6 نەپەر مىليادر ئىگىلىىگەن بايلىق 17 مىليارد 300 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا شىنقاڭدىكى 6 نەپەر زەردارنىڭ ئىگە بولغان بايلىقى بولتۇرقى ئاپتونۇم رايۇنىمىز مالىيە كىرىمىنىڭ %30 ئىگە تەڭ بولغان.
    بۇ يىلقى زەردارلار سەھنىسىسدە شىنجاڭدا يېڭى بىر مىليادىر شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسىفورماتۇر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرى جاڭ شىن. شىنجاڭدىكى زەردارلار سەھىنىدە كىيىنكگىرەك تىزىلغان، لىكىن بۇ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ قالاق، ئارقىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. خۇ رۇي " شەنشىدىكى ئەڭ باي زەردارنىڭ بايلىقى شىنجاڭدىكى ئەڭ باي زەردار بايلىقىنىڭ ئاران يېرىمىچىلىك چىقىدۇ. زەردارلار سەھنىسى ئولىمپىكقا ئوخشايدۇ، لىيۇ شىياڭ تىز يۈگۈرگەچكە ئالتۇن مىدال ئالدى، لكىن ئو پەقەت جوڭگۇدىكى ئەڭ تىز يۈگۈرىدىغانلارنىڭ ۋەكىلى، زەردارلار سەھنىسىدىكى زەردارلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ، شىنجاڭدا چوقۇم تېخىمۇ كۆپلىگەن زەردارلار بار، پەقەت بايقالمىغان ياكى بايقىلىشىنى ئۆزى خالىمايدۇ خالاس " دىدى. خۇ رۈي" شىنجاڭدىكى 6 نەپەر زەردارنىڭ بىر ئوخشاش ئالاھىدىلىكى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقى رايۇنلاردىن كەلگەن كۆچمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى شەندۇڭدىن كەلگەن، ئۇلار 90 يىللارنىڭ ئوتۇرىلىرىدا سودىغا كىرىشكەن. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قارىتا شىنجاڭدىمۇ تالاش - تارتىش بولدى" دىدى. نامى داڭلىق بولغان دىلوڭ گورۇھىنىڭ لىدىرى تاڭ ۋەنشىڭ ئاىلىسىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئويغا سالغان. شىنجاڭلىقلار شىنجاڭدا ئاشۇنچە كۆپ زەردار چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، بىراق بىز نامراتلىق دەستىدىن جان تالىشىۋاتقان سانسىزلغان قېرىنداشلىرىمزنى ئونۇتۇپ قالساق بولمايدۇ.. پەقەت ئۇلارلا بىزنىڭ دىققىتىمىزغا ئەرزىيدۇ، پەقەت ئۇلارلا ھەقىقى شىنجاڭلىق، ئۇلار تېخىمۇ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە. ش ئۇ ئا ر دىكى 20 مىليۇن 500 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %60 ئىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز سانلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ %80 ئى دېھقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 1 - كەسپ بىلەن شوغۇللىنىش نىسبىتى يۇقىرى. بۇ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلار ئىجتىماىي پارۋانلىق كاپالىتى يوق مۇھىتتا ئىشلەيدۇ، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى يەنە %80 ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتى 2 يۈەنگە يەتمەيدۇ. بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ %40 - % 30 ئەتراپىدىكىنىڭ ياكى خىزمىتى ياكى يىرى يوق ( ئۇلار ئاتالمىش ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى دىيىلىدۇ )، چەت يەرلەشتۈرۈلگەن، ( ھېچقانداق ئاممىۋى مۇلازىمەت ياكى ئىجتىماىي پاراۋانلىققا ئېرىشەلمەيدۇ،)، ئۇلار كەمسىتىلىدۇ، ئۇنتۇلىدۇ، لىكىىن ئۇلار جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ھەقىقى نامرات ۋە ئاجىزلاردۇر.
        ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى ۋە تەكشۈرۈشىدىن ئېنىقلىنىشىچە ش ئۇ ئا ر نىڭ تۇرمۇش نامراتلىق چېكى ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتى 2 يۈەن بولۇش ئىكەن. لىكىن ش ئۇ ئا ر ئىنىڭ جەنۇبىىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەخمىنەن %60 ئىنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتى 2 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىكەن. ش ئۇ ئا ر نىڭ بازارلىرىدا 2 يۈەنگە ئادەتتە بىر نان، بەزى جايلىرىدا 2 نان ياكى 1 - 2 سامسا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، يېزىلارنىڭ سەي - كۆكتات بازىرىدا 3 - 4 كىلوگرام ياڭيۇ ياكى تاتلىق ياڭيۇ ياكى 2 - 3 دانە قوغۇن ياكى 1 - 2 كىلوگرام ئۈزۈم سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە كۇچا دوقمۇشىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلۋاتقان بالا ياكى ئايال بىر كۈندە ئاز بولغاندا 2 - 30 يۈەنگىچە پۇل تىلەپ تاپالايدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇ قاتارلىق كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ %20 ئىگە يېقىن كىشى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار قانۇن بويىچە مااش ئالىدۇ، ئىجتىماىي مۇلازىمەت ۋە داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. خەۋەرلەردە ئېيىتىلىشىچە ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن مەدىكارلارمۇ 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى داۋالىنىش سوغۇرتىسى ۋە سوممىسى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆمۈر سوغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولىدۇ. لىكىن ئەۋلادىن - ئەۋلادقا مۇشۇ زىمىندا ياشاپ كەلگەن دېھقانلار، مەدىكارلار ۋە ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرى ئەزەلدىن بۇنداق ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە پاراۋانلىقتىن بەھىرلەنگەن ئەمەس.

    ماتېرىيال : 2006 - يىلىدىكى سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭ نوپۇسى 20 مىليۇن 500 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 9 مىليۇن 413 مىڭ 796 نەپەر، خەنزۇلار 8 مىليۇن 121 مىڭ 588 نەپەر، قازاقلار 1 مىليۇن 434 مىڭ 969 نەپەر، خۇيزۇلار 909 مىڭ 600 نەپەر، قىرغىزلار 175 مىڭ 868 نەپەر، مۇڭغۇللار 174 مىڭ 641 نەپەر، تاجىكلار 43 مىڭ 500 نەپەر، شىبەلەر 41 مىڭ 934 نەپەر، مانجۇلار 24 مىڭ 100 نەپەر، ئۆزبىكلەر 14 مىڭ 200 نەپەر، رۇسلار 11 مىڭ 395 نەپەر، داغۇرلار 6568 نەپەر، تاتارلار 4693 نەپەر، باشقا مىللەتلەر 119 مىڭ نەپەر.

    مەنبە : مېھرى شەپقەت تورى





    评论

  • مىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز...<<يىگانە بلوگى>>
    ئادرىس: http://yigana0998.blogbus.com/
    博主 对 yigana0998 的回复: 2009-04-06 20:31:29
    رەھمەت ! ئۆز -ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالايلى .....ھەمكارلىق !!

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]