:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-21

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى - [مائارىپ قانۇنلىرى]

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى   
     
    (1993 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) }1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
    1 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىلىنىشىگە ۋە كەسپىي سۈپەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قانۇن تۈزۈپ چىقىلىدى. "

    2- ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا مەخسۇس تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.   
    3 - ئوقۇتقۇچىلار تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان كەسپىي خادىملار بولۇپ ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەم ئادەم تەربىيىلەش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتقۇچىلار خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى كېرەك.   
    4 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىدىيە - سىياسىي تەربىيە ۋە كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.   
    پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.

     5 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ.
    گوۋۇيۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، ئوقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 6 - ماددا ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولىدۇ. 2 - باب ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت
    7 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:(1) تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇش؛ (2) ئىلمىي تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، كەسپىي ئىلىم تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، ئىلىم پائالىيەتلىرىدە تولۇق پىكىر بايان قىلىش؛
    (3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش؛ (4) ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئېلىپ دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛  (5) مەكتەپنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش؛ (6) بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا شەكىلدىكى تەربىيىلىنىشلەرگە قاتنىشىش. 8 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:(1) ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش؛  (2) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قائىدە - تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش ئەھدىنامىسىنى ئادا قىلىش، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛  (3) ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپ تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، قانۇن - تۈزۈم تەربىيىسى، شۇنداقلا ئىدىيە - ئەخلاق، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش؛  (4) بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاق - پەزىلەت، زېھنىي كۈچ، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛  (5) ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش؛  (6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيە - سىياسىي ئېڭىنى، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.

    9 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: (1) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش؛ 
    (2) زۆرۈر كىتاب، ماتېرىيال ۋە باشقا تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش؛ 
    (3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات داۋامىدىكى ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام بېرىش ۋە ياردەم قىلىش؛    
    (4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى چەكلىشىنى قوللاش. 

    3 - باب سالاھىيەت ۋە ئىشقا قويۇش

    10 - ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

    جۇڭگو پۇقرالىرىدىن، ئومۇمەن ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ياخشى ئىدىيە - ئەخلاققا ئىگە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، لاياقەتلىك دەپ ئېتراپ قىلىنغانلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 

    11 - ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى:

    1( بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، بالىلار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ 

     
    2) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئوتتۇرا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ 4f

    3(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە تولۇقسىز كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئالىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛

     


    4) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت دەرسى، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئالىي دارىلمۇئەللىمىن ئىنستىتۇت مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرسىنى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئوقۇش تارىخى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛

     


    5( ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛

      
    6) چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، چوڭلار مائارىپىنىڭ قاتلىمى، تۈرى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك. K]bw1K K  
    بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى لازىم. دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئىمتىھانى تۈزۈمى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

     


    12 - ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇتقۇچلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغانلىرىغا قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئۆتكۈنچى چارىسى بەلگىلىنىدۇ.

     


    13 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنى تەشكىللىشى ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان مەكتەپەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.


    بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئاساسەن ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

    ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خادىملار تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بولۇشى كېرەك. 4


    14 - ماددا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ياكى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 

      
    15 - ماددا ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.


    دۆلەت غەيرىي دارىلمۇئەللىمىن ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

      
    16 - ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت چارە گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

      
    17 - ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي يولغا قويۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.


    ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ قەدەم - باسقۇچى، چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 13lJ

      
    4 - باب يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش

    18 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دارىلمۇئەللىمىن مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇنەۋۋەر ياشلارنى ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتەپلىرى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.غەيرىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

    ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كەسپىي مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    19 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ خىل شەكىلدە ئىدىيە - سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىشى كېرەك

    داۋامى كىيىنكى يازمىدا يوللىنىدۇ





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]