باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • توققۇزىنچى سۈرىتىم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2011-01-22

    خەتكۈچ: شېئىر

    بۇ شېئىرنى ئوقۇشتىن ئاۋال تورداشلارنىڭ ئاتالمىش " ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچاقخانا" نى چۈشىنىۋىلىشى ئۈچۈن 2007-يىللاردا يازغان تۆۋەندىكى شېئىرىمنى قوشۇپ يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. ( بىرقىسىم سۆزلەرنى تېمامنىڭ ئاخىرىدا ئىزاھلاپ قويدۇم، چۈشەنمەيدىغان سۆزلەر ئۇچرىغاندا، تېمامنىڭ ئاخىرىغا قارارسىلەر)

    ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا

    تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي

     

    ۋېۋىسكاڭ بار بەكمۇ چىرايلىق،

    ھەر كىشىنىڭ زوقى كەلگۈدەك.

    ئىشتىھايىڭ ئاجايىپ ياخشى،

    مىليۇن پۇلنى يالماپ يۇتقۇدەك.

     

    مىغىلدايدۇ ئىچىڭدە ئادەم،

    نىجاسەتكە قونغاندەك چىۋىن.

    كىرەر چاغدا كۈلۈپ كىرگەنلەر،

    چىقار چاغدا كۈلەلمەس لېكىن.

     

    ھەممە ئادەم چېكەر تاماكا،

    چىرمىۋالغاچ قەلبىنى ھەسرەت.

    لەيلەيدۇ ئىس لەرزان رەۋىشتە،

    ئۆي ئىچىنى باسقاندا غەپلەت.

     

    ئاڭلىنىدۇ تەرەپ- تەرەپتىن،

    " شاڭ فىر"(1) دېگەن  ۋەيرانە ئاۋاز.

    جىم تۇرماستىن پۇللار يانچۇقتا،

    دوزاخ تامان قىلىدۇ پەرۋاز.

     

    يەتتە باشلىق يالماۋۇز بولۇپ،

    پۇل يۇتىدۇ ئويۇنچۇقلىرىڭ.

    كېچىدىمۇ ئىشىكىڭ ئوچۇق،

    ئۆكسۈپ قالماس خېرىدارلىرىڭ.

     

    بىر مىنۇتلۇق بولماس يۈز يۈەن،

    (يۈز يۈەن ئەمەس نەچچە مىڭ يۈەن)

    نۇرغۇن ئادەم ئۆچرەتتە تۇرۇپ،

    شاتلىقىغا پىچىدۇ كېپەن.

     

    قۇرۇغدىلىپ چىقار ھەممىسى،

    كىرمەسلىككە قەسەم قىلىشىپ.

    پۇل تاپسىلا كىرىدۇ يەنە،

    قالغاندەكلا خۇددى ئىلىشىپ.

     

    ئازدۇرىسەن كىمنى كۆرسەڭلا،

    پاھىشىدەك ساختا نازلىنىپ.

    ئالدانغانلار بەك كۆپتۈر ساڭا،

    كۈلەر ئىدۇق كەتسەڭ تاقىلىپ.

     

    توققۇزىنچى سۈرىتىم

    ( "سەككىز سۈرىتىم" نىڭ داۋامى ئورنىدا)

    تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي

     

    قىمار ئويناپ ئۆتتى تالاي كۈنلىرىم.

    تاڭلارغىمۇ ئۇلاندى گاھ تۈنلىرىم.

    چاپاق بىسىپ، خۇنۈكلەشتى كۆزلىرىم،

    ئېيىتسام- ئېيىتسام تۈگىمەيدۇ سۆزلىرىم.

    تولا سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن...