-
" دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە ئىككى ماقالە - [تاغدىن- باغدىن]
2010-12-11
" دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە ئىككى ماقالە
مەن تور ئارىلاش ۋە ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئىككى ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن ئۇ ئىككى ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولدۇم. قارىسام بۇ ئىككىلى ماقالىدە ئانچە - مۇنچە كەمچىلىكلەر بار ئىكەن، لېكىن بۇ ئىككى ماقالە بىر-بىرنىڭ كەمچىلىكنى تولۇقلىيالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەندە بۇ ئىككى ماقالىنى بلوگىمغا جەم قىلىپ تورداشلارنى " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى توغرىسىدا، چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ يىقىنلىشىپ قالغانلىقىغا قارىماي تورخانىغا يۈگۈردۈم- دە ئىشنى باشلىۋەتتىم.
" دوكتۇر ئاشتى " دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى
غوجائەخمەت يۇنۇس
جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى- يېڭى شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كىلىپ تۇرىدۇ، بۇ يېڭى شەيئىلەرگە ئاقىدار يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىش، مۇقىملىشىش جەريانى بولىدۇ، ئۇلاردىن مۇۋاپىق قويۇلغانلىرى قوللىنىش جەريانىدا مۇقىملىشىدۇ. مۇۋاپىق بولمىغانلىرى قوللىنىش جەريانىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، توغرىسى مۇقىملاشتۇرىلىدۇ.
ھازىر بەزى گېزىت- ژورناللىرىمىز، كىتاب- ماتىرىياللىرىمىز، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروەىراممىلىرىمىزدا " دوكتۇر ئاشتى " دەپ قوللىنىلىۋاتقان " پوسىتدوكتۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئامرېكىدا پەيدا بولغانلىقىغا 132يىل بولغان بولسىمۇ، پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا يولغا قويۇلغانلىقىغا ئاران 23 يىل بولدى. دېمەك بۇ تۈزۈم مەملىكىتمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا يېڭى ئىش. شۇڭا " پوستدوكتۇر " دېگەن ئاتالغۇنى " ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى" قاتارلىق ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلمىگەن.
" پوستدوكتۇر " دېگەن ئاتالغۇ خەنزۇ تىلىدا 博士后دەپ ئاتىلىدۇ ۋە يېزىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا 1992-يىلى 10- ئايدا " ئالىي دوكتۇر" دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ئاتالغۇ بىر مەزگىل شۇنداق قوللىنىلغاندىن كىين " دوكتۇر" دېگەن ئىلمىلي ئۇنۋاننىڭ ئالىي، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىكى بولمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 1993-يىلى " دوكتۇر ئاشتى" دەپ بېكىتىلگەن. " دوكتۇر ئاشتى" دېگەن ئاتالغۇدىن بۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى " مانا مەن " دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتالغۇنىڭمۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغانلىق ھېس قىلىنغان. ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى 1994-يىلى بۇ ئاتالغۇنى ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى بويىچە " پوستدوكتۇر" دەپ قوللىنىشىنى بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن 1995-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە نەشىر قىلىنغان " قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار لۇغىتى" ( مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى9-ئايدا نەشىر قىلىنغان)، " خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار" ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىل 4- ئايدا نەشىر قىلىنغان)، " خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان يېڭى سۆز-ئاتالغۇلار لۇغىتى"( شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىل 9-ئايدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئۈچ لۇغەتتە بۇ ئاتالغۇ بىردەك " پوستدوكتۇر" دەپ ئىلىنغان. بۇ ئۈچ لۇغەتنىڭ باش تەرىپىگە ش ئۇ ئا ر، مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومېتىتى ۋە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش بېكىتىش كومېتىتى تەرىپىدىن يېزىلغان " كىرىش سۆز" نىڭ ئاخىرىغا " بارلىق ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئاتالغۇلارنى مۇشۇ لۇغەتتىكىسى بويىچە قوللىنىشىنى سورايمىز " دېگەن تەلەپ قويۇلغان. دېمەك " دوكتۇر ئاشتى " دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىستىمالدىن قالدۇرۇلغانلىقغا 14 يىل بولدى.
ئەمدى " پوستدوكتۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ كىلىپ چېقىشىى ، ئۇنىڭ بېرىدىغان مەنىسى ۋە پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ مەملىكىتىمىزدە يولغا قويۇلۇش جەريانى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى...