-
ئامېرىكىدىكى روجەكلەردىن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزغا نەزەر - [نادىر ماقالىلەر]
2010-11-26
-تورلىرىمىز ئۇيغۇرغا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
تورلىرىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيسى ھەققىدە
ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈش بەكمۇ خەتەرلىك. تور ئالدىدىن تۇرۇپ كېتىپ ياتىقىمنىڭ رۇجەكلىرىدىن خەلىقئارالىق ساياھەت شەھرى ھونولۇلۇنىڭ بىپايان كەچلىك مەنزىرسىگە ھەر قېتىم خىيال بىلەن باققىنىمدا، ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرگۈچىلەرنى ئويغىتالمىغاندىمۇ تۈرتۈپ قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا تورنىڭ چوڭ رولى بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئالدىن كۆرەر ، پاراسەتلىك )تالانتلىقلا ئەمەس(يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر"ھېكايىسىدىكى پېرسۇناژ سانسىزلىغان توچكىلارغا ئايلىنىپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ. ئۇيقۇ يېرىم ئۆلۈم، ئەمما ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈشچۇ؟ تىرىك ئۆلۈم)بۇ ئىككى سۆزنىڭ ماسلىششدىكى شەكلەن لوگىكىسزلىقتىن ئەپۇ سورايمەن . ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا ، يىراقنى كۆرەر باشقۇرغۇچىلىرىمىزدا ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرىۋاتقانلارنى ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇش ، قىزغىن تورداشلارنى ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەش ئىمكانىيتى بار . ئىمكانىيەت بولغانىكەن ، پىلان-مەقسەتنى ئەقلىي ھەرىكەتكە ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش ئەلۋەتتە مۇمكىن .بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەقسەت ۋە ئۈنۈم -تورغا كىرىدىغانلار ئارىسىدا ئەقلىي كىشىلەرنى ئاۋۇتۇش ، ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ، ئازابلىق رېئاللىقنى تەكرار-تەكرار ھېس قىلدۇرۇش بىلەنلا قالماي بۇ ئازابتىن ئەقىل بىلەن قانداق قۇتۇلۇشنى ئۆگىتىش. ئۇنداقتا تور باشقۇرۇشتىكى ، ماقالە تاللاشتىكى ئۆلچەم نېمە بولۇشى كېرەك؟ بۇ يەردىكى ئۆلچەم دەل ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا پايدىسى بارمۇ يوق!ئاۋامنىڭ ئىدىيسىنى توغرا ياكى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەمدۇيوق! دېگەنلەردىن ئىىبارەت بولۇشى كېرەك . ئاندىنچۇ؟ خەلىق ھەممىمىزگە ئورتاق بولغاندىكىن ، كاللىمىزدا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ خىزمەت قىلىش)مەن كۆپلىگەن تور باشقۇرغۇچىلىرىدا بۇ ئاڭنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنىڭدىن سۆيىنىمەن( ئېڭى ئورتاق بولغاندىكىن ، ھەرىكەتنى ، قەدەمنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك ، غەرب سىياسىي ئىلمىدا تەكىتلىنىدىغان ، بىر جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان "كوللىكتىپ ھەرىكەت(collective action)" ئېڭى ۋە پائالىيەت ئەخلاقى (activity morality) ئۇمۇمغا مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك . ئادەم ئوخشىمىغانىكەن ، قىزىقىش ، ئىدىيە ،پىكىرلەردە پەرق بولۇشى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە زىددىيەت كۆرۈلۈشى تەبئىي . كوللىكتىپ ھەرىكەت ئېڭى ۋە پائالىيەت ئەخلاقىنىڭ مەقسىتى دەل ئومۇم مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى كىچىك زىددىيەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشنى ئۆزىگە بىر تۈرلۈك شەرت قىلىدۇ. مەن جەمئىيتىمىزدىكى تېپىشماقلىق سۇئاللارغا نەزەرىيۋى جەھەتتىن جاۋاب تېپىش ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى تاللىدىم. جەمئيەتشۇناسلىق نەزەرىيلىرىدە بىزنى گاڭگىرىتىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەكلىكى ئاللىبۇرۇن دېيلىپ بوپتۇ ، دۇنياۋى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تېمىلار ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرى قۇرۇق گەپ ئەمەسكەن. گەپ ئۇنى ئەمەلىيەتكە قانداق تەدبىقلاشتا قاپتۇ. تەدبىقلاشتىكى بىرىنچى قەدەم - رېئاللىقنى ۋە ئۆزىنى خاتا تونۇۋالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەرسان روھىي دۇنياسىغا توغرا ئۇسۇلدا ساغلام ئىدىيىلەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش . كونا-خاتا ئىدىيە دېگەن ئادەمگە جىن چاپلاشقاندەك يېپىشىدۇ. ئەمدى تورچىلىقىمىزدىكى زېرەك قەلەم ساھىبلىرىمىزنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر شەرەپلىك ۋەزىپىسى ئاشۇ رودىپاي ئىدىيەلەرگە قانداق جەڭ ئېلان قىلىش. بۇنداق قىلىشتا تورنىڭ رولى كۆپ. نەشىرىياتچىلىقىمىزنىڭ، رادىئو-تېلىۋىزىيەچىلىكىمىزنىڭ ئالدىدا قاتمۇ-قات توساق ۋە ئۆتكەللەر بولغاچقا ، ئاۋامنى توغرا يېتەكلەش جەھەتتە چەكلىمىلىكى بار . ئۇلار ئىدىئولوگىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئەمسە تورچۇ؟ تور يېزا-قىشلاقلارغا ، نامرات ئائىلىلەرگە بارالمىغىنى بىلەن ئۇچۇرچانلىقى ، ئاممىباپلىقى ۋە زەرەتچانلىقى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . ئۇنداق بولغانىكەن ، ئاۋامنى ئىدىيە جەھەتتىن توغرا يېتەكلەشتە تورچىلىقىمىز تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ...