باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • توققۇزىنچى سۈرىتىم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2011-01-22

    خەتكۈچ: شېئىر

    بۇ شېئىرنى ئوقۇشتىن ئاۋال تورداشلارنىڭ ئاتالمىش " ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچاقخانا" نى چۈشىنىۋىلىشى ئۈچۈن 2007-يىللاردا يازغان تۆۋەندىكى شېئىرىمنى قوشۇپ يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. ( بىرقىسىم سۆزلەرنى تېمامنىڭ ئاخىرىدا ئىزاھلاپ قويدۇم، چۈشەنمەيدىغان سۆزلەر ئۇچرىغاندا، تېمامنىڭ ئاخىرىغا قارارسىلەر)

    ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا

    تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي

     

    ۋېۋىسكاڭ بار بەكمۇ چىرايلىق،

    ھەر كىشىنىڭ زوقى كەلگۈدەك.

    ئىشتىھايىڭ ئاجايىپ ياخشى،

    مىليۇن پۇلنى يالماپ يۇتقۇدەك.

     

    مىغىلدايدۇ ئىچىڭدە ئادەم،

    نىجاسەتكە قونغاندەك چىۋىن.

    كىرەر چاغدا كۈلۈپ كىرگەنلەر،

    چىقار چاغدا كۈلەلمەس لېكىن.

     

    ھەممە ئادەم چېكەر تاماكا،

    چىرمىۋالغاچ قەلبىنى ھەسرەت.

    لەيلەيدۇ ئىس لەرزان رەۋىشتە،

    ئۆي ئىچىنى باسقاندا غەپلەت.

     

    ئاڭلىنىدۇ تەرەپ- تەرەپتىن،

    " شاڭ فىر"(1) دېگەن  ۋەيرانە ئاۋاز.

    جىم تۇرماستىن پۇللار يانچۇقتا،

    دوزاخ تامان قىلىدۇ پەرۋاز.

     

    يەتتە باشلىق يالماۋۇز بولۇپ،

    پۇل يۇتىدۇ ئويۇنچۇقلىرىڭ.

    كېچىدىمۇ ئىشىكىڭ ئوچۇق،

    ئۆكسۈپ قالماس خېرىدارلىرىڭ.

     

    بىر مىنۇتلۇق بولماس يۈز يۈەن،

    (يۈز يۈەن ئەمەس نەچچە مىڭ يۈەن)

    نۇرغۇن ئادەم ئۆچرەتتە تۇرۇپ،

    شاتلىقىغا پىچىدۇ كېپەن.

     

    قۇرۇغدىلىپ چىقار ھەممىسى،

    كىرمەسلىككە قەسەم قىلىشىپ.

    پۇل تاپسىلا كىرىدۇ يەنە،

    قالغاندەكلا خۇددى ئىلىشىپ.

     

    ئازدۇرىسەن كىمنى كۆرسەڭلا،

    پاھىشىدەك ساختا نازلىنىپ.

    ئالدانغانلار بەك كۆپتۈر ساڭا،

    كۈلەر ئىدۇق كەتسەڭ تاقىلىپ.

     

    توققۇزىنچى سۈرىتىم

    ( "سەككىز سۈرىتىم" نىڭ داۋامى ئورنىدا)

    تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي

     

    قىمار ئويناپ ئۆتتى تالاي كۈنلىرىم.

    تاڭلارغىمۇ ئۇلاندى گاھ تۈنلىرىم.

    چاپاق بىسىپ، خۇنۈكلەشتى كۆزلىرىم،

    ئېيىتسام- ئېيىتسام تۈگىمەيدۇ سۆزلىرىم.

    تولا سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن...

  • " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە ئىككى ماقالە - [تاغدىن- باغدىن]

    2010-12-11

     " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە ئىككى ماقالە

    مەن تور ئارىلاش ۋە ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئىككى ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن ئۇ ئىككى ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولدۇم. قارىسام بۇ ئىككىلى ماقالىدە ئانچە - مۇنچە كەمچىلىكلەر بار ئىكەن، لېكىن بۇ ئىككى ماقالە بىر-بىرنىڭ كەمچىلىكنى تولۇقلىيالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەندە بۇ ئىككى ماقالىنى بلوگىمغا جەم قىلىپ تورداشلارنى " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى توغرىسىدا، چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ يىقىنلىشىپ قالغانلىقىغا قارىماي تورخانىغا يۈگۈردۈم- دە ئىشنى باشلىۋەتتىم.

     

    " دوكتۇر ئاشتى " دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى

    غوجائەخمەت يۇنۇس

     جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى- يېڭى شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كىلىپ تۇرىدۇ، بۇ يېڭى شەيئىلەرگە ئاقىدار يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىش، مۇقىملىشىش جەريانى بولىدۇ، ئۇلاردىن مۇۋاپىق قويۇلغانلىرى قوللىنىش جەريانىدا مۇقىملىشىدۇ. مۇۋاپىق بولمىغانلىرى قوللىنىش جەريانىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، توغرىسى مۇقىملاشتۇرىلىدۇ.

        ھازىر بەزى گېزىت- ژورناللىرىمىز، كىتاب- ماتىرىياللىرىمىز، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروەىراممىلىرىمىزدا " دوكتۇر ئاشتى " دەپ قوللىنىلىۋاتقان " پوسىتدوكتۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئامرېكىدا پەيدا بولغانلىقىغا 132يىل بولغان بولسىمۇ، پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا يولغا قويۇلغانلىقىغا ئاران 23 يىل بولدى. دېمەك بۇ تۈزۈم مەملىكىتمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا يېڭى ئىش. شۇڭا " پوستدوكتۇر " دېگەن ئاتالغۇنى " ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى" قاتارلىق ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلمىگەن.

       " پوستدوكتۇر " دېگەن ئاتالغۇ خەنزۇ تىلىدا 博士后دەپ ئاتىلىدۇ ۋە يېزىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا 1992-يىلى 10- ئايدا " ئالىي دوكتۇر" دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ئاتالغۇ بىر مەزگىل شۇنداق قوللىنىلغاندىن كىين " دوكتۇر" دېگەن ئىلمىلي ئۇنۋاننىڭ ئالىي، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىكى بولمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 1993-يىلى " دوكتۇر ئاشتى" دەپ بېكىتىلگەن. " دوكتۇر ئاشتى" دېگەن ئاتالغۇدىن بۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى " مانا مەن " دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتالغۇنىڭمۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغانلىق ھېس قىلىنغان. ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى 1994-يىلى بۇ ئاتالغۇنى ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى بويىچە " پوستدوكتۇر" دەپ قوللىنىشىنى بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن 1995-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە نەشىر قىلىنغان " قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار لۇغىتى" ( مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى9-ئايدا نەشىر قىلىنغان)، " خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار" ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىل 4- ئايدا نەشىر قىلىنغان)، " خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان يېڭى سۆز-ئاتالغۇلار لۇغىتى"( شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىل 9-ئايدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئۈچ لۇغەتتە بۇ ئاتالغۇ بىردەك " پوستدوكتۇر" دەپ ئىلىنغان. بۇ ئۈچ لۇغەتنىڭ باش تەرىپىگە ش ئۇ ئا ر، مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومېتىتى ۋە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش بېكىتىش كومېتىتى تەرىپىدىن يېزىلغان " كىرىش سۆز" نىڭ ئاخىرىغا " بارلىق ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئاتالغۇلارنى مۇشۇ لۇغەتتىكىسى بويىچە قوللىنىشىنى سورايمىز " دېگەن تەلەپ قويۇلغان. دېمەك " دوكتۇر ئاشتى " دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىستىمالدىن قالدۇرۇلغانلىقغا 14 يىل بولدى.

      ئەمدى " پوستدوكتۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ كىلىپ چېقىشىى ، ئۇنىڭ بېرىدىغان مەنىسى ۋە پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ مەملىكىتىمىزدە يولغا قويۇلۇش جەريانى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى...

  • ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى2 - [نادىر ماقالىلەر]

    2010-12-09

    خەتكۈچ: ئۆزباش

    پاكىت تەھلىلى(3)
    بىر قۇتۇپقا ئېغىش كېسىلى: «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟»

      2007 ـ يىلى «ئىزدىنىش» تورىدا «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن تېمىدا ناھايىتى كەسكىن داۋاملاشقان، ئەمما نەتىجىسى كۆڭۈلسىز ئ...

  • ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى1 - [نادىر ماقالىلەر]

    2010-12-06

    خەتكۈچ: ئۆزباش

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى
      زۇلپىقار بارات ئۆزباش
    مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭ مەدەنىيەتى 2010 ـ يىل 4 ـ سانىدىن ئېلىندى


      1. مۇقەددىمە :تېمىغا كىرىش

    پاكىت تەھلىلى(1)
    مەن كۆرگەن دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى


      2009 ـ يىلى ماينىڭ ئاخىرى، ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا ئانا يۈرتۇمدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە بىر نەچچە ئاسپىرانتىنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېر تاتسىيەسى ياقلاش يىغىنىغا قاتناشتىم.  بۇ يىغىن يازلىق كۈنىكول يۈرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمگىچە كەلگىنىمگە ئىككى ھەپتىچە ۋاقىت بولغاندا ئۆتكۈزۈلدى. دەسلىپىدە دوستلىرىمدىن ۋە ئىدسسېتاتسىيە ياقلىماقچى بولغان بىر ـ ئىككى ئاسپىرنتتىن بۇ ئىلمىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە تەكلىپتىن خەۋەر تاپقىنىدما ناھايىتى ئىۇرسەن بولدۇم. سەۋەبى، مەن ئۇ قېتىمقى دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىغا ياندىن قاتنىشىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى تاتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى ۋە يۈزلىىنىشى ھەققىدە يېڭى بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمەن، دەپ ئويلايتتىم؛ يەن ئەكېلىپ قېرانداشلىرىمنىڭ ئانا تىلدا ياقلىغان دىدسسېراتسىيىلىرى مېنى ھاياجانغا سېلىشى مۇمكىن ئىدى، دېگەندەك، 20 ـ 30 چە ئادەم ياتىدىغان چاققانغىنە بىر زالدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي يىغىن ماڭا نۇرغۇن ھاياجانلىق خىيالنى ئاتا قىلدى. ئەمما مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر قانچە ئىشتىن ھەيران بولماي تۇرالمىدىم، بىرىنچىسى، دىسسېراتسىيەيىشىنى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر نەچچە باھالىغۇچىنىڭ ئاسپىراتنلار ماقالە ئوقۇۋاتقاندا پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىپ كىچىككىنە زالنى ئىسقا تولدۇرۇۋېتىشى؛ ئىككىنچىسى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلىم تەتقىقاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى؛ ئۈچۈنچىسى، بىر نەچچە ئاسپىرانتنىڭ دىسسېرتاسيەسىدىكى سەل قاراقا بولمايدىغان بىر قانچە خىل سەۋەنلىك. ..

     

     

  • سەكراتتىكى سۆيگۈ (رەسىملىك شېئىر) - [رەسىملىك شېئىرلار]

    2010-12-05

    خەتكۈچ: شېئىر

  • بلوگبۇس سۇپىسىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلار - [ماقالىلىرىم]

    2010-12-01

    خەتكۈچ: بلوگ

    بلوگبۇس سۇپىسىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلار

      بلوگبۇس ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھەقسىزلىقى ، ئىشلىتىشكە قولايلقلىقى،ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغانلىق بىلەن دىققىتىمىزنى تارىتقان، كۆڭلىمىزگە ياققان  ئىدى. مانا ئەمدى بەزى كودلارنى قوللىماسلىق، ھۆججەت يوللىغ...

  • ئامېرىكىدىكى روجەكلەردىن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزغا نەزەر - [نادىر ماقالىلەر]

    2010-11-26

    خەتكۈچ: ئۆزباش

     

    -تورلىرىمىز ئۇيغۇرغا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟‏‏

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش

    تورلىرىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيسى ھەققىدە

        ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈش بەكمۇ خەتەرلىك. تور ئالدىدىن تۇرۇپ كېتىپ ياتىقىمنىڭ رۇجەكلىرىدىن خەلىقئارالىق ساياھەت شەھرى ھونولۇلۇنىڭ بىپايان كەچلىك مەنزىرسىگە ھەر قېتىم خىيال بىلەن باققىنىمدا، ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرگۈچىلەرنى ئويغىتالمىغاندىمۇ تۈرتۈپ قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا تورنىڭ چوڭ رولى بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئالدىن كۆرەر ، پاراسەتلىك تالانتلىقلا ئەمەسيازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر"ھېكايىسىدىكى پېرسۇناژ سانسىزلىغان توچكىلارغا ئايلىنىپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ. ئۇيقۇ يېرىم ئۆلۈم، ئەمما ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈشچۇ؟ تىرىك ئۆلۈم)بۇ ئىككى سۆزنىڭ ماسلىششدىكى شەكلەن لوگىكىسزلىقتىن ئەپۇ سورايمەن . ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا ،  يىراقنى كۆرەر باشقۇرغۇچىلىرىمىزدا ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرىۋاتقانلارنى ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇش ، قىزغىن تورداشلارنى ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەش ئىمكانىيتى بار . ئىمكانىيەت بولغانىكەن ، پىلان-مەقسەتنى ئەقلىي ھەرىكەتكە ۋە  ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش ئەلۋەتتە مۇمكىن .بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەقسەت ۋە ئۈنۈم -تورغا كىرىدىغانلار ئارىسىدا ئەقلىي كىشىلەرنى ئاۋۇتۇش ، ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ، ئازابلىق رېئاللىقنى تەكرار‏‏-تەكرار ھېس قىلدۇرۇش بىلەنلا قالماي بۇ ئازابتىن ئەقىل بىلەن قانداق قۇتۇلۇشنى ئۆگىتىش. ئۇنداقتا تور باشقۇرۇشتىكى ، ماقالە تاللاشتىكى ئۆلچەم نېمە بولۇشى كېرەك؟ بۇ يەردىكى ئۆلچەم دەل ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا پايدىسى بارمۇ يوق!ئاۋامنىڭ ئىدىيسىنى توغرا ياكى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەمدۇيوق! دېگەنلەردىن ئىىبارەت بولۇشى كېرەك . ئاندىنچۇ؟ خەلىق ھەممىمىزگە ئورتاق بولغاندىكىن ، كاللىمىزدا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ خىزمەت قىلىش)مەن كۆپلىگەن تور باشقۇرغۇچىلىرىدا بۇ ئاڭنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنىڭدىن سۆيىنىمەن( ئېڭى ئورتاق بولغاندىكىن ، ھەرىكەتنى ، قەدەمنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك ، غەرب سىياسىي ئىلمىدا تەكىتلىنىدىغان ،  بىر جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان "كوللىكتىپ ھەرىكەت(collective action)"  ئېڭى ۋە پائالىيەت ئەخلاقى (activity morality) ئۇمۇمغا مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك . ئادەم ئوخشىمىغانىكەن ، قىزىقىش ، ئىدىيە ،پىكىرلەردە پەرق بولۇشى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە زىددىيەت كۆرۈلۈشى تەبئىي . كوللىكتىپ ھەرىكەت ئېڭى ۋە پائالىيەت ئەخلاقىنىڭ مەقسىتى دەل ئومۇم مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى كىچىك زىددىيەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشنى ئۆزىگە بىر تۈرلۈك شەرت قىلىدۇ. مەن جەمئىيتىمىزدىكى تېپىشماقلىق سۇئاللارغا نەزەرىيۋى جەھەتتىن جاۋاب تېپىش ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى تاللىدىم. جەمئيەتشۇناسلىق نەزەرىيلىرىدە بىزنى گاڭگىرىتىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەكلىكى ئاللىبۇرۇن دېيلىپ بوپتۇ ، دۇنياۋى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تېمىلار ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرى قۇرۇق گەپ ئەمەسكەن. گەپ ئۇنى ئەمەلىيەتكە قانداق تەدبىقلاشتا قاپتۇ. تەدبىقلاشتىكى بىرىنچى قەدەم - رېئاللىقنى ۋە ئۆزىنى خاتا تونۇۋالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەرسان روھىي دۇنياسىغا توغرا ئۇسۇلدا ساغلام ئىدىيىلەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش . كونا-خاتا ئىدىيە دېگەن ئادەمگە جىن چاپلاشقاندەك يېپىشىدۇ. ئەمدى تورچىلىقىمىزدىكى زېرەك قەلەم ساھىبلىرىمىزنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر شەرەپلىك ۋەزىپىسى ئاشۇ رودىپاي ئىدىيەلەرگە قانداق جەڭ ئېلان قىلىش. بۇنداق قىلىشتا تورنىڭ رولى كۆپ. نەشىرىياتچىلىقىمىزنىڭ، رادىئو-تېلىۋىزىيەچىلىكىمىزنىڭ ئالدىدا قاتمۇ-قات توساق ۋە ئۆتكەللەر بولغاچقا ، ئاۋامنى توغرا يېتەكلەش جەھەتتە چەكلىمىلىكى بار . ئۇلار ئىدىئولوگىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئەمسە تورچۇ؟ تور يېزا-قىشلاقلارغا ، نامرات ئائىلىلەرگە بارالمىغىنى بىلەن ئۇچۇرچانلىقى ، ئاممىباپلىقى ۋە زەرەتچانلىقى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . ئۇنداق بولغانىكەن ، ئاۋامنى ئىدىيە جەھەتتىن توغرا يېتەكلەشتە تورچىلىقىمىز تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ...

  • نېمىشقا بلوگ كۆچمىدىم - [تۇرا ئۇقتۇرۇشى]

    2010-11-25

    خەتكۈچ: تۇرا

    نېمىشقا بلوگ كۆچمىدىم؟


    ھەممىڭلارنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك، مەن ئالدىنقى قېتىمدىكى
    يازمامدا  بلوگ كۆچمەكچى بولغانلىقمنى ئېيتقان ئىدىم،لېكىن
    يېڭى بلوگنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، بلوگ سىتاتسىكا كودى دىگەندەك
    بەزى كودلارنى قويسام ھېچ قىلىپ تونۇغىلى ئۇنىمىدى ،
    ئەمما ئۇ كودلارنى مەزكۇر بلوگقا قويسام غىڭ قلماي قوللىدى
     شۇنىڭ بىلەن يەنىلا مۇشۇ كونا بلوگنى ئىشلىتىۋېرىشنى توغرا
    تاپتىم.
     نېمىشقا رەسىملىك ئۇلىنش خەتلىك ئۇلىنشقا ئۆزگەردى؟ 

  • ساڭا شېئىر ئوقۇپ بەرمەكچى ئىدىم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2010-11-24

    خەتكۈچ: شېئىر

    ساڭا شېئىر ئوقۇپ بەرمەكچى ئىدىم

     
    ساڭا شېئىر ئوقۇپ بەرمەكچى ئىدىم
    (تۈنۈگۈن ساڭا ئاتاپ يازغانلىرىمنى)
    ئۇزۇن بىر ھېكايە قىلىپ توقۇپ بەرمەكچى ئىدىم
    سېھىرلىك يوللىرىڭدا قانچە رەت ماڭغانلىرىمنى
     ...

  • بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە

    2010-11-05

    خەتكۈچ:

    بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە

    بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە،
    چىدارسەنمۇ مەنسىز ياشاشقا.
    مەن سۆيگەندەك سۆيەرمۇ سېنى،
    ئازاپلىرىڭ ئايلىنىپ ياشقا.

    بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە،
    شوخلۇقلىرىڭ كىتەرمۇ يوقاپ.
    چۈشتەك شېرىن ئۆتكەن كۈنلەرنى،
    تۇرارسەنمۇ ئاۋايلاپ پۇتاپ.