بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
خام ماتېرىيالى : يەلپۇگۈچسىمان قۇلۇلە، غولپىياز مايسىسى، يۇمغاقسۈت ،سامساق، ماش ئۈگرىسى
تەم خۇرۇچلىرى:جاڭيو، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ يېغى،دېڭىز مەھسۇلاتى جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى: ماش ئۈگرىسى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتۋالىمىز.قۇلۇلىنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇپ تەييارلىۋالغاندىن كىيىن گوشىنىڭ ئوتتۇرىدىن يېنىك پىچاق ئۇرۇپ گۈل چىقىرۋالىمىز.
سامساقنى چاناپ بىر چۇمۇچ ياغ بىلەن ياغ سامساق تەييارلاپ بىر قاچىغا ئېلۋالىمىز.ئاندىن يۇمغاقسۇتنى ئۇششاق توغراپ ياغ سامساققا سالىمىز،ئۇچ بال قوشۇق جاڭيو بەش بال قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئاندىن دېڭىز مەھسۇلاتى جەۋھىرىدىن توت بال قوشۇق ،غولپىياغ مايسىسى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەم جەۋھىرى تەييارلىۋالىمىز.ئاندىن كىيىن قۇلۇلىنى تەخسىگە رەتلىك تىزىپ سۈيىنى پاكىز سارقىتىپ تەييارلانغان ماش ئۇگرىسىنى قۇلۇلە ئۈستىگە ئاز ئازدىن ئېلىپ ئۈستىگە تەم جەۋھىرىدىن ئىككى قوشۇق قۇيۇپ تەييارلىۋالىمىز.
دۇملەش ئۇسۇلى: قاسقانلىق قازان قايناپ تەييار بولغاندا قولۇلىنى قاسقانغا رەتلىك تىزىپ
15 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۇپ بېزەلگەن تەخسىگە رەتلىك تىزىپ ئەزىز مېھمانلارنى كۇتۋالساق بولىدۇ .

يېڭى يوللانغان تائاملار
مايلىق يېسۋېلەك قېرىن قۇلاق قۇرىمىسى
قوي گۆشى شورپىسى تەييارلاش
قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
سۈت تەملىك كاۋا ئۇمىچى
بانان ئارلاشتۇرۇلغان تاتلىق ياڭيو
چېچەكسەي ئۇمىچى
تاتلىق ياڭيۇ قۇشۇلغان پىچەكگۈل ئۇمىچى
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟
ۋىتامىن تۇلۇقلايدىغان مول ناشتىلىق