بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
خام ماتىريالى:تۇخۇم10تال،گۆش250گىرام،باشپىياز1تال. كىراخمال، غولپىياز،سامساق،قىزىلمۇچ،كۇدە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوستىنى سويۇپ تەييارلايمىز.ئاندىن گۆشنى باش پىياز بىلەن ئۇششاق يۇمشاق ھالەتتە چاناپ ، كىيىن تۇز، ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ئۇنى، زەنجىۋىل سۇيى، كىراخمال 1،تال تۇخۇم قاتارلىق تەم خۇرۇچلىرى بىلەن تەملەندۈرۈپ خېمىر ھالەتتە ئارلاشتۇرىمىز.
بىرتۇخۇمنى ئوتتۇرسىدىن تەڭ ئىككىگە بۆلۈپ سىرىقىنى ئىلىۋىتىپ،سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمالنىڭ قويۇق ئارلاشمىسىدىن تۇخۇمنىڭ سىرىقى ئىلىۋىتىلگەن ئورۇنغا تېمىتىپ يۇمشۇتۇلغان گۆشنى تۇخۇم سىرىقىنىڭ ئورۇنىغا تەكشى ھالەتتە سىلىپ تولدۇرىمىز. ئۈستىگە يەنەبىرقەۋەت سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمالنىڭ قويۇق ئارلاشمىسىدىن تىمىتىپ تەييارلىۋالىمىز.
قازانغا 1كىلوگىرام ئەتراپىدا (تۇخۇم چۆككىدەك ھالەتتە) ماي قۇيۇپ ماي نورمال قىزىغانداتەييارلانغان تۇخۇمنى مايغا سىلىپ رەڭگى سارغۇچ ھالەتكە كىلىپ پىشقاندا مايدىن سۈزۈۋىلىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىۋالىمىز.
غولپىياز،سامساق،قىزىلمۇچ،كۆكمۇچلارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا يىرىم چۈمۈچ ماي قۇيۇپ ئۇششاق توغراپ تەييارلانغان غوپىياز، سامساق ، كۇدە،قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى سىلىپ قورۇپ پەمىدۇر قىيامى تۇز ،ئاقمۇچ بىرچۈمۈچ سۇقۇيۇپ تەمىنى تېتىپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال شىرنىسىدىن ئازراق قۇيۇپ سۈيى قۇيۇقلاشقاندا تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قۇيۇيىمىز.
سىن دەرىسلىكىنى تەپسىلى كۇرۇپ ئائىلىدە سىناپ كۇرۇڭ
يېڭى يوللانغان تائاملار
قۇرغاق قازان بېلىق قورۇمىسى 干锅鱼
مايلىق يېسۋېلەك قېرىن قۇلاق قۇرىمىسى
قوي گۆشى شورپىسى تەييارلاش
قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
سۈت تەملىك كاۋا ئۇمىچى
بانان ئارلاشتۇرۇلغان تاتلىق ياڭيو
چېچەكسەي ئۇمىچى
تاتلىق ياڭيۇ قۇشۇلغان پىچەكگۈل ئۇمىچى
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟