بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

مەرۋايىت پولو
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : مەمەتجان ۋاقتى : 2016-08-12كۆرۈلىشى : قېتىم

 مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش

JK1A0001.JPG

خام  ماتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە 4 دانە،باش پىياز 1دانە،تۇخۇم 2تال ،كۆكمۇچ ،ئالقات ،گۈرۈچ بىرچىنە .
JK1A0005.JPG
JK1A0019.JPG
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،قارمۇچ،كىراخمال ،زىرە.
JK1A0016.JPG
تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي گۇشىنىڭ سوڭىكىدىن،300گىرام لوق گوشنى ئاجىرتىپ بىر پاش پىياز بىلەن يۇمشاق چاناپ .تۇز ،ئاقمۇچ،زىرە،قارمۇچ،كىراخمال سېلىپ،ئارلاشتۇرۇپ،تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز.سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،باشپىيازنىمۇ توغرىۋالىمىز.بىرچىنە گۈرۈچنى (چوڭراق چىنە ئۆلچەم قىلىنسۇن ) پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز ،(ئازراق گۇرۇچنى مەرۋايىت ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.مەرۋايىت قىلىش ئۇچۇن لومى گۇرۇچى تەۋسىيە قىلىنىدۇ)
JK1A0030.JPG
پىشۇرۇش ئۇسۇلى:قازانغا 250 گىرام ئەتراپىدا ماي قۇيۇپ چۈچىگەندە ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارلاشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى ) گۆشنى سالىمىز ، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز ، سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە سۇ قۇيۇپ ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر چىنە سۇ ئۆلچەم قىلىنىدۇ ، گۈرۈچنىڭ سۇ يىيىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز ، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپرەك كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە )  ئىككى قۇشۇق شېكەرنى سىپىپ ،گۈرۈچنى يەڭگىل سالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى15مىنۇت قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، كەپكۇرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ،  ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغىراق يىغىپ چۇكا سانچىپ ئۈستىگە ،مەرۋايىتنى سېلىپ، سېلىپ تۇۋاقنى يېپىپئوتتۇراھال ئوتتا  2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن دۇملەيمىز ، كىيىن ئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىپ يەنە 20 مىنۇت دەم يىگۈزگەندىن كىيىن ئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ ، پىشقان پولونى گۆشنى ئېلىۋىتىپ تۇرۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسسىساق بولىدۇ
پولونى دۇملەپ پىشقىچە بولغان ئارلىقتا بىز مەرۋايىت كومىلاچنى تەييارلىۋالساق بۇلىدۇ.بىز بايامقى تەملەندۇرۇپ تەييارلىۋېلىنغان  گوشنى قاق«گۇلە»چوڭلىقىدا يۇملاق شەكىلگە كەلتۇرۇپ تەيارلاپ قۇيۇلغان گۇرۇچنىڭ ئۇستىدە دۇمۇلاتساق گۇرۇچ چاپلىشىدۇ .
JK1A0028.JPG
تەكرار قىلىش ئارقىلىق ھەمىسىنى تەييارلىۋېلىپ قاسقانغا 20مىنۇت دۇملىسەك مەرۋايىت كومىلاچ تەييار بۇلىدۇ .بۇنى پىشقان پولونىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ بىرگە ئىستىمال قىلىمىز .
QQ截图20160812153907.jpg
JK1A0054.JPG
ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈل بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ. 
ئەسكەرتىش : ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك .
 

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015