بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
خام ماتىريالى: قوي گۆشى،سەۋزە،پىياز، گۈرۈچ ،سۇ يېغى ،يىمىش،نۇقۇت،گۇلە

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،ئاق شېكەر،زىرە
تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى گۇلە چوڭلىىقتا پارچىلۋالىمىز.سەۋزىنى پاكىز ئادالاپ تەكشى قەلەمچە قىلىمىز ، پىيازنى يالپاق توغرايمىز.




گۇرۇچنى 3~5قېتىم پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا(ئۇچ چىنە گۇرۇچكە بىر چىنە سۇماي ئولچەم قىلىنىدۇ ) ماي قۇيۇپ چۈچىگەندە ئوبدان داغلاپ ، ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارلاشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى ) گۆشنى سالىمىز ، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز ، سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە سۇ قۇيۇپ ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر چىنە سۇ ئۆلچەم قىلىنىدۇ ، گۈرۈچنىڭ سۇ يىيىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز ، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپرەك كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى نۇرماللاشتۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە )سەۋزە ئۇستىگە ئاق شېكەر سېلىپ بۇلۇپ ، گۈرۈچنى يەڭگىل سالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، كاپكىرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ، ئوتتۇراھال ئوتتا 2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرسىغا يىغىپ چۇكا سانچىيمىز ، ئۈستىگە سوققان زېرە سېپىپ دۇملەيمىز. 10 مىنۇتتىن كىيىن ئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىپ يىمىش،نۇقۇت،گۇلە يەنە 20 مىنۇت دەم يىگۈزگەندىن كىيىن ئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ ، پىشقان پولونى گۆشنى ئېلىۋىتىپ تۇرۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسسىساق بولىدۇ .


ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈل بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.
ئەسكەرتىش : گۇرۇچكە چوكا سانجىغاندا قازاننىڭ تىگىگە چۇكا تەككۇزىشتىن ساقلىنىڭ! ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك
يېڭى يوللانغان تائاملار
مايلىق يېسۋېلەك قېرىن قۇلاق قۇرىمىسى
قوي گۆشى شورپىسى تەييارلاش
قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
سۈت تەملىك كاۋا ئۇمىچى
بانان ئارلاشتۇرۇلغان تاتلىق ياڭيو
چېچەكسەي ئۇمىچى
تاتلىق ياڭيۇ قۇشۇلغان پىچەكگۈل ئۇمىچى
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟
ۋىتامىن تۇلۇقلايدىغان مول ناشتىلىق