مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 22ئىنكاس
  • 1958كۇرىلىشى

قەھۋە ھەققىدە [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
6342
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
يېڭى  ئەزا
يازما
20
نادىر تىما
1
مۇنبەرپۇلـــى
220
شۆھـرىتـــــى
220
تۆھپــــــــــە
0
سودا پۇلــــى
210
ياخشـى باھا
29
تەجىربىسى
47%
ھالىتى
توردا:
  • 62 سائەت
  • تىزىم:
    2012-01-24
    ئاخىرقى:
    2012-03-15
    — بۇ تېماAtax-Rana جەۋھەرلەش(2012-02-26) —
    قەھۋە قەھۋە دەرىخىدىن پىشقان قەھۋە پۇرچىقى ئۈزۈۋېلىنىپ، قورۇپ، ئېزىپ، قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئىچىملىك.
    تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قەھۋە دەرىخى ۋە ئۈزۈۋېلىنىپ، قورۇلغان قەھۋە پۇرچىقى
    بۇ قەھۋە پۇرچىقى ئېزىلگەندىن كېيىن ئۇنى قاينىتىپ ئىچىشكە بولىدۇ. ئادەتتە قەھۋە پۇرچىقىنى ئېزىدىغان مەخسۇس ماشىنا بولىدۇ. بۇرۇنلاردا ھاۋانچىدا سوقۇپ ئىچىدىكەنمىز.
    قەھۋە دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىچىلىدىغان ئىچىملىك بولۇپلا قالماي، قورۇلمىغان قەھۋە پۇرچىقى دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدۇر.
    قەھۋەنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇش رولى بارلىقىنى ئەڭ ئاۋۋال ئېفىئوپىيەلىكلەر بايقىغان. كېيىن بارا-بارا كېڭىيىپ ئەرەب دۇنياسىدا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. 15-ئەسىرلەردە قەھۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئارقىلىق ھىندىستان، تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئىتالىيەگىچە تارقىلىشقا باشلىغان.
    قەھۋە ھەققىدە نۇرغۇن قىزىقارلىق ھېكايىلەر بار، 17-ئەسىردە، ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيىسى قەھۋەنى چەكلىگەن. بۇ ۋاقىتتا قەھۋە سىياسىغا، ئېمپىراتورغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بەلگسى بولۇپ قالغان؛ ئىتالىيەگە تارقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىتالىيە پوپلىرى قەھۋەنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە سۈيقەست قىلىپ ئەكەلگەن نەرسە دەپ چەكلىگەن.
    ھازىر دۇنيادا 70 دۆلەتتە قەھۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قەھۋەسى قەھۋە دەرىخى ئۆسىدىغان مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆزگىچە تەمگە ئىگە. مەسىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىدىن چىقىدىغان قەھۋەلەر، مەسىلەن برازىلىيە قەھۋەسى، يامايكا قەھۋەسى قاتارلىقلار كۈچلۈكلۈكتە داڭلىق بولسا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن چىقىدىغان قەھۋەلەر پۇراقلىق ۋە تەمىنىڭ يېقىشلىقلىق بىلەن داڭلىق.

    قەھۋەنىڭ تۈرلىرى
    قەھۋەنى چوڭ جەھەتتىن ئېسپرەسسو ۋە قاينىتىلغان قەھۋە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىش مۇمكىن. ئېسپرەسسو دېگىنىمىز، بىۋاستە قايناق سۇدا قاينىتىلماي يۇقىرى تېمپىراتۇرالىق ھوردا قاينىتىلغان قەھۋە.  ئادەتتە كۆپ قىسىم قەھۋە ماشىنىلىرىدا ئېسپرەسسو تەييارلايدۇ. قەھۋە ماشىنىسىنىڭ سۈزگۈچى بار يېرىگە ئېزىلگەن قەھۋە پۇرچىقىنى سالىمىز، ئاندىن سۇ قۇيىدىغان يېرىگە سۇنى شۇنىڭغا لايىق قۇيىمىز. سۇ قايناپ، قەھۋەنى پىشۇرۇپ بىر تېمىم بىر تېمىمدىن ئاستىدىكى چەينىكىگە چۈشۈشكە باشلايدۇ. پۈتۈنلەي چۈشۈپ بولغاندا ئۆزى بەلگە بېرىدۇ، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ خالىغىنىڭىز بويىچە شېكەر، قايماق ياكى سۈت قوشۇپ تەييارلىسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان قەھۋە ماشىنسىنىڭ مودېلى:

    يەنە بىر خىل ئېسپرەسسو تەييارلايدىغان چەينەك بار بولۇپ، مەندىكىسى دەل ئاشۇنداق چەينەك.




    بۇ چەينەكنى ئىسمى moka pot بولۇپ، كۆۈنۈشى مانا تۆۋەندىكىدەك ناھايىتى ئاددىي.


    لېكىن بۇ چەينەكتە قەھۋەنى ناھايىتى قىزىق دەملىگىلى بولىدۇ، بىزدەك قىزىق چاي ئىچىپ كۆنگەنلەرگە بەك ماس كېلىدۇ. بۇنىڭ دەملەش پىرىنسىپى مۇنداق:


    چەينەكنىڭ ئاۋۇ ئاستى تەرىپىگە سۇنى قۇيىسىز، ماۋۇ سۈزگۈچى ئوتتۇرىغا كېلىدۇ، ئاندىن ھەممىنى جايىنى كەلتۈرۈپ جىپسىلەپ، ئوتقا قويسىڭىز، ئاستىدىكى سۇ قايناپ، سۈزگۈچتىن ئۆتۈپ چەينەكنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ. قەھۋەرىڭىز تەييار بولغان بولىدۇ.
    قەھۋەنى قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن قەھۋەگە قايماق ياكى سۈت، شېكەر سالىسىز، سالغان قايمىقىڭىزنىڭ مىقدارى، ئاۋۋال نېمىنى، قانداق سالغىنىڭىز دېگەندەك پەرقلەر بىلەن، ئېسپرەەسو ئۆز ئىچىدىن، كاپۇچىنو، موككا، ماككىياتو، لاتې، ئامېرىكانو، لاتې ماككىياتو.....دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ تۈرلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرماقچى بولساق بىر كىتاب يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.
    چەينەكتە قاينىتىپ دەملىنىدىغان قەھۋە بولسا، ئادەتتە تۈركلەر، ئەرەبلەر، ئىندونىزىيەلىكلەر، ۋېيناملىقلار، ئىندونىزىيە خەنزۇلىرى، گرېكلار....دېگەندەكلەر ئائىلىدە دەملەپ ئىچىدىغان بىر خىل قەھۋە تۈرى بولۇپ، قەھۋە ئۇۋىقى چەينەككە سۇ بىلەن ياكى قايناق سۇ بىلەن بىللە سېلىنىپ بىللە قاينىتىلىپ دەملىنىدۇ. ئاندىن ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى قوشۇپ ئىچىدۇ. بۇنىڭدا سۈزگۈچ بولمىغاچقا قەھۋەنى تىندۇرۇپ لېيى چىقىرىۋېتىلىدۇ.





    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6645
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    139
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    13
    شۆھـرىتـــــى
    1418
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    1389
    ياخشـى باھا
    156
    تەجىربىسى
    40%
    ھالىتى
    توردا:
  • 107 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 02-25
         بۇچۈشەندۈرىشىڭىزنىڭ يەنە داۋامى بارمۇ قانداق؟بولسا يەنىمۇ ئازراق قوشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن يەنى بازاردا سىتىلۋاتقان تەييار قەھۋەلەر توغرىسىدا سىزگە كۆپ رەخمەت

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6342
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    20
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    220
    شۆھـرىتـــــى
    220
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    210
    ياخشـى باھا
    29
    تەجىربىسى
    47%
    ھالىتى
    توردا:
  • 62 سائەت
  • تىزىم:
    2012-01-24
    ئاخىرقى:
    2012-03-15
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 02-25
    داۋامىنى يوللاپ قويدۇم

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6342
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    20
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    220
    شۆھـرىتـــــى
    220
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    210
    ياخشـى باھا
    29
    تەجىربىسى
    47%
    ھالىتى
    توردا:
  • 62 سائەت
  • تىزىم:
    2012-01-24
    ئاخىرقى:
    2012-03-15
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 02-25
    يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە قارا كۆز، قىزىل كۆز دېگەندەك قەھۋەلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدىغان قەھۋە تۈرلىرىدۇر.
    يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بەزى قەھۋەلەرگە ھاراق قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، ئېرىلاندىيە قەھۋە ۋىسكى قوشۇلۇپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل قەھۋە تۈرىدۇر. شۇڭا قەھۋەخانىغا كىرگەنىدە ئىسمى كۆزىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ بۇيرۇتۇپ قېلىشتىن ھەزەرئەيلەڭ.
    زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى قەھۋە تۈرلىرىمۇ بارلىققا كەلمەكتە. مەسىلەن قەھۋەگە ۋانىللا 香草 قوشۇپ تەييارلاش ئۇسۇلى يېقىنقى مەزگىللەردە بارلىققا كەلگەن بىر خىل قەھۋە تۈرىدۇر. ھازىر قەھۋەخانىلاردا French Vanilla دېگەن قەھۋە تۈرىنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتالايسىز.
    ئۇندىن باشقا قەھۋەنى سوۋۇتۇپ، ئاندىن مۇز قوشۇپ ئىستېمال قىلىش ياۋروپادا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇزنى ئۇششاق ئېزىپ موكا ۋە كاپۇچىنو تەييارلاش ناھايىتى مودا بولدى. بۇ ياز كۈنلىرى ئىسسىق ھاۋادا ھەم روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ھەم ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان ياخشى ئىچىملىكتۇر.

    قەھۋەنىڭ پايدىلىق تەرىپى:
    قەھۋەنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پايدىلىق تەرىپى ئۇيقۇنى ئېچىپ روھنى ئۇرغۇتۇشتۇر. ئۇندىن باشقا مېتابولىزىمنى تېزلەشتۈرۈش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشتەك روللىرى بار. قەھۋە ئەزەلدىنلا غەربتە ئەڭ ياخشى ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن--ئەلۋەتتە قايماق بىلەن شېكەرنى جىق سېلىۋالمىغان ئەھۋالدا. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەھۋەنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرگەن ئاياللاردا ياشانغان چېغىدا ئەقلىي چېكىنىش (ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى) قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

    قەھۋە تاللاش ۋە سېتىۋېلىش

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6342
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    20
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    220
    شۆھـرىتـــــى
    220
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    210
    ياخشـى باھا
    29
    تەجىربىسى
    47%
    ھالىتى
    توردا:
  • 62 سائەت
  • تىزىم:
    2012-01-24
    ئاخىرقى:
    2012-03-15
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 02-25
    ھازىر بازارلاردا 速溶咖啡، ئىنگلىزچە instant coffee دەپ ئاتىلىدىغان قەھۋەلەر ئىنتايىن مودا بولۇپ كەتتى. سېتىۋالغاندا تەركىبىگە قاراپ باقسىڭىزلا بىلەلەيسىز، كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبىدە پەقەت قەھۋەلا بولۇپ قالماي يەنە 咖啡伴侣 دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە بار، ئۇ نەرسىنىڭ تەركىبىنى توردىن تەكشۈرۈپ باقسىڭىز ئاسانلا بىلەلەيسىز، ئۇنىڭ تەركىبىدە مۇسۇلمانلار ئىستېمال قىلمايدىغان، ياكى شۈبھىلىنىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ماددا بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنى ناھايىتى سەمرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا قەھۋە تاللىغاندا مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى، ئامال بار تەركىبىدە ھېچنېمە يوق ساپ قەھۋە سېتىۋېلىپ ئۆيدە دەملەپ سۈت بىلەن شېكەرلا قوشۇپ ئىچىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ھەم يېقىشلىق ساپ قەھۋە بولىدۇ، مەيلى تەييار قەھۋە بولسۇن، ياكى قەھۋەخانىدىن سېتىۋالغان يېڭى ئېزىپ قويغان قەھۋە بولسۇن.
    قەھۋەنىڭ تەركىبى ئادەتتە arabica ۋە robusta دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەتتە تەركىبىدە arabica قانچە يۇقىرى بولسا قەھۋەنىڭ شۇنچە سۈپەتلىكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە arabica 80%دىن تۆۋەن بولمىسىلا ياخشى قەھۋەكەن دەپ سېتىۋالساق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەپ كەتكىنىنى سېتىۋالمىغان ياخشى. ماركىسىغا قارىماي تەركىبىگە قاراپ ئالسىڭىز ھەم تەملىك، ھەم ئەرزان قەھۋە ئالالايسىز.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6538
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    يېڭى  ئەزا
    يازما
    69
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    741
    شۆھـرىتـــــى
    700
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    700
    ياخشـى باھا
    74
    تەجىربىسى
    77%
    ھالىتى
    توردا:
  • 149 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-05
    ئاخىرقى:
    2012-03-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 02-25
    مەن ئىزدەپ يۈرگەن تىمىنىلا يوللاپسىز . بارىكاللا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم . قەھۋەگە ئامراق ئىدىم .

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2273
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1032
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    5527
    شۆھـرىتـــــى
    10023
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    9990
    ياخشـى باھا
    1068
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 164 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 02-26
    مەن ئادەتتە سېتىۋالغاندا باھاسى يۇقىرى بولسىلا ياخشى قەھۋە دەپ سېتىۋالاتتىم .ئەمدى بىلىۋالدىم. arabica 80%دىن تۆۋەن بولمىسىلا مەن سېتېۋېلىپ ئىشلىتىمەن.
    رەھمەت  سىزگە.
    قەھۋەنىڭ يەنە ئورۇقلىتىش رولى بار .قەھۋە يەنە چارچاشنى تۈگىتىدۇ ،كۈندە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .رادىئوئاكتىپ نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ ،يەنە ساقلىقنى ساقلاش ۋە داۋالاش رولىنى ئۆتىيەلەيدۇ'
    ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا قەھۋە ئىستىمال قىلغاندا كۆپ مىقداردىكى كوففېئىن ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈپ كىرىپ ،كوففېئىندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ھەمدە ئادەمنىڭ روھى ۋە جىسمانى سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،مەسىلەن :ئاسان ئاچچىقلىنىش،تەشۋىشلىنىش،تىترەش،مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ،ئۇيقۇسىزلىق،يۈرەك سىقىلىش .ئۇنىڭدىن باشقا قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن ئاشقازان كىسلاتاسىنى جىقلىتىۋېتىدۇ .ھەزىم قىلىش يولىدا يارا پەيدا بولۇش ،كۆكىرىش خاراكتېرلىك قىزىل ئۆڭگەچ يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                             ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6731
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    506
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    5131
    شۆھـرىتـــــى
    5120
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    5120
    ياخشـى باھا
    532
    تەجىربىسى
    75%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 152 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-15
    ئاخىرقى:
    2012-03-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 02-26
    قەھۋەنى كۈندە بىر ئىستىكان ئىچىپ ئادەتلەنگەن كىشلەرنىڭ دىتابىت كىسلى بولۇش نىسپىتى ناھايىتى توۋەن بولدىكەن

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1109
    نادىر تىما
    5
    مۇنبەرپۇلـــى
    3512
    شۆھـرىتـــــى
    9916
    تۆھپــــــــــە
    17
    سودا پۇلــــى
    9825
    ياخشـى باھا
    1209
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 273 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-14
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 02-26
    مەن بەك ئامراق قەھۋەگە رەخمەت سىزگە

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    4034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    667
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    1925
    شۆھـرىتـــــى
    6738
    تۆھپــــــــــە
    1
    سودا پۇلــــى
    6584
    ياخشـى باھا
    704
    تەجىربىسى
    96%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 606 سائەت
  • تىزىم:
    2011-09-10
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 02-26
    تىمىڭىزغا رەخمەت .

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى