ئائىلىدە چۈچۈمەل گۇمبەدەك پالەك تەييارلاش
خام ماتىريالى:گۇمبەدەك،پالەك ،كىچىك قىزىلمۇچ.
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،قىزىلمۇچ يېغى ،كۈنجۇت يېغى،ئاچچقسۇ .
تەييارلاش ئۇسۇلى:گۇمبەدەكنى قول بىلەن تىتىپ پارچىلاپ پاكىز يۇيۇپ بىر قاينىتىپ سوۋۇتۇپ ئېلۋالىمىز
پالەكنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇپ قايناق سۇدىن ئوتكۇزۇپ سوۋۇتۇپ تەييارلىۋالىمىز.
قىزىلمۇچنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.ئاندىن گۇمبەدەك بىلەن پالەكنى بىر قاچىغا ئېلىپ تۇز،قىزىلمۇچ يېغى، كۈنجۇت يېغى،ئاچچقسۇ قۇيۇپ تۇز تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئېلىپ ئۇستگە توغرالغان قىزىلمۇچنى چېچىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: موگۇ(كۇمبەدەك)پالەكنىڭ رەڭگى ماسلاشقان تەمى مەزلىك ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يۇمران يىيىشلىك موگۇ تەركىبىدە ۋىروسقا قارشى تەركىپ باربۇلۇپ.ئاشقازان-ئۇچەيگەپايدىلىق ئۇيەنە ئاغرىق توختىتىش بۇغۇم ياللۇغى كېسەللىكلەرگە شىپالىق رۇلى بار
تەتقىق قىلىش جەريانىدا موگۇنىڭ تەركىبىدىكى كوپ خىل ۋىروسقا قارشى تەركىپلەرنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمونىتىت ئىقتىدارىنى كۇچەيتىدىغانلىقىنى ھەتتا ئەزا كۇچۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بىمارلاردا پەيدا بۇلدىغان نۇرمالسىزلىقنى توۋەنلەتكىلى بۇلدىغانلىقىى بايقالغان.ئالىملار موگۇنىڭ ئۇنۇملىك تەركىبىنى ئايرىپ ئېلىپ سوزۇلما خارەكتېرلىك Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋەئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىشنى ئۇمۇت قىلماقتا
مەزكۇر سوغۇق يىمەكلىك 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۇنى كۇچا «
ئەزىز تائاملىرى »دا تەييارلىنىپ كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يوللاندى