ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-17

    تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى2 - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90139267.html

     زامانىمىزدا مەيدانغا كېلىۋاتقان «مەشھۇر» ئەسەر ياكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۈلكىي مەدەنىيەتنى چۆردىگەن بولۇپ، بۇمۇ ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ(توغرىسى يازغۇچىسىمان تارىخچىلارنىڭ) تەپەككۈرىدىكى ئېغىر بىر تەرەپلىمىلىك. ئېنىقكى، بۇنىڭدىن قەغەز يۈزىدىكى ئاغزاكى(يەنى بىر قەدەر ئاددىي، ئاسان، رەسمىيەت-شەكىلۋازلىققا يېقىن، ئەمەلىيىتى ئاز بولغان) خىزمەتكە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىز چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ، يۈكسەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەمچىلىكىمىزگە مۈلكىي مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىمىزگە تەسەللى ئىزدەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت. شۇڭا مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇقۇم ھەم چۈشەنچىلىرىمىز ئاساسەن مۈلكىي مەدەنىيەت بىلەن بوپقالدى. يەنى ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرۈپ– ئادەت، شائىر، سازەندە، ئەدىب قاتارلىقلار. «مەدەنىيەت» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساق ئالدى بىلەن كاللىمىزدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نامايان بولىدۇ، ئاندىن مەدەنىيەتلىك-ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشتىكى مەدەنىيەت ئۇقۇمى كېلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سەگەكرەكلەرنىڭ كاللىسىدا شەھەرلىشىش، ئىلىم –پەن مەدەنىيىتى، بىناكارلىق، سانائەت قاتارلىقلار نامايان بولىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بىزدىكى يۈكسەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۆز قاراشتا زور كەمتۈكلۈك مەۋجۈت، تەتقىقات خىزمىتىمۇ ناھايىتى كەمچىل. يۈكسەك مەدەنىيەت تارىخى - تەتقىقات خىزمىتى مۈلكىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشتىن كۆپ جاپالىق بولۇپ، نەق مەيداندىن تەكشۈرۈشكە، سىناق قىلىشقا، ئىسپاتلاشقا، قول سېلىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. مىسالەن: بىر شەھەرنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، شەھەر ئەسلىھەلىلىرىنىڭ لايىھىلىنىش شەكلى، ھۈنەرۋەن - ئۇستازنىڭ تارىخى، كەشپىياتى، ئىلمىي نەتىجىسى، تۆھپىسى دىگەندەكلەر. يۈكسەك مەدەنىيەتتىن ئىنسانىيەتكە ئەڭ چوڭ نەپ يىتىدىغان نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى قارىشىمىزنى توغۇرلىشىمىز زۆرۈر.

    ئەلۋەتتە، مۈلكى مەدەنىيەت يۈكسەك مەدەنىيەت ئۈچۈن بىر قىسىم مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ، ئەمما ھاياجانلىنىشنىڭ ئۈنۈمى قول سىلىپ ئىشلىگەنگە يەتمەيدۇ، قول سىلىپ ئەمگەك قىلىش يۈكسەك مەدەنىيەت، يەنى بايلىق يارىتىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا نوقۇل مۈلكىي مەدەنىيەت ساھەسى بىلەنلا ئۇچۇر ئالماشتۇرماي تېخىمۇ مۇھىمى يۈكسەك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك بولماقتا. مۈلكىي مەدەنىيەتنىلا گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك بايلىق ياراتقۇچىلارغا، كەشپىياتچىلارغا ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىمىز، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئەڭ ئالقىشلىنىشقا تىگىشلىك، مانا بۇ ھەقىقىي خەلقچىل ئىدىيە.
    داۋامص بار 
     دۇنياغا قارىشىمىز ۋە زىيالىيلار

    3



    3.1 مىللىي روھنى قانداق جارى قىلدۇرىمىز

    جاھاندىكى جىمىي ئاجىزلار مەدەنىيەتلەرنىڭ
    توقۇنىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىدىن ۋايساپ يۈرمەكتە. بولۇپمۇ ياۋرۇپا(غەرب) مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى زاۋاللىقتىن بېشارەت دەپ بىلىشمەكتە. ئۇلار بۇنداق سىڭىپ كىرىشكە ئىككى خىل ئۇسۇلدا قارىشى تۇرماقچى بولۋاتىدۇ. بىر خىلى زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارىشى تۇرۇش، يەنە بىر خىلى تەشۋىقات، يەنى تىل ئۇرۇشى ئارقىلىق غەلىبە قىلىش. ھەر ئىككىلا ئۇسۇلدا سىڭىپ كىرگۈچىلەرگە ھاقارەت قىلىشنى، كەمسىتىشنى ۋاسىتە قىلغان. ئېتىقادىمىز بۈيۈك دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئۆز يولىنىڭ ھەرگىز ۋەھشىيانىلىك، زوراۋانلىق، تىرورلۇق بىلەن باغلىۋالماسلىقى كېرەك.

    ئادەمنىڭ ۋۇجودىدىكى ھەقىقىي ئېتىقاد پاكتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتقان رادىكال ئىدىيە، ئۇچىغا چىققان ئەسەبىيلىك، تىرورلۇق، چىدىماسلىقلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشى زوراۋانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىتىقادىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. دېمەك، بۇ ۋاستىلەرنىڭ ئورۇنسىز، نەھەق ۋاسىتىلەر  ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ توغرا ئۇسوللار بىلەن، يەنى دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات، توغرا تەپەككۇر، پىكىر دىمكۇراتىيەسى ئارقىلىق باشقىلاردىن غالىپ كىلىشنى، مەدەنىيەت تارقىتىشنى، ئاخىرىدا مەدەنىيەت ھۆكۈمرانى بولۇشنى ئويلاشمىغان، شۇڭا بىر تەرەپتىن بىھۇدە چىقىم بېرىلسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ مەسخىرىگە قالغان. ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت مەجبورلانمايدۇ، ئۇنى پەقەت  كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، خالايدۇ ھەم كېڭەيتىدۇ. ئۇ خۇددى دېسنىي باغچىسىدەك ناھايىتى كۈچلۈك جەلپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. دىسنىي باغچىسىغا بارسىڭىز كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋىلىپ كىرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.

    1970- يىللارنىڭ ئاخىرى  1980- يىللارنىڭ بېشىدا ياپونىيە مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازارلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يامراپ، تۆكمە بولۇپ سېتىلىش ھالىتىگە كېلىپ قالدى، ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ بەلگىسى بولغان روكفىللېر مەيدانى ياپونىيىلىكلەر قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، ھەتتا توي قىلغان قىز يىگىتلەرنىڭ تويلۇق مىلى چوقۇم ياپونىيىنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنىش دەرىجىسىگە يىتىپ باردى، ئامېرىكا ماللىرىنىڭ بازار قىممىتى كېمىيىپ،  ئېكسپورت تۆۋەنلەپ ئىشسىزلىق ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ قېنى قىزىق، ھەردائىم باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ياشلىرى ئىچىدە توپ – توپ بولۇپ ياپونىيىنىڭ ئەلچىخانىسى ۋە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا ياپونىيىدە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چىقىش، تېلۋىزۇرلارنى كۆيدۈرۈشتەك قوپال ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ، ياپونىيە ماللىرىغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى. بۇ خىل كەيپىيات تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل ئامېرىكىغا يامرىدى. ئەلۋەتتە، ھېسسىيات ئەقىلدىن غايىب كەلگەندە زوراۋانلىق يۈز بېرىدۇ. شۇنىسى بۇ ياشلارنىڭ قوپال ھەرىكىتى مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ سودا، ئىقتىساد، سىياسىي ساھەسىدىكى زىيالىيلار ئاقىلانىلىك بىلەن قارار چىقىرىپ، جەمئىيەتنى ئۆزىنى بېسۋىلىشقا، ئادىل رىقابەت ھەم توغرا ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرۇشقا، مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەشكە چاقىرىق قىلدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىغا تايىنىپ نۇرغۇن سودا گۇروھلىرىنى ياپونىيىگە ئەۋەتىپ پايچەك، ئۆي - مۈلۈك بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ ياپونىيە ئىقتىسادىنى ھەدەپ كۈپۈكلەشتۈرشكە باشلىدى ۋە ئاخىرىدا بىراقلا چېكىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ياپونىيىنىڭ كۆپۈك ئىقتىسادىنى گۇمران قىلۋەتتى. بۇ قېتىمقى ھەركەتتە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن تۇتۋىلىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلىگەچكە ياپونىيىنىڭ زور ئىقتىسادىنى قانونلۇق ھالدا ئۆز قولىغا كىرگۈزۋالدى، روكفىللىر مەيدانىنىمۇ قايتۇرۋالدى. «بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن» ياپونىيە كارخانىلىرىنى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقاردى. مانا بۇ مىللىي روھنى قانداق قىلىپ توغرا جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر مىسال. بىلۋىلىش تەس ئەمەسكى، مىللىي روھنى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، باشقىلاردىن ئۈستۈن قويۇش، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، ئاچچىقلاش- قاراملىق قىلىش، زوراۋان ئۇسوللارنى قوللىنىش ئارقىلىق جارى قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇتىۋىلىپ، باشقىلارغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەدبىر بەلگىلەش، مۇۋاپىق قانونلۇق شەكىللەر ئارقىلىق تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. زوراۋانلىق ۋاستىسى ھەرقانداق كۈچلۈك گەۋدىمۇ ئاجىز ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ.
    نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ يۈلۈنىشى شۇنداق بىر يىڭى قانونىيەتنى تەبئى بارلىققا كەلتۈردىكى، بىر ئىجتىمائى گەۋدە ئىلگىرى مەيلى قانداقلا مەدەنىيەتلىك ۋە ياكى قانداقلا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇندىن كىيىنكى سەپىرىدە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلىمەي قارىشى يول تۇتسا، ئۆزىنى قاچۇرسا ئۇنىڭ يالغۇز قىلىش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، پىكىر بايان قىلىش ھوقوقىمۇ ئوخشاشلا كىچىك بولىدۇ. قىسقىسى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقچى بولساڭ دەۋرگە ماسلىشىپ ياشا.

    بىزدىمۇ يوقۇرقىغا ئوخشاپ ھىسىياتقا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت. بىر تۈركۈم كىشى ئۇيغۇر تىلى ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تەگىشىدۇ، ئەمما، يادرولۇق سەۋەبنى تەكشۈرۈش باقمايدۇ. بىزگە ئايانكى، تىل قانچە راۋان، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولسا ئىشلىتىش نىسبىتى شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ. لېكىن سىز ئۇنى ناھايىتى ئاز ئىشلەتسىڭىز ئاسانلا كىكەچلىشىپ كىتىسىز. خۇددى دائىم ئىشلەتمىگەن تېلېفون نومۇرى يادىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا. تىل قانچىكى مۇھىم ئىشلارغا، قانچىكى مۇھىم ئورۇنلارغا ئىشلىتىلسە ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنچە ئاشىدۇ. ئۇنداقتا مۇھىم ئورۇن دېگەن زادى نېمە؟ شۇنى ئېنىق تونۇش كېرەككى، تىل بىر ساھە ۋە مەلۇم بىر كەسىپ بىلەنلا باغلىنىپ قالسا شۇنچە يىتىمسىراپ قالىدۇ. شۇڭا قېرىنداش خەلقلەرگىمۇ ئورتاق بولغان مۇھىم ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئىزدىنىشنى كۈچەيتىش لازىم. بولمىسا ئۇ ئەدەبىيات تىلى ۋە ئائىلە تىلى بولۇپ قالىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە بىر ھەربىي مۇنداق دەيدۇ: 21-ئەسىردىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن ئىنگلىز تىلىنى بىلىشىمىز لازىم. بۇ بىر جۈملە ئاددىي سۆز. ئەمما ئۇنى تەھلىل قىلغاندا ئىنگلىز تىلىنىڭ پۇخراۋى ساھەدىلا ئەمەس ھەتتاكى دۆلەتنىڭ ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەربى ئورگانلارغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. دېمەك، تىلنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ مۇھىم ساھەلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مۇھىم ئورۇننى تۇنۇش ئۈچۈن ئىجابىي پىكىر يۈرگۈزۈش بەكمۇ زۆرۈر.

    يەنە بىر قىسىم ئادەملەر كىيىم - كېچەك ئادىتى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى قانداقتۇر بىرنىمىلەردىن تەگىشىدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە ھىچقايسىسىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ياكى جەمئىيەتنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى تاللىغانلىقىدىن نارازى بولىشىدۇ. بۇ پەقەت ھېسسىيات ئېغىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. توغرا تەپەككۇر، ئويلاش ئۇسۇلى بۇيىچە ئېيتقاندا، كىشىلەر ئۆزى خالاپ تاللىدىمۇ ياكى بىز شۇنى تاللاشقا موھتاجمۇ، خالاپ تاللىغان بولسا ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە، قولايلىقمۇ ياكى چىرايلىقمۇ، ۋەياكى ئەرزانمۇ قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئويلىشىدىغان سەۋەب ئۆز ئىچىمىزدىكى مۇشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بار- يوقلۇقى ئۈستىدە بولۇشى لازىم. بۇ ئۇنىڭ رېئال پاكىتى. ئاندىن كىيىن ئەخلاق، ۋىجدان، ئۆرۈپ- ئادەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىقلاردىن ئويلىنىش كېرەك، بولمىسا بۇ خىل تەگەش باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ. بالىمىزغا چىن تۆمۈر باتورنىڭ ھېكايىسىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بەرگۈدەك مادار بولمىغاچقا «ئوتېمەن»نى كۆرسە ئاچچىقلىيالامدۇق؟

    1970-1960- يىللاردا، كىشىلەر قاۋۇل، تەمبەل، كۈچلۈك كىشىلەرنى ياراملىق دەپ بىلىشىپ كەلگەن ئىدى. گۈپۈلدىتىپ كەتمەن چاپالىسا، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلالىسا ئوغۇل بالا سانىلاتتى. ئۇلار ئادەملەرنى يوغان، كۈچلۈك، ئاياللارنى سېمىز بولسا ياخشى دەپ قارايتتى. بەزىدە كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارنى بەس – بەستە تىلغا ئېلىشى، سېغىنىشى بۇنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئانچە - مۇنچە چۈشىنىپ ئۇلارنىڭ ئاغزى بىسىقىشقا باشلىدى. مانا بۇ توغرا كۆز قاراش ۋە تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى، شۇنىسى بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدىن ھازىرغىچە ئەجدادلىرىمىز تونۇرلارغا چاتقال، كالا تېزىكى قالاپ نان پۇشۇرۇپ، ئوتۇنچىلىق، قويچىلىق، باققالىق، ھارۋىكەشلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كىلۋىتىپتىكەن. بۇنداق جان بېقىش ئۇسۇللىرى ھازىرمۇ بىزدە يەنىلا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ.

    دۆلىتىمىزنىڭ غەربى رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش – تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى يولغا قويۇلۇپ، رايونىمىزدىكى قولىدا پۇلى، سودىغا ئىپى بار كىشىلەرنى ناھايىتى زور سودا-سانائەت پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. نۆۋەتتە بۇ پۇرسەتنى تۇتالىغانلار  دىيارىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا لايىق خۇجايىنلىرىغا ئايلىنالايدۇ. بۇنداق ھالەت بىز بىلىدىغان «پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر ۋە بىرقىسىم سەۋىيىلىك يازغۇچىلار»نىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئىلغار تەرەققىيات، ئىلمىي كۆز قاراشنىڭ خەلق ئىچىگە تۈز، توغرا يەتكۈزۈلگەن زامانىۋى ئاڭ ۋە يېڭىلانغان تەپەككۈردىن، دۇنيادىكى ئىلغار شەيئىلەرگە توغرا باھا بىرىشتىن مەيدانغا چىقىدۇ. يىڭىلىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ ھەدىگەندە ئاددى ھايات كەچۈرۈش قوللانمىلىرىنى تەكىتلەۋېرىشنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتتى.

    3.2 سەمىمىيەتسىزلىك

    يېقىنقى مەزگىللەدە يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئۆزلىكسىز مەيدانغا كىلىشىدىن ناھايىتى سۈيۈنمەكتىمىز. بۇ تولىمۇ كاتتا ئىش. يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىلىق قاپقا قاچىلىنىپ مۇنتىزىم ئىشلەپ چىقىرىلىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ.

    ئەپسوس، ساقلىنۋاتقان مەسلىلەرنى سۆزلىمەسلىكنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. نۆۋەتتىكى تېلۋىزىيە ئېلانلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق مەھسۇلات ئېلانلىرىدىكى مۇبالىغىنىڭ ئادەمنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قىستايدىغانلىقىنى بايقايمىز. «دۆلەتنىڭ پاتىنىتىغا ئېرىشكەن مەھسۇلات»، «ئۆز قولىمىزدا ئىشلەنگەن مەھسۇلات»، «ساپ مۇسۇلمانچە»، «جاپالىق ئىزدىنىپ بازارغا سىلىنغان» دىگەندەك گەپ – سۆزلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. « QS
    ئىجازىتىگە ئېرىشكەن» دىگەندەك گەپ سۆزلەرمۇ بار. يەنە تېخى قىلچىلىك تەپ تارتماي «دۆلەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» داۋالىدىغان ئىشمۇ يوق ئەمەس. تېخى مەلۇم بىر شىركەت ئىلگىرى ئېلاننىڭ كەينىگە بىر نەچچە دەقىقە ۋاقت ئىچىدە «بېيجىڭ ئولىنپىك يىغىنىنىڭ ھەمكارچىسى» دىگەن رەسىمنى چىقاردى.

    ئەمدى تۆۋەندىكى گەپلەرگە قۇلاق سالايلى: بازارغا سىلىنغان ھەممە مەھسۇلات ئاساسەن دۆلەتنىڭ پاتىنت ھوقوقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزدە ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. ھەممە مەھسۇلات جاپالىق ئىزدىنىش ھەم تەتقىق قىلىپ ئېچىش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بازارغا كىرىدۇ. بۇمۇ داۋراڭ سالىدىغان ئىش ئەمەس. يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم QS
    سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىجازىتى ئىلىشى كېرەك. بۇمۇ كارخانا قۇرۇشنىڭ ئادەتتىكى تەلىپى. مانا مۇشۇنداق ئەقەللى تەلەپ ۋە ناملار بىلەن قانداقمۇ بىر مەھسۇلاتنىڭ ياخشىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولسۇن؟ بۇنداق بەلگىلەرنى بىز ئادەتتىكى بىر دۇكاندا سېتىلۋاتقان سولياۋ قاپلىق بولكىلاردىمۇ ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. دۆلەت داڭلىق تاۋار ماركىلىرى بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماتىريالدىن ئايان بولىشىچە رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئاچقان شىركەتلەرنىڭ بىرىمۇ  تېخى «دۆلەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دىگەن نامغا ئېرىشەلمىگەن. «بېيجىڭ ئولىنپىك يىغىنىنىڭ ھەمكارچىسى» بولۇش سالاھىيىتى تېخىمۇ يوق. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇ دەل بىزنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىمىز ھەم پۇرسەتپەرەسلىكىمىزدىن بولۋاتقان ئىشلار. ئۇشبۇ كارخانىچىلار ئېلانلىرىدا ھەدەپ كۆپۈزۋاتقان تۈرلۈك ناملار ئەمىليەتتە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ نىمىلىكىنى تولۇق چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى ئالداشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئۇلار خەلقنى «بىلمەيدۇ...» دەپ ئادەتتىكى ناملارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى قايماقتۇرماقتا، ھەتتا ئۆز قولىدا ئىشلەنمىگەن، باشقىلارنىڭكىنى ئوراپ قاچىلىغان، قىپىغا ئۆز ماركىسىنى بېسىپ قويغان نەرسىلەرنى خەلقنىڭ ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ھىيقىتماستىن «ئۆز قولىمىزدا ئىشلەنگەن»، «ھالال» دەپ داۋراڭ سالماقتا. ئۆز جاپاسىنى پەش قىلماقتا. ئۇنداقتا باشقا مەھسۇلاتلار جاپا-مۇشاقەتسىز بارلىققا كەلگەنمىدۇ؟  مېنىڭچە مۇۋاپىقىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەش ۋە جاپانىڭ دىيىلىشىمۇ خاتا ئەمەس، لېكىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، قۇلايلىقلىقىمۇ شۇ دەرىجىگە يىتىشى كېرەك، ھەممىدىن مۇھىمى شۇ. «نەتىجەم بولمىغىنى بىلەن تارتقان جاپايىم باردە» دېيىش ئۆتمۈش بولۇپ قالغىلى خېلى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن كۆپتۈرۈپ مۇبالىغە قىلماسلىق كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ بازار قىممىتى، تەسىرى، ئىقتىدارى، تېخنىكىلىق تەركىبى قاتارلىقلارنى ئەمىلىي سۆزلەش زۆرۈر. مۇشۇ ئىشلارغىمۇ ھېسسىيات ئارلاشتۇرۋالساق، ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنى ئالدىغان بولۇپ قالىمىز. قىسقىسى پاكىتلىق، راست گەپ قىلىشنى، ئۆز مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇشنى ئۆگۈنۋالايلى. بىز ماختاشتىن ئىلگىرى، ھاياجىنىمىزنى بېسۋىلىپ، ۋاقتنىڭ سىنىقىنى ساقلايلى، ئۆزىمىز قاتنىشىپ تەكشۈرۈش قىلىپ باقايلى. دۆلىتىمىز ھەم چەتئەلنىڭ داڭلىق كارخانىلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىللىك سىناقتىن ئۆتۈپ ئىستىمالچىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئىلىپ داڭلىق ماركىغا ئايلانغان. شۇڭا بىز خەلقنىڭ تاللىشىنى، ۋاقتنىڭ سىنىقىنى كۈتۈشىمىز كېرەك. ناۋادا قايسى كارخانىچى ئۆز ئىرادىسىگە مۇخالىپ ھالدا مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەندەك باش كۆتۈرمەكچى بولسا ئۇ چوقۇم شاللىنىپ كىتىدۇ ياكى كۈلكىگە قالىدۇ. بۇ سەمىمىيەتسىزلىكتىن ئىبارەت. سەمىمىيەتسىزلىك ھەم خەلقتىكى تەپەككۇر ئاجىزلىقى ئالدىنىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەرمەكتە.

     

    3.3 ئەۋلادلارنىڭ تەپەككۇر بولىقىنى ئېچىش

    ئۈرۈمچى خەلقئارا SOS يېتىم بالىلار كەنتىنى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىمىزدە بىر ئىش مېنى ئەپسوسلاندۇرۇپ قويدى. بۇ بالىلارنى رايونىمىزدىكى تەقدىرى ئوخشاش بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تەلەيلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تامىقى بار، ئىسسىق تۇرالغۇغا ئىگە. ئۇلار بۇ ئۆيلەرگە سولىنۋىلىپ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تۈرلۈك ساز-چالغۇلارنى مەشىق قىلىش بىلەن كۈن كەچ بولىدىكەن. ئۇلار ساز چېلىش ماھارىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ ماختىنىپ كەتتى... قوشنام ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن بالىسىنى مۇزىكا كۇرسىغا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. خەۋىرىمچە بۇنداق مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىدىغان بالىلار خېلى بار ئىكەن. بىرى گىتار، بىرى ئىسكۇرۇپكا ئۈگۈنىدىكەن. «دانا» ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ شۇ نەرسىلەردە تالانتى بارلىقىنى «بايقىغان»لىقى سەۋەبىدىن بۇ ئۆسمۈرلەر مۇشۇنداق ساز تۈرىدىكى ئەسۋاپلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىشقا مەجبور بولغان-دە باشقا نەرسىلەر توغرىسىدىكى تالانتى، تەپەككۇرىنىڭ بىخ ھالىتىدە خەتەرگە يۈزلىنىشىگە يول قويغان. سەنئەت ساھاسىدىكى «تالانت»نى بوۋاق ھالىتىدىن باشلاپ يىتىلدۇرۇش زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئورتاق دۇنيا قاراشى ھەم قىممەت قاراشنىڭ مۇھىم بىرىگە ئايلىنىپ قالغان، ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا نېمە سەۋەبتىن بالىلارنىڭ باشقا تالانتىنى ئاچمايمىز دېگەن گەپ چىقىدۇ. مىسالەن، بالىغا ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق ماشنىلىرىنى چۇۋۇپ قايتا قۇراشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلىش، ئەتۋىركە - ئامبۇر قاتارلىق قورال - سايمانلارنى تەقلەپ بېرىش ھىساۋىغا بالىنىڭ ئىجاد-ئىختىرا تەپەككۇرىنى ئېچىش توغرىسىدا باشلامچىلىق قىلىش قاتارلىقلار. ئويۇنچۇق ھاۋا شارىنىڭ لەيلەپ تۇرۇشى، بالىلار بىلەن بىللە لەگلەك ئۇچۇرۇش ھەم لەگلەكنىڭ ئۇچۇش پرىنسىپى دىگەندەكلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق يېڭىچە ئۇسوللار بىلەن بالىنىڭ يېڭىچە نەرسىلەرگە بولغان بىلىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلدۇرۇش ۋەھاكازالار. قىسقىسى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆسمۈر بالىنىڭ ۋۇجودىدىكى ئەقىل- پاراسەتنىڭ ئەركىن تەپەككۈرنى قىزىش لازىم. مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە ئالدىنقى دۇنيا قاراشنىڭ قۇربانى بولغان
     ئۆسمۈر بالا تاكى ئۈمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ خىل تەپەككۇرنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. بالىنىڭ تەپەككۇرىنى خوددى كۆزى ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان بۇلاققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز بىرلا بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنساق بۇ سۇ بىر ئېرىق ياساپ ئاقىدۇ - دە كۆپ نەرسىلەرنى سوغارغىلى بولمايدۇ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ كۆزىنىمۇ ئېچۋەتسەك ئۇنداقتا ئۇ ئۆستەڭ سۈيىگە، دەريا سۈيىگە ئاخىرىدا ئۆركەشلەپ تۇرىدىغان دېڭىزغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

    ئادەمنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، زامانىۋى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئادەم بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بۇ خىل بايلىقنىڭ قىممىتى چەكسىز ھەم تۈگەپ قالمايدۇ. ئىخساسلىق ئادەم بايلىقى ھەرقانداق بىر ماددىي بايلىقتىن ئەۋزەل. «پۈتكۈل شىركىتىمنىڭ مال – مۈلكىنى تالان – تارىج قىلىپ ئېلىپ كەتسەڭمۇ مەن رازى، ئەمما ئادەملىرىمنى  قويۇپ قويغىن» دەيدۇ ئامىرىكا شىركىتىنىڭ بىر دىرېكتورى، «ئاز كۈندە مەن تېخىمۇ زامانىۋى بىر كارخانىنى قۇرۇپ چىقالايمەن». دېمەك، ئادەم بايلىقىنى پائال ئېچىش ھەم راۋاجىلاندۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانلار ئىلگىرى تەبىئىي بايلىق دەۋرى، سانائەت دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى قاتارلىق دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈردى ھەم كەچۈرمەكتە. بۇندىن كېيىنكى يېڭى دەۋر ئادەم بايلىقى دەۋرى، يەنى ئەقلىي، بىلىم – مۈلۈك دەۋرى دەپ قارالماقتا.

     

    3.4  ئۆزلۈك چۈشەنچىمىز

    ئەمدى يېقىندىن بۇيان قىزىق بولۋاتقان ئۆزلۈك دېگەن مەسىلە ئۈستىدە پاراڭلىشىپ باقايلى. ئۆزلۈك ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەقىقىي مەنادىكى مەن بولۇپ، يۇشۇرۇشقا، پەدازلاشقا بولمايدىغان بىر تەرىپىدىن ئىبارەت. ئۆزلۈك ئۇقۇمى ئۆزۈم ئۇقۇمى بىلەن ئۆزىدىن ھالقىش ئۇقۇمىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان تار مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىكتۇر. ئۆزۈم ئۇقىمىدا ئادەم پەقەت ئۆزىنى ئويلايدۇ. ئۆزلۈك ئۇقۇمىدا ئادەم ئۆزى ۋە ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي ئايرىمىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. شۇڭا كەڭ مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىگە تەۋە بولىدۇ. ئەمدى ئۆزىدىن ھالقىشقا كەلسەك، يۇقىرىقى ئىككى خىل شەخسىيەتچىلىكنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئايرىمىسىدىن سىرتقى بىر گۇروھنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۆزلۈك قوپال تىلدا ئېيتقاندا ئۆزىنىلا ئويلاش ۋە كۆرۈش، ئۆزىگە مەپتون بولۇش دىگەنىلكتۇر. شۇڭا ئالىيجانابلىق قارىشى بىلەن ئېيتقاندا ئۆزىدىن ھالقىشنى تەۋسىيە قىلىشىمىز ھەم ئەۋلادلارغا شۇنداق تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك. شەخس ئۆزىدىن ھالقىغاندا يەنە بىر شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ. بىر ئىجتىمائىي ئايرىما ئۆزىدىن ھالقىغاندا يەنە بىر ئايرىمىنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلىيالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ زور دەرىجىدە مەسئۇل بولالايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش بىلەن ئۆزلۈكىدىن ھالقىپ كەلگەن. شۇ جۈملىدىن ئىنساننىڭ ئۆزلۈكى، ئەقىل - پاراسىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئىجاد– ئىختىرا قىلىشتا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ ھەم ئىپادىلىنىدۇ. دىمەك، بىر خەلقنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۆزلىكى  ئىنسانىي كىملىك ھەم ئىنسانىي ئۆزلۈك بىلەن شەرھىيلىنىشى كېرەك. ئىدراكلىق ھاياتلىق تۇغۇلۇپ ئالدى بىلەن ئادەمگە تەۋە، ئاندىن قالسا مىللەت ۋە ئائىلىگە، مەلۇم بىر جەمئىيەتكە تەۋە بولىدۇ.

    تارىخى مەدەنىيەتلەر تەتقىقاتى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە خۇسوسىيىتىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى توغرۇلۇق كۈچەشكە كېچىكىپ قىلىۋاتىمىز. ئۆزلۈك قارىشى تارىختىكى كىملىكىنى ھەم ئۆزلۈكنى بىلىشلا بولۇپ قالماي ئەڭ مۇھىمى تارىخىي ئۆزلۈكنى ھازىرقى زاماندىمۇ جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. تارىخىنى بىلىش ـــ ئۆزلىكىنى(مەن كىم ئىكەنلىكىنى) بىلىشنىڭ بىر بۆلىكى، خالاس. قالغان قىسمى تارىخىدىكى ئىلغارلىقىغا ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئالەمشۇمۇل نەتىجە يارىتىش بىلەن نامايەن بولىدۇ. خەۋەردار بولۇپلا قويۇشنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق.

    نۆۋەتتىكى سىرتقى مەدەنىيەت بېسىمى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ھەم خەلقئارا كاپىتال ئىگىلىكى ئۆزىمىزگە ئەستايىدىل، تەپسىلىي قاراپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. ئۆزىمىزنى زادى قانداق تونۇش ھەم قانداق جارى قىلدۇرۇش جىددىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. بىر مىللەت پەقەت باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالاقە قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزلۈك تەلىپى مەيدانغا چىقىدۇ. باشقا مىللەتلەر بىلەن سىلىشتۇرۇلغاندىلا ئۆزلۈك قارىشى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئۇچرىشىش دائىرىسى قانچىكى كەڭ بولسا ئۆزلۈك تەلىپى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پۈتكۈل يەرشارى كىشىلىرىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يىتىدۇ. دۆلەت ئىچى ھەم غەرب ئەللىرىنىڭ پەن – تېخنىكا، ئىجادى تەپەككۇر، كۆزقاراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغارلىقى نۆۋەتتىكى ھالىتىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادا قانداق ئورۇندا تۇرۋاتقانلىقىمىزنى قايتىدىن ئويلاشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز. دۆلەت ئىچى ھەم ياۋرۇپا ئەللىرىنى ئاساس قىلغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە يۈرەكلىك يۈزلۈنۈش ئارقىلىق شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى ھەم ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۈز كۆرۈرشىشى جەريانىدا ھەقىقىي ئۆزلىكىمىزنى تېپىپ چىقالايمىز. بۇ خىل يىڭىچە بايقاش ئاخىرىدا ئۆزلۈك بىلىشىمىزگە بولغان مۇتەسسىپ كۆزقاراشنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ مەخسۇس پەن ۋە تەتقىقات ساھاسىگە ئايلىنىدۇ.

    زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەمنى ئىدىيە، تەپەككۇر، كۆزقاراش، قىممەت قارىشى تەرەپلەردىن زامانىۋىلاشتۇرۇش لازىم. بۇ جەريانلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەنئەنىۋىلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، دىننى ئېتىقاد بىلەن تەرەققىيات، ئۆرۈپ – ئادەت بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ھاجەت. غەربتىكى زامانىۋىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە ياشاش ئۇسۇللىرى ھەم تارىخى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىچىگە تونۇشتۇرۇش، ئۆز ئىلكىمىزدىكى ياخشى ئادەتلەر بىلەن يات مەدەنىيەتنى قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئادىتى ھەم دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان بىر ماشىنا قۇراشتۇرۇپ چىقىش ھەم بۇنى قانداق ھەيدەش ئۇسۇلى توغرۇلۇق ئىزدىنىش باشلاش ئالدىدىكى بىر مۇھىم خىزمەت.

     

    4

    4.1 زىيالىيلاردىكى تىپىك مەسىلىلەر

    دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاۋىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن قىسمەن تەپەككۇر بىرتەرەپلىمىلىكى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى. بۇخىل قاراشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپىنچە زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان ناھايىتى تىپىك ھادىسىلەر. مەن كىتابتا ئېيتىلغان كىچىككىنە ۋەقە ئارقىلىق ئاپتورنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قىسقىچە بىلىشكە مۇيەسسەر بولالىدىم. ئاپتور دانىيىدە تۇرۇش جەريانىدا بىر تۈرۈكمەن كىشى بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇچۇرۇشۇپ قىلىپ قىزغىن پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئۇچرۇشۇش ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ. ئۇ يەنە بىر ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان قايناق ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى بايقايدۇ ھەم ئۇ يەردە ئۆزىنى ئىنتايىن ئازادە ھېس قىلىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇ ئىشنى ئاچىسىغا سۆزلەپ «يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرىمىز، ھىچبولمىغاندا ئورتاق بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە تەۋە كىشىلەر بۇ يەردە ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىدىكەن» دەيدۇ. ئەمما ئاچىسى ئۇنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىغا رەدىيە بېرىپ «ياۋرۇپاغا دەسلەپ كەلگەن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەرقانداق ئۇيغۇردا شۇنداق بىر ھىسىيات بولىدۇ. مەندىمۇ بولغان، ھەتتا بۇ يەردىكى كۆچمەن ئەرەبلەر، تۈرۈكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار كۆزۈمگە دانىيىلىكلەردىن ئىسسىقاراق كۆرۈندى...لېكىن، مۇشۇ مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن كۆزقاراش ۋە ھىسىياتىڭدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. سەن دىگەن بىر ئوغۇل بالا، ھىسىيات جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىقاراق ۋە تەمكىن بولۇشۇڭ كېرەك. بىز ھازىر رىئال دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ۋەتەندە كۈنۈپ قالغان بۇرۇنقى ئوي-خىياللىرىمىز ئەمدى بۇ يەرگە ماسلاشمايدۇ... مەن سېنىڭ ئەمدى خەلقئارا مۇھىتتا تەرەققى قىلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن» دەيدۇ. ئاپتورنىڭ قېرىنداش مىللەت كىشىسىنى يېقىن كۆرىشى توغرا. شۇنىسى ئۇ ئۆزىنى مىللىي ھىسىياتى بىلەن دەڭسىمەسلىكى، تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۋاتقانلىقىدىن ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇشى، يېڭى مۇھىتقا كۈنىشى، ماسلىشىشى، ھەرگىز بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىلەن ئۆزىگە تەسەللى، ئارام بەخش ئىزلىمەسلىكى لازىم. ئۇ ئۇچراتقان بازارمۇ شۇنداق. ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەرەپ ئەللىرىدىن كەلگەن تۈرلۈك كۆچمەنلەر دانىيەنىڭ مەلۇم شەھىرىگە توپلىشىپ بۇ بازارنى ئېچىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجوت بولۇشى ياۋرۇپاچە ئادەتكە خاس بۇ شەھەرگە، جۈملىدىن شىمالىي ياۋرۇپا ئەللىرىگە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ھاياتى كۈچ بەخش ئېتەلىشى ناتايىن، ئۇ پەقەت شۇ خىلدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ خالاپ بارىدىغان، سېغىنىشىنى باسىدىغان، دەرت تۆكىدىغان، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان جايى، خالاس. ئۇنىڭ يوقاپ كىتىشىمۇ بۇ شەھەر ئۈچۈن چوڭ جەمئىيەت مەسىلىسىمۇ ھىساپلانمايدۇ، ئاپتور بۇنى زىيادە تەسۋىرلىگەن. شۇنداقلا رايونىمىزدا ھازىر مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوخشاش شەكىلدىكى بازارغا نۆۋەتتىكى زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان تىپىك قاراش بۇيىچە «ئىجابىي» باھا بەرگەن. شۇنىڭ بىللە يەنە چۈشەنچە بېرىپ «بىر خەلق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى كىملىكى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجوتلۇقىنىڭ تۈپ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ»
     دىگەن كۆز قاراشنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولىدۇ. بۇ سۆز باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى سۆزلەنگەندە قىلىنماستىن بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇندا بېرىلىدۇ. كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھەم مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ مۇشۇخىل ياشاش ئۇسولىغا بېرىلگەن باھادىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىز بارغانسېرى ئوخشىشىپ كىتۋاتقان ياۋروپا مىللەتلىرىگە بېرىلگەن ئەمەس. بۇ پىكىر مەدەنىيەتتىكى ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە ياشاش شەكلىدىكى پەرقىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىشىپ كىتۋاتقانلىقى بىلەن زىت. ئاپتور يات ئەلدە يىتىملىك ھىسىياتنىڭ تەرەپدارى بولۇپ قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تارىختىكى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ياشاش شەكلى بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان بىرەسمىي ئىپتىدائىي ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالغان. مۇشۇ ۋەقەلىكتىن «بىزنىڭ پۇرچىقىمىز پەقەت قېرىنداش مىللەت كىشىلىرى بىلەن پىشىدۇ. ئۇلار بىلەن بىز تەقدىرداش، قۇرغاق رايوندا ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرى بىز بىلەن ئوخشاش ياشاس ئۇسۇلىغا ئىگە. مەدەنىيەت پەقەت شۇلار بىلەنلا بولىدۇ» دىگەن يەكۈن چىقىدۇ. دىمەك، ئاپتور غەرىپنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈنسىز ئەيىبلەپ ئۆتۈپ، ھازىرقى ياشاش ھالىتىمىزگە مەدىھىيە ئوقۇغان. بۇنداق ئويلاش بىر ئۇيغۇر، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۈچۈن بەلكىم توغرىدۇ. ئەمما كىتابخانلارنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرى ھەم جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار تارىختا ناھايىتى سەلتەنەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك ياشىغان بولساقمۇ بۇ دەۋرلەر ئاللىقاچان كەتتى. بۈگۈنكى كۈندىكى ياشاش ئۇسولىنىڭ تۈپتىن ئۆزگۈرۈشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي ئۆزلۈك قارىشى(ئۆزىدىن ھالقىشى) شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھەرقانداق بىر مىللەت تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆزىدىكى ماسلىشالمىغان ئەنئەنە ۋە ئۆرۈپ ئادەتلەردىن قاتتىق قوللۇق بىلەن ۋاز كېچىشى كېرەك. دۇنياغا دانالىق بىلەن نەزىرىمىزنى سالغىنىمىزدا ياشاش شەكلىدە قانچە كونىلىقنى ساقلىغان بىر تائىپە بولىدىكەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى تەتۈر تاناسىپ ھالدا چېكىنگەنلىكىنى بايقىماي قالمايمىز. ئەسئەت سۇلايماننىڭ بايانلىرى خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى قانونىيەتلەرگە قارىشى ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا دوكتور كىتابنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق قايتا ئېنىقلىما بەرمەيدۇ. نىچۈن دۇنيانى ئاۋام پۇقرادىن ياخشى چۈشۈنىدىغان بىر ئادەمدە مۇشۇنداق ئىدىيە ھۆكۈمران؟ بۇ كۆپ قىسىم زىيالىيلىرىمىزدا ئورتاق بولۋاتقان ھېسسىياتقا ئىغىشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

    يوقۇرىدا قەيت قىلىنغان ئۇنىڭ ئاچىسى ھاۋاخاننىڭ قارىشى ئىنتايىن ئىلغار قاراش بولۇپ، تىپىك يېڭىچە پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئىزدىنىشى قىسمەن دائىرىلىك بولسا، ئاچىسىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئىزدىنىشى دۇنياۋىيلىققا ئىگە ئورتاق پەن. بۇ ناھايىتى روشەن بىر سېلىشتۇرما. بۇ نۇقتا ئۆزىمىزدە زادى يازغۇچى - تارىخچىلار مۇھىممۇ ياكى دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە ئىلىم ئىگىلىرى مۇھىممۇ دېگەن تېمىدا ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخى، ئىتىنىك مەنبەسى، ئۆرۈپ -ئادىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش بەسىي توغرا ئىش بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ قەدىرلىشىمىز بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. بىز يەنە دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە پەنلەرگە بولغان ھوشيارلىقىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققىيات رىتىمى تېز، جىددىي، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىكىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەسئەت سۇلايمان تەسۋىرلىگەندەك قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى كەمچىل بولۇشى تەبىئىي. ئەمما ئۇلار بۇ تۇرمۇشقا ئۇزۇندىن كۆنگەن بولۇپ غەيرىي تۇيۇلمايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىدا يىتىلدۈرگەن ھەم تەبىئىي خالاپ تاللىغان ئادىتى بولۇپ، بۇ خىل ئىختىيارىي «مەجبورلىنىش» ئاخىرىدا ئادەتكە ئايلانغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ئادەتلەرگە ئورتاق رىئايە قىلغاندىلا ئۇلار مەدەنىيەت ھۆكۈمرانىلىق ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇرالايدۇ. بۇنى بىز تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالايمىزمۇ؟ ئاپتور يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلىدۇ: «يەر شارىلىشىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر چىگرىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مىللىي ۋە مەھەللىۋىي پەرقلەرنى ئېزىپ ئۇن قىلماقتا. بىز ئەنە شۇ سان – ساناقسىز خۇرۇچلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلانغان، ئاللىقاچان ئۆز تەمىنى يوقاتقان يەر شارى بولكىسىنى يىمەكتىمىز». بۇ جۈملىدىن نۆۋەتتىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بېرىلگەن باھانىڭ ئىجابىي ئەمەسلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە دىيىلۋاتقان «تەمسىز» بولكا دۇنيادا پەقەت بىرلا خىل، بەرىبىر بىزنىڭ يىمەكلىكىمىز. ئۇنى ئىنسانلار ئۆز ئىختىيارىي بۇيىچە تاللىغان، ئاز يىگەنلەر جانسىز، ئورۇق بولىدۇ، تەمسىز بىلىپ يىمىگەنلەر ئاچ قالىدۇ، خالاس. ھەممە مىللەت ئۆز ئالاھىدىلىكىنى، ئۆرۈپ - ئادىتىنى ساقلاپ قىلىشى بىلەن بىللە يەنە تەرەققىيات ئىلىپ كېلىۋاتقان بىسىم، خىرىس ۋە مەجبورلاشلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى، تەدبىر بەلگىلىشى زۆرۈر. ماسلىشىش ياكى ماسلاشماسلىق مەسىلىسىدە بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب ئەمەس. بۇ خىل ئېقىم بەئەينى جاھان سوقۇشىدا ئۇرۇش ئوتى ئۇرۇش قىلىشنى خالىماي مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ يۆگەپ- سوقۇپ ئۇرۇش قاينىمىغا باشلاپ كىرىگىنىدەك ئىش بولۇپ، باشقا كەلگەندە ھېچكىم قېچىپمۇ كىتەلمەيدۇ.

    تارىخىي خاتىرىلەر شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئىلگىرى فىيودالىق ۋە بىكىنمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا نەزەر سالمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى، مىسالەن ياپونىيە، كورىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشىكىنى كۈچەيگەنلەر سودا مۇناسىۋىتى بىلەن ئاچتى، ياخشىلىقچە قىلالمىغاندىن كىيىن توپ - زەمبىرەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ مەجبورى ئېچىۋەتتى. بۇ خىل مەجبورلاش ئاخىرىدا فىيوداللىق ۋە بىكىنمىچىلىكنى يوقتۇشقا، ئۆرۈپ- ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى ھەم دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. دېمەك، دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سىياسەت – پەرمانلىرى ھەم دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىر ئېقىمدا مېڭىش بىردىنبىر تاللاش يولىدۇر. ئەمدى قانداق قىلىپ ھازىرقى ئېسىل ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىپ زامانىۋىلىققا كۈنەلمەيدىغانلىرىدىن كېچىش، زىيادە ۋاقىت، كۈچ ۋە زېھنى قۇۋۋەتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىۋىتىش توغرىسىدا ئىزدىنىشكە موھتاج بولۋاتىمىز. ئىلىم – پەنگە، پاكتقا ھۆرمەت قىلغۇچىلار بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى تەمكىنلىك بىلەن ئويلىنىشىمىز كېرەك.

    4.2 ئاممىنىڭ ئىلىم – پەن قارىشى ۋە تەپەككۇرى

    كىشىلەر تېخنىكا ئارقىلىق زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە بىخەتەر ياشاش ئۇسوللىرىنى بىلىۋالدى. كىشى نورمال ھايات كەچۈرۋاتقان ئەھۋالدا ئەجەل ۋەھىمىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆپ ئويلاپ كىتەلمىسە كېرەك. ئەمما ئۆزى ياكى ئەڭ مۇھىم كىشىسى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان چاغدىلا بۇنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنداق ۋەھىمە ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئارزو – ئارمىنىنى بىراقلا بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ. يۇقىرى سەۋىيىلىك داۋالاش تېخنىكىسى ئادەمنىڭ كېسىلىگە شىپا تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ ھەم بىر قىسىملىرىنى ساقايتىدۇ. دېمەك، تېخنىكا قانچە يۇقىرى بولسا كىشىلەرگە شۇنچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن، ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىشى ھەم ئالىملىرىمىزنىڭ تەتقىقاتى تېخىچە بىخ ھالەتتە تۇرۋاتىدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، «بىلىم–كۈچ»كە ئوخشاش ئىلىم – پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژۇرناللىرى يىتىمسىرىماقتا. بۇ ژۇرناللارنىڭ تىرىشچانلىقىدا دۇنياغا كەلتۈرۈلگەن بىر قىسىم نەتىجىلەر ئېتىبارسىز قالماقتا. مىسالەن، قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسى»نىڭ ئارىمىزدا كۈچلۈك ئىجتىمائى ھەم ئىقتىسادى قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسوسلاندۇرىدۇ. ئەمما 90- يىللاردا مەلۇم بىر تىل تەتقىقاتچىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەشتە ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قىلىشى سەۋەبلىك مەكتەپ - مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتى بۇ ئىككى خىل ئىشقا، توغرىسىنى ئېيتىقاندا ئىلىم ساھەسىدىكى دۇنياۋى بايقاش ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن قىسمەن دائىرىلىك تىل تەتقىقاتىغا بولغان روشەن پوزىتسىيىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئالدىدىكىسى پۈتكۈل دۇنيا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا. ئۇنداقتا قانداق ئامىل تارىختىن بۇيان باھادىر ئوغلانلىرى، كەشپىياتچىلىرى كۆپ يېتىشىپ چىققان بىر مىللەتنى شاللاپ تاشلاپ، جاھان مىللەتلىرىنىڭ كەينىگە تىزىپ قويۇشقا، ھەتتا ئۇنتۇلدۇرۇشقا مەجبورلىدى؟ بىز تارىخىي قەلەمدارلىرىمىزنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلمىدۇقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ قاراشلىرى زامانغا زىت بولۇپ قالدى؟ ياكى ئۇلار كۆرسىتىپ بەرگەن ئاتالمىش «ئىلىم – مەرىپەت يولى» نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئوخشىمامدۇ؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ساھەلىرىدىكى تەلىماتلار دۇنيا ئىلىم– پېنى ساھسىدە جىڭغا توختىمىدۇ ياكى بىز بەك كۆپتۈرۋەتتۇقمۇ؟ ئۇلارغا زىيادە يوقۇرى باھا قويۇشتىن ئىلگىرى جاھانغا نەزەر سېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇقمۇ، بىلىشىمىزدىكى بىلىم- مەرىپەت يولى زادى دۇنيانىڭ يولۈنىشى بىلەن ئوخشامدۇ – يوق؟ بۇ مەسىلىلەرگە سوغاققانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ چىقىپ جاۋاب بىرىشىمىز، ئۆزىمىزگە بەش قولدەك ئايان كۈچى ئاجىز دەسمايىمىزنى ھە دېگەندىلا سۆرەپ چىقىپ پەش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئىلىم – پەنگە ۋە تېخنىكىغا تۇتقان پۇزىتسىيىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

    بىزگە مەلۇملۇق تارىخىمىزدىن شۇنى كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، «ئەدىب، شائىر» ئەتىۋارلىنىپ، تېخنىك - ئىختىراچى كەمچىل بولغان. بۇنداق زور تەڭسىزلىك ھە دېگەندىلا بىرەر ئەمىلىي ئىش قىلىشتىن جەررە – ساما تارتىشنى، قىسقىسى خىيالى-ھىسسىي مەدەنىيەتنى ئەۋزەل بىلمەك ھالىتىگە باشلىغان. بۇ بىزدىكى مىڭ يىلدىن بۇيان بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان تېخنىكا ھەم ئىلىم – پەننى تەرك ئېتىش پىسخىكىسىدىن ئىبارەت.

    ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە جىنسىي ئەركىنلەشتۈرۈش، بۇزۇقچىلىق، ئاشنىدارچىلىق يامرىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر ئىنسانىي پەزىلەت - خىسلەت بىلەن ياشاپ،  ھەر ئىشنى پۇختا،  ئۆز لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەخلاق، ئۆرۈپ- ئادەت، كىشىلىك قەدىر - قىممەت جەھەتتە يەنىلا دۇنيانىڭ ئۈلگۈسى بولۇپ كىلۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئەخلاقىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا يوق قىلىۋەتسەك، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئىنتايىن سېرىقلاشقان، جىمىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئۇچۇقى دەپ قارىۋالساق خاتالاشقان بولىمىز، ئەلۋەتتە. ئەقىللىق كىشىلەر ئۆز جىسمىدىكى ھەر بىر پائالىيىتىگە ئاڭلىق ئىگە بولۇپ كىلۋاتماقتا. بۇلارغا كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىمىزمۇ ھەرگىز خەقنىڭ يامان تەرىپى بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ ناچار ئادىتىنى ئەمەس، ئىلىم پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان خىسلىتىنى ئۆگۈنىمىز. ئۇلار ئۆز ئورنىنىڭ يوقۇرلۇقى، تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئالەمنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۈتكۈل ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كىلەلەيدۇ. خەۋەرلەردىن ئايان بولۇشىچە ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردا نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ ھاۋايدىكى مەلۇم ئورۇنغا بىر


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.