ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-17

    قىتان خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90115478.html

                 يۈسۈپجان ياسىن

    -                     توڭگۇس تىللىق خەلىقلەرنىڭ بىرى بولغان قىتانلار ئەسلىدە لياۋخې دەرياسى بويىدا ياشايتى.ئۇلار مىلادىيە 10-ئەسىردە قۇدرەتلىك بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتىن بۇرۇن،ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ ئاۋارلار،كۆك تۈرۈكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.بۇ مەزگىلدە ئۇلار بۇ مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مەدىنيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ، جەمىيەت تەرەققىياتىدا زور يۈكسىلىش بولغان.بۇلۇپمۇ ۇيغۇرلارنىڭ دىھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ساھەسىدە ئۇلارغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى قىتانلاردا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى پەيدا قىلغان.مىلادىيە 840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى قىتانلار ئارىسىغا كۈچۈپ بارغاندا،ئۇلارنىڭ قىتانلارنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئىرىشىشى مانا شۇنداق ئالاھىدە مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجىسى ئىدى.بۇ ۋەقەدىن بۇرۇنمۇ،يەنى ئۇيغۇر خانلىقى سەلتەنەت سۈرۋاتقان مەزگىلدىمۇ قىتانلارغا نازارەتچى ئەمەلدار سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن تۇدۇنلار بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ يېرىگە كۈچۈپ بېرىپ،ئارلىشىپ ياشىغان.دىمەك،قىتانلار مىلادىيە 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇشتىن بۇرۇنلار.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى سالماقنى ئىگىللىگەن.مانا شۇ ئۇيغۇرلار تارىختا ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ باش كۆتۈرۈشى،قىتان خانلىقىنىڭ قۇرلۇشى، مۇستەھكەملىنىشى ۋە گۈللىنىشىدە زور رول ئوينىغان.قىتانلار ئارسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسىدىن سۆز ئېچىلغاندا ھەممىدىن ئاۋال شۇلۇگ ئۇرۇقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

    أ‌-                     ئىلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تىياتىرى ۋە خەلىق قىسسىسى «ياڭ ئائىلىسىنىڭ باتۇرلىرى»دا شياۋ فامىلىلىك بىر خانىش سۆزلىنىدۇ.تارىختا بۇ خانىش چىڭ تيەن خانىش دەپ ئاتالغان بۇلۇپ،ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى لياۋشىڭزۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان(983-1031)يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت قىتان خانلىقى گۈللىنىپ،ئەڭ قۇدرەت تاپقان مەزگىل ھىساپلىنىدۇ.قىتان خانلىقى سەلتەنەت سۈرگەن 200يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا، ئۇنىڭغا ئوخشاش خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقوقىنى تۇتقانلاردىن شياۋ فامىلىلىك ئۈچ خانىش ئۆتكەن.ئۇلار چىڭ تيەن خانىش.لياۋ-قىتان خانلىقىنىڭ قۇرلۇشى ئۈچۈن زور رول ئوينىغان چۈن چىن خانىش ۋە چىن ئەي خانىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ،شياۋ فامىلىلىك بۇ ئۈچ خانىشنىڭ ئەجدادى قىتانلاردىن بولماستىن،بەلكى ئۇيغۇرلاردىن ئىدى.بۇ توغرىسىدا «قىتان تارىخى.خانىشلار تەزكىرىسى»دە: «تەيزۇنىڭ خانىشى چۈن چىن شۇلۇگ ئۇرۇقىدىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇرلاردىن بولغان نوسىل دىگەن كىشى ئىدى» دىيىلسە،« قىتان تارىخى.شىرەم تۇققانلار تەزكىرىسى»دە:«شۇلۇگ ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن بولغان نوسىل دىگەن كىشىنىڭ ئەۋلادى ئىدى»دىيىلىدۇ. مانا بۇ پاكىتلار شۇلۇگ ئۇرۇقىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئۇرۇقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىلىدۇ.

    شۇلۇگ خانىش(چۈن چىن خانىش)نىڭ جىيەنى شياۋخەيگە قىتان خانلىقىنىڭ پادىشاھى ياللۇغ دىگۇاڭ(تەيزۇڭ) تەرپىدىن «شياۋخەن» دىگەن نام تارتۇقلانغاچقا،ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنىڭدىن باشلاپ فامىلىسىنى «شياۋ»غا ئۆزگەرتكەن. « قىتان تارىخى.شىرەم تۇققانلار تەزكىرىسى»دە دىيلىشىچە،ئەسلىدە قىتانلار ياللۇغ ئۇرۇقى بالى ۋە يىش ئۇرۇقىدىن نىكاھلىناتتى.كېيىن ياللۇق ئاباۋجىنىڭ شۇلۇگ خانىشقا ئۆيلىنىشى بىلەن ئۇلاردا قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋېتىنى ئورنىتىدىغان يېڭى بىر ئۇرۇق قۇشۇلغان.مىلادىيە 947-يىلى شۇلۇگ ئۇرۇقى ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى شياۋغا ئۆزگەرتكەن.شۇنىڭ بىلەن،قىتانلارنىڭ تارىخىدا بالى،يىش ۋە شۇلۇگ ئۇرۇقى بىرلەشتۈرلۈپ،«شياۋ فامىلىلىكلەر» دەپ ئاتالغان.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان مانا شۇ شۇلۇگ ئۇرۇقىدىكىلەرنىڭ قىتان خانلىقىنىڭ تارىخىدا ئوينىغان مۇھىم رولى ۋە تۆھپىلىرى تارىخى مەنبەلەردە تەپسىلىي خاتىرلەنگەن.مانا شۇ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ خانىشى شۇلۇگنىڭ تۈزگەن تەدبىر-چارىلىرى قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش يولىدىكى چوڭ توسالغۇلارنى پۇتۇنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاپ،قىتان تارىخىدا يېڭى بىر دەۋىرنىڭ باشلىنىىغا ئاساس سالغان.

    قىتانلار ئەسلىدە سەككىز چوڭ قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ، مىلادىيە 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە،بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە تۆرە قەبىلىسى تىز كۈچەيگەن.بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقى ياللۇغ ئاباۋجى 400مىڭ كىشلىك قۇشۇن تەشكىللەپ،قىتانلارنى بىرلەشتۈرۈپ،كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرۇش يولىغا ماڭغان بولسىمۇ،لېكىن باشقا يەتتە قەبىلە بىرلىشىپ،ئۇنىڭغا قارشى چىققان.ياللۇغ ئاباۋجى ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى بىر قانچە قېتىم باستۇرغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ئاستىدا ئامالسىز قېلىپ،ئۇلارنىڭ سياسىي تەلپىگە قۇشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان.مۇشۇنداق جىددى پەيتتە،ئەقىللىق خانىش شۇلۇگ بىر پىلان تۈزۈپ چىققان.بۇ پىلان بويىنچە ياللۇغ ئاباۋجى يەتتە قەبىلىنىڭ باشلىقىنى يوقاتقان.بۇ ۋەقە مىلادىيە 915-يىلى يۈز بەرگەن.شۇنداق قىلىپ،خانىش شۇلۇگنىڭ كۆرسەتكەن پىلانى بويىنچە ياللۇغ ئاباۋجى ئۆزىنىڭ ئىلگىرلەش يولىدىكى ئاخىرىقى توسالغۇلارنى تەلتۈكۈس يوقىتىپ،مىلادىيە 916-يىلى قىتان خانلىقىنى قۇرغان.

    خانىش شۇلۇگ ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك ئايال بولغاچقا،پادىشاھ ياللۇغ ئاباۋجى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا ئارلاشقانىدى.

    ئاباۋجىنىڭ ئاساسلىق مەسلىھەتچىسى خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان خەن يەنۋېي بۇلۇپ،ئۇ خانىش شۇلۇگنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئاشۇ ئورۇنغا قۇيۇلغانىدى.خانىش شۇلۇگ يەنە ئەمەلىي ئۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ پىشقان ئايال سەركەردە ئىدى.ياللۇغ ئاباۋجى غەرىپتىكى تاڭغۇتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلغاندا،شۇلۇگ خانىشقا ئۆزىنىڭ قارارگاھىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان.بۇ چاغدا شېرۋېيلارنىڭ ئىككى قەبىلىسى بىرلىشىپ،ياللۇغ  ئاباۋجىنىڭ قارارگاھىغا ھۇجۇم قىلغان.شۇلۇگ خانىش بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ،دەرھال قۇشۇن باشلاپ،قايتۇرما زەربە بىرىپ،ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇب قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ داڭقى چىقىپ كەتكەن.«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دىگەن كىتاپتا ئۇنىڭغا:«شۇلۇگ خانىش ناھايتى جاسارەتلىك،قەتئىي ئىرادىلىك،پىلان تۈزۈشكە ماھىر ئايال بۇلۇپ،ئاباۋجى ھەربىي يۈرۈش قىلىشتا ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ھەمىشە ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى»دەپ باھا بىرىلگەن بولسا،«قىتان تارىخى.جۇغراپىيە تەزكىرىسى»دە:

    «تەيزۇنىڭ تۆت ئەتراپنى ئۆزلەشتۈرۈپ،بۇخەينى تىنجىتىشىدا خانىش شۇلۇگ ناھايتى زور كۈچ قوشقان» دىيىلگەن.

    مىلادىيە 926-يىلى پادىشاھ ياللۇغ ئاباۋجى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،خانىش شۇلۇگ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى ئۆزى مۇستەقىل ئىدار قىلىشقا باشلىغان.ئەسلىدە،ياللۇغ ئاباۋجى ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلىنى تەخىت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىگەنىدى.لېكىن،خانىش شۇلۇگ ئىككىنچى ئوغلىنى ياخشى كۆرگەچكە،ئۇنى خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىدى.بۇ پادىشاھمۇ دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى بىرتەرەپ قىلىشتا شۇلۇگ خانىشنىڭ دىگىنىدەك قىلغان.دىمەك، بۇ مەزگىلدە خانىش شۇلۇگ قىتانلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئەمەلىي ھوقوقلۇق ھۆكۈمرانىغا ئايلانغانىدى.

    خانىش شۇلۇگنىڭ بىر تۇققانلىرىدىن تىلۇ ۋە ئاگۇچىلارمۇ قىتان خانلىقىنىڭ قۇرلۇشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىدە زور خىزمەت كۆرسەتكەن ئىدى.ئاباۋجى ھەر قېتىم ئۇرۇشقا چىققاندا،بۇ ئىككىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلاتتى.باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا،ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.شۇڭا،ئاباۋجى ئۇلارنى نۆۋەت بىلەن شىمالىي ئوردىنىڭ ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.ئاباۋجىنىڭ تۆھپىكار ۋەزىرلىرى ئىچىدە تىلۇ «كۈچلۈك قول»غا ئوخشىتىلاتتى.

    شۇلۇگ ئۇرۇقىدىكى بىر ئائىلىنىڭ قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدا ناھايتى زور رول ئوينىشى ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن «باتۇر،جەڭگىۋار ۋە ئۇرۇشقا ماھىر مىللەت»بۇلۇشىدەك ئىرسىي خاراكتىرلىك ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇرۇقنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ناھايتى كۈچلۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.خانىش شۇلۇگنىڭ ئوغلى تەيزۇڭ:«خانىشنىڭ ئۇرۇقى قەدىمكى قارغاينىڭ يىلتىزىدەك كۈچلۈك،ئۇنىڭغا چېقىلغىلى بولمايدۇ»دىگەن بولسا، «يېڭى بەش دەۋىر تارىخى»دا:«خانىش شۇلۇگىنىڭ ئائىلىسى ناھايتى چوڭ ئۇرۇق» دىيىلگەن.

    شۇلۇگ ئۇرۇقىدا تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى خانىشنىڭ ئائىلىسى –ئۇرۇقى بۇلۇپ،ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئۆتكۈر قورال-يارقلارغا ئىگە بولغاچقا،ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ دۆلەت قۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ تۆھپە ياراتقان.مانا بۇ تەرەپلەر بۇ ئائىلىنىڭ قىتانلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بۇلۇشىنى بەلگىلىگەنىدى.

    قىتان خانلىقىدا فامىلىسىنى «شياۋ»غا ئۆزگەرتكەن ئۈچ شىرەم ئۇرۇق ئىچىدە،شۇلۇگ ئۇرۇقى ئاساسىي ئورۇندا بۇلۇپ،ئۈستۈن ئىمتىيازغا ئىگە بولغان.«قىتان تارىخى.خانىشلار تەزكىرىسى»دە تىلغا ئېلىنغان ئون خانىشنىڭ توققۇزى شۇلۇگ ئۇرۇقىدىن ئىدى.

    شۇلۇگ ئۇرۇقىنىڭ ئەرلىرىدىن نۇرغۇن كىشلەر قىتان خانلىقىنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي،مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە قۇيۇلغان.بۇلاردىن بىلگەخان،ۋەزىر،دىۋان بىگى،ۋالىي قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىرى:شىمالىي ئوردا ۋەزىرى تىلۇ،شىمالىي ئوردا ۋەزىرى ئاگۇچ،ۋېي بەگلىگىنىڭ بىگى شياۋسېن،شىمالىي ئوردا ۋەزىرى شياۋجىشەن،شىمالىي ئوردا ۋەزىرى شياۋخەن،ۋۇ بەگلىگىنىڭ بىگى شياۋ مۇ،چۇ بەگلىكىنىڭ ۋەزىرى بىگى شياۋشياۋجۇاڭ،چىن بەگلىكىنىڭ بىگى شياۋ شياۋشيەن،فېڭ بەگلىگىنىڭ بىگى شياۋ شياۋيۈ،ۋىلايەت بىگى شياۋ گاۋجۇ،ۋۇنىڭ ۋىلايىتىنىڭ بىگى شياۋ سابا،خەن بەگلىكىنىڭ بىگى ۋە جەنۇبىي ئوردا دىۋان بىگى شياۋ ئاسۇ،شەرىقنى تىنجىتىش بىگى شياۋ پەييا قاتارلىقلارنىڭ نامى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.«قىتان تارىخى.داۋزۇڭخان تەزكىرىسى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىن 300دىن ئارتۇق كىشى قىتان خانلىقنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىلىرىگە قۇيۇلغان.مانا شۇ ئۇيغۇرلار قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرلاشقۇچە بولغان جەرياندا خانلىقنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت شياۋ شياۋمۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىلا مىسال قىلىپ ئۈتىدىغان بولساق،ئۇ شۇلۇگ خانىشنىڭ ئىنىسى ئاگۇچنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى بۇلۇپ، نۇرغۇن قېتىم قۇشۇن باشلاپ يۈرۈش قىلىپ،جەڭ غەلبىلىرى بىلەن داڭ چىقارغان.ئۇ خانلىقتىكى ئاھالىنىڭ سانىنى ئىنىقلاپ چىقىپ،ھاشار-سەيسىنى رەتكە سېلىپ،باج-سېلىقنى تەڭشىگەن.خەلىقنى تىنىچلاندۇرۇپ،جەنۇپ-شىمال ئالاقىسىنى كۈچەيىتكەن.شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى كىشلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «دۆلەتنىڭ گۆھەر ۋەزىرى» دەپ ئاتىغان.

    خۇددى «قىتان تارىخى»دا دىيىلگىنىدەك،«قىتان خانلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ياللۇغ ۋە شياۋ(شۇلۇگ)دىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇق تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان»بۇلۇپ،بۇ خانلىقنى ياللۇغ ئۇرۇقىنى ئاساس، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇلۇگ ئۇرۇقىنى قۇشۇمچە قىلغان ئىككى چوڭ ئۇرۇقنىڭ بىرلەشمە ھاكىميىتى دەپ ئاتاشقا بۇلىدۇ.

    قىتان خانلىقى ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلىدە زىمىنى شەرقتە كورېيىدىن غەرىپتە ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىغىچە،شىمالدا ئورخۇن،سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدىن جەنۇپتا خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىغىچە يەتكەنىدى.

    قىتان خانلىقى مىلادىيە 1125-يىلى جۇرجىتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان

    قىتان خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،خان جەمەتىدىن بولغان ياللۇغ تاشىن بىر بۆلەك قىتانلارنى باشلاپ غەرپكە كۆچكەن.بۇ قىتانلار تارىختا «قارا قىتانلار» دەپ ئاتالغان.قارا قىتانلار دەسلەپتە ئېمىلدا بارگاھ قۇرۇپ،ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن،مىلادىيە 1133-يىلى بالاساغۇننى پايتەخىت قىلىپ،قارا قىتان خانلىقىنى قۇرغان.بۇ خانلىقتىمۇ ئۇيغۇرلار مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قۇيۇلغان.بۇ چاغدا ئۇيغۇر بەگزادىلىرى قارا قىتانلارنىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەللەرنى تۇتقان بولسا،ئۇيغۇر زىيالىلىرى ھۆكۈمدارلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلگەن.

    مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى 2008-يىل 12-سانى 

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.