ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-17

    تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90138375.html

     

    ئوغۇزخان
    بىلىشىمچە، مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى، يەنى پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، پەلسەپىچىلەر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا كۆزىتىش، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئوي - پىكرىنى توغرا تەھلىل قىلىش، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى، ھەرىكىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، مۇۋاپىق يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى، پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىپ ياخشىلىققا باشلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەردۇر. مەلۇم مەسىلىنىڭ توغرا يۆلىنىشى ئۈستىدە ئەمىلى، ئىجابىي ئىزدىنىش، شۇنداقلا ھەممىگە ئورتاق بولغان قانۇنىيەتنى تېپىش ھەم يەتكۈزۈش جەريانى پەلسەپە، تەپەككۇر بولسا كېرەك. شۇڭا تەپەككۇر رېئالى مەسىلە ئۈستىدە بولىدۇ، گۈزەللەشتۈرۈلگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. پەلسەپە  بىر قاراشتىن مۇرەككەپ، سىرلىق جەمئىيەت ئىلىمى بولۇپ، ئەگەر چۈشىنىشلىك، ئامىباپ مەزمۇندا بولسا مۇرەككەپ بولمىغان ئىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپەنىڭ تۈپ مەقسىتى دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ(شەيئىلەرنىڭ)، مەيلى ئۇ كۆرگىلى-تۇتقىلى بولىدىغان ياكى مەۋھۇم نەرسە بولسۇن، ئىچىگە يوشۇرۇنغان تۈپ قانۇنىيىتنى(مىسالەن ئىنساننىڭ ماھىيىتى)نى ئىزدەش، بايقاش ھەم بەرھەق نەرسىگە ھۆرمەت قىلىش جەريانى بولۇپ، ھەقىقەتتىن ئايرىلغاندا پەلسەپەنىڭ قىلچىلىك قىممىتى بولمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى  ئەقىل-پاراسەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىدە ئىدراك، پاكىتنى ئاساس قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم. شۇڭا بۇ ئىلىمىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق زاكۇنشۇناسلىق ئىلىمى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ مەڭگۈ تېخىمۇ يېڭى بولغان قانۇنىيەتلەرنى بايقاشنى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش نىشانى قىلغان. شۇنداق بولغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋال (قانۇنىيەت)نى بىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئالدىغا سىلجىتىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

    ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىشىمگە ئاساسەن نۆۋەتتىكى «يېزىقچىلىق، پەلسەپە، دۇنياغا قاراش، قىممەت قاراش» قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلىشىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ پىكىرلەشمەكچى بولغانلىرىم بىر خىل ئوبزور ياكى بىرەر كىشىگە ھىسىيات ھۇجۇمى قىلىش مەقسىتىدىن كۆپ يىراق بولۇپ، ئاساسلىقى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان پاكتلىق مەسىلىلەرنى توپتوغرا ئوتتۇرىغا تاشلاپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مەقسەت قىلدىم.

    بايقىشىمچە، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى قاتلىمى ھەم خەلقنىڭ تەپەككۇر ئېڭىدا جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

    1.1 تىلنىڭ كىكەچلىكى

    بۇ تىمىدىكى ئاتالغۇ نۆۋەتتىكى «پەيلاسوپ» ياكى «مۇتەپەككۇر» نامىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىكى ئېغىر تىل، پاساھەتلىك تىل، مەزموندار تىل ئۇسلۇبىغا، ئۆزىنى تىلدار(تىلغا باي) قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتا ئېيتقىنىمدىن ئىبارەت. ئۆزۈمنى گەرچە زىيالىيلاردىن دەپ ئېيتالمىساممۇ، پات - پات كىتاب ژۇرنال كۆرۈپ تۇرىدىغان ئادەم بولۇشۇم بىلەن يەنىلا ئاز-تۇلا بىرنىمە بىلىدىغانلاردىن دەپ ئويلايمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق يوقۇرىدا دىيىلگەن كىشىلەر يازغان ماقالا ھەم ئېيتقان سۆزلىرىنى چۈشەنمەسلىكىم، تېگىگە ھەقىقىي يىتەلمەسلىكىم بىر پاكىتتۇر. ناۋادا سىز بۇ ئەسەرلەرنى تولۇق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىڭىز مېنىڭدىن كۆپ ئەقىللىق ھەم تەلەيلىك ئىكەنسىز، ئەمما سىز  ئەڭ ئىشەنچلىك شاھىت ئەمەس. سىز سەۋىيىڭىز يۇقىرى زىيالىيلار قاتلىمىغا تەۋە بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر توپىغا كىرىسىز. مەن كەڭ تۆۋەن سەۋىيىلىك كىشىلەر توپىغا، ئوقۇغۇچىلارغا، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ھەم قارا تۈرۈك دېھقانلار توپىغا تەۋە بولغان بولىمەن. بۇنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغاچقا مەن ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلىمەن. مەن تۇرغان تەرەپ ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت.

    بىلىشىمچە، تەپەككۇر ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ توغرا كۆز قاراشلىرى ۋە ئىدىيىسى بىلەن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا روھ دۇنياسىدىكى «مۇنەۋۋەر سىياسىيونلار» دېيىشكە بولىدۇ، ئەپسوس، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى، ھېس قىلغانلىرى، ئىزدىنىش نەتىجىسى ھەم كۆز قارىشىنى، ئىستراتېگىيە ۋە تەپەككۇرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۇسولىدا كەتكۈزۈپ قويدى. ئۆز ئەجىرىنىڭ جەۋھىرى مېۋىلىرى بولغان يازما--ئەسەرلىرىدە ھەدىدىن زىيادە ئېغىر تىل ھەم پاساھەتلىك تىل ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئىنتايىن دەبدەبىلىك بېزەپ چىقتى. مۇددىئاسىنى بىر تەرەپتىن زىيادە ئوخشىتىش ۋە كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ئوقۇغان ئەمما تولۇق ھەزىم قىلىشقا ئۆلگۈرمىگەن كىتاپلاردىكى ئۈزۈندىلەرنى ئىشلىتىپ پەدازلاش، سىرلىق ئۇقۇملار بىلەن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىش، ئۆز مەقسىتىنى ئۇدۇل ئېيتماي گەپ ئوينىتىش ئارقىلىق نەمەلۇم مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولۇشتى. بۇنداق ئىپادىچىلىكنى «ئىلمىي پوخورلۇق قىلىش» دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق. ئۇندىن باشقا ئۆز مەقسەتلىرىنى  يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلغا يات قەدىمىي سۆزلۈكلەر ھەم ئەرەب - پارس تىللىرىدىكى ئاتالغۇلار بىلەن ياپتى. ئەگەر بۇ گەپ - سۆزلەر بىلەن تىزىلغان جۈملىنىڭ ئىچىدىن مېغىزلىق مەزمۇنىغا يەتمەكچى بولساق ئالدى بىلەن بىر ئوخشىما تىلشۇناس بولۇشىمىز، ھېچ بولمىغاندا قولىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ياكى ئىبارىلەر لۇغىتى بولۇشى كېرەك. ئۇنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بىر ماقالىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چۈشىنىش، تېگىگە يىتىش بەزى «پەيلاسوپ»لارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ. ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئۈستىدە باشقىلارنىڭ ئىككىلەمچى مۇلاھىزە، شەرھ، تەپەككۇر ، ئىزدىنىش ئارقىلىق چۈشىنىشىنى بەخت، ئابرۇي دەپ قاراشسا كېرەك.

    يەنە بىر نۇقتىدىن ئويلانغاندا ئۇلار دېمەكچى بولغىنىنى ئېغىر تىل ئىچىگە كۆمۈپ قويۇپ، ئويۇن ئويناۋاتامدۇ؟ پاساھەتلىك سۆز دۆۋىسىنىڭ ئىچىدە راستىنىلا قىممەتكە يارىغۇدەك نەرسە بارمۇ دېگەن خىياللار تەپەككۇرى ئويغاق كىشىلەرنى گۇمانغا سالماي قويمايدۇ. ئەگەر قىممىتى بار نەرسە بولسا ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا تاشلىماي نېمە سەۋەبتىن سۆز ئۇيۇنى قىلىپ چۈشىنىكسىز گەپ - سۆزلەر ئىچىگە كۆمۈپ قويىدۇ؟ ئۇلارنىڭ نامايان قىلماقچى بولغىنى تىل بايلىقىمۇ ياكى ئۆز ئويىدىكى دېمەكچى بولغىنىمۇ؟ مېنىڭچە، بىر قىسىملارنىڭ دېمەكچى بولغىنىدىن تىل بايلىقىغا «پىشقان» مەنمەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلىشى مۇھىمدەك تۇرىدۇ. ئۇلار كىشىلەرگە ئالىقاچان سىر بولماي قالغان مەسىلىلەرنى قايتا - قايتا تىلغا ئالىدۇ. پەقەت ئەدەبىياتچىلارغا خاس ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبى ھەم ياردەمچى ۋاستىلىرى ئوخشىمايدۇ.

    ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشتە ئېغىر خۇدىكسىرەش، گاڭگىراش، ئىشەنچىسىزلىك، كىلاسسىك پەلسەپىۋى پىكىر چەمبىرىكىنىڭ ئاسارىتى، يازمىلىرىدا يېڭى ئىدىيىنىڭ بولماسلىقى بۇ كىشىلەرنى مۇشۇنداق «رەڭلىك نىقاب» شەكىلىدىكى غەيرىي يېزىش شەكلىنى قوللىنىشقا مەجبورلىغانمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ ئىچىدە تۇتامغا چىققۇدەك نەرسىنىڭ بار – يوقلۇقى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايان. ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، «مۆتىۋەر» كىشىلەرنىڭ بىلەرمەنلىكىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇلدا كۆز - كۆز قىلىشى، شۆھرەت تەما قىلىشى نېمە دېگەن چوڭ پەسكەشلىك! ئۆز تەپەككۈرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنداق غىلجىڭلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئوقۇرمەننى ھارغۇزۇپ قويىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ياشلارنىڭ قەلب تارىنى چىكىپ ھاياجانغا سىلىپ قان ئايلىنىشى ھەم نەپىسىنى تېزلەتسە بولىدىكى، كىيىنكى ئۇزۇن مەنزىلدە يولنى قانداق مىڭىشنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمدى يەنە يېزىش توغرا كەلسە تەكلىپىم شۇكى، بۇ كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى مەسەل يازسۇن. تىلى چۈشىنىشلىك، ئوقۇشلۇقى بار، جەلپ قىلارلىق مەسەل ئارقىلىق پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشسۇن، خوددى «بۆرە كەلدى»، «بۆرە بىلەن قوزىچاق» قاتارلىقلاردەك. شۇنداق بولغاندا بىرلا ئوقۇپ چۈشۈنۋالغىلى بولىدۇ.

    1.2 ئېغىر تىل ۋە چۈشنىكلىك تىلنىڭ سىلىشتۇرمىسى

    ئۆز گىپىمىزنى داۋام ئەتسەك، ئېغىر تىل ئارقىلىق يېزىلغان ماقالىلەر زىيالىيلارنى ئويلىغانمۇ ياكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇشنى ئويلىغانمۇ دېگەن يەنە بىر مەسىلە بىزنى تەشۋىشكە سالماي قويمايدۇ. زىيالىيلار بۇنداق نەرسىلەرگە ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق ئەمەس. زىيالىيلار قاتلىمى جەمئىيەتنىڭ باشلامچى قوشۇنى بولۇپ، نىمىنىڭ توغرا، قايسى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى باشقىلاردىن ئېنىق بىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ماقالىلار پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن يېزىلغانمۇ؟ ياق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېغىر تىل بىلەن بېزەلگەن ماقالە - نۇتۇقلىرىنى جەمئىيەتتىكى ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ياكى بىر سودىگەر ۋە ياكى بىر قارا تۈرۈك دېھقان تولۇق چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى ئىككىلەمچى تەتقىق قىلىپ چۈشۈنىشىگىمۇ زېھنى يوق. مېنىچە بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئېنىق ئاڭقىرىپ كىتەلمىسە كېرەك.  دېمەك، بۇ «پەيلاسوپلار» ئاخىرىدا يىڭىلگۈچىلەردىن ئىبارەت. شۇڭا ھە دېسىلا جەمئىيەتتىن ئاغرىنىدۇ، بارغانسېرى بۇزۇلۇپ كىتۋاتقانلىقىدىن ئىچىنىدۇ. جىنسىي ئەركىنلەشتۈرۈش، ئاشنىدارچىلىق(بۇلار ئۇچوق - ئاشكارا دىيىلمىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسىگە ئايلىنىپ بولغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك، خالاس)، ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەت، بالىلارغا بولغان تەربىيەنىڭ يىتەرسىز بولۇشى، بەزمىخانىلار، ئاجرىشىش ئىلىپ كەلگەن ئىگىسىز يېتىم بالىلار... قاتارلىقلاردا مۇناسىپ كىشىلەرنىڭ مەسئولىيىتى بولغىنىدىن سىرت، جەمئىيەتنى تەربىيىلەش مەسئولىيىتىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالدۇق، دەپ مەيدىسىگە ئۇرىدىغان ئوپراتسىيەچى پەيلاسوپ – قەلەم ئىگىلىرىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان زور مەسئولىيىتى بار. ئۇلار بۇ مەسئولىيەتنى ئادا قىلىشنى ئويلايدىكەن ئۆز تەپەككۇرىنى كىشىلەرگە ئەڭ يېقىن، ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك زاغىرا تىل بىلەن بايان قىلىشنى ئۆگۈنىۋىلىشى كېرەك. شۇندىلا كىشىلەر ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلەيدۇ. بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئىلمىي، مەدەنىي ۋە بەختلىك ياشىشىدۇر.  بىر كىشىنىڭ بىلىمى قانچە يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان نەرسىگە ئايلانمىسا، باشقىلارغا نەپ ئېلىپ كىلەلمىسە بەرىبىر ئۇنى ئېتىراپ قىلىشمايدۇ. ئېتىراپ قىلىدىغانلار پەقەت ۋە پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس. يوقۇرقىدا تىلغا ئىلىنغان كىشىلەر يازغان «ھىكىمەتلىك سۆزلەرنى»نى يىغىپ بىر توپلام قىلغاندا بۇ توپلامنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى مەلۇم بىر مەشھۇر ئىنسانشۇناسنىڭ ئاددىي تىل بىلەن قارا ئاشلىق بولكىسىدەك يىرىك ئېيتقان «ئۈمۈر دېگەن بەك قىسقا، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرمەسلىك كېرەك» دېگەن نەق گىپىچىلىك بولمىسا كېرەك.

    ئەتراپىمىزدا ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەرلەر توغرىسىدا سۆزلىسەك زامانىمىزدىكى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق ئەسىرى(بۇ ئەسەر ژۇرنىلىمىزنىڭ 1994-يىل 1-،2- قوشما سانىدا بىسىلغان ئىدى—مەسئول مۇھەررىردىن) تىىپىك بىر مىسال بولالايدۇ. بۇ ئەسەردە يازغۇچى دېمەكچى بولغانلىرىنى كىتابى تىل بىلەن ئەمەس، خەلققە تېخىمۇ يېقىن بولغان ئاددىي تىل، تۈز تىل، جانلىق تىل ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇڭا بۇ ئەسەر خەلقنىڭ سۈيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ، زىلزىلىسى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتىمۇ غايەت زور بولدى. قارىغاندا بىز ئەدەبىي تىل بىلەن تەپەككۇر تىلىغا قايتا ئېنىقلىما بەرسەك بولىدىغاندەك قىلىدۇ.ئېيتايلۇق، يەر شارىدا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زۆر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتلىك مەشھۇر ئەسەرلەردىن «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار»، «ئەقىل - پاراسەت دەستورى»، «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى»، «ھۆكۈمدارلار دەستورى» قاتارلىق كىتابلار ناھايىتى چۈشىنىشلىك يېزىلغان بولۇپ، بىۋاسىتە تەسىر قىلىش شەكلى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن. سېتىلىش مىقتارىمۇ غايەت زور مىقداردا ئاشقان. مانا بۇ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. بىز بۇ ئەسەرلەرنى ئوقىغىنىمىزدا ئاساسەن ھېچقانداق تىل قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىماستىن بىۋاسىتە چۈشۈنەلەيمىز. تىلدىكى ئىپادىلەش قانچىكى ئېغىر، قانچىكى مۈجىمەل بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى شۇنچە خۇنۈك، شۇنچە قىممىتى يوق بولىدۇ، تەسىر دائىرىسىمۇ تار بولىدۇ، خالاس.

    دىمەك، زامانىمىزدا قائىدەشۇناسلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشى تەپەككۈرىنى ئىپادىلەشتە «ئاددىي»، «چۈشۈنۈشلۈك» تىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا كۈچ چىقىرىشى ھاجەت.  

    1.3 تىلدىكى ئاتالغۇلار مەسىلىسى

    يېقىنقى 20-30 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تىلىغا يىڭىدىن كىرگەن ۋە داۋاملىق كىرىۋاتقان تۈرلۈك ئاتالغۇ - سۆزلۈكلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بىۋاسىتە ئاھاڭ تەرجىمىسى بوپقىلىشى ھەم ئىستىمالدىن قالغان بىر قىسىم قەدىمىي سۆزلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، پارس، ئەرەب تىللىرىدىن بەئەينى «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشكىنىدەك» قوبۇل قىلىنىۋاتقان سۆزلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلنىڭ ساپلىقى، راۋانلىقى تەسىرگە ئۇچراپ، مەنە ئىپادىلىشى مۈجمەل، چۈشىنىشلىك دەرىجىسى ئۆزلىكسىز چېكىنىپ بارماقتا. بولۇپمۇ كەسپىي ساھادە بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك. بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. ئادەمنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇرى بەدەننىڭ باشقا ھەرقانداق سېزىم ئەزالىرى قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇرىدىن كۆپ. ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەنبەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈزگۈچى قىسىملىرىدىن بىرى بولغان تىل – يېزىق روشەن ھەم سۈزۈك بولمايدىكەن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا يېڭى سۆزلۈك ياساش ھەم چەت تىلىدىن كىرىۋاتقان ھەربىر ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قىلىپلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن مەنە تەرجىمىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاندىن باشقا تەرەپلەرنى ئويلىشىش زۆرۈر.  مىسالەن، ھېسابلاش ماشىنىسى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە يىڭى تۇنۇلۇپ خېلى بىر مەزگىللەرگىچە كىشىلەر ئېلېكترونلۇق مېڭە ياكى ھېسابلاش ماشىنىسى دەپ ئاتاپ يۈردى. كىيىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنى بىراقلا تاشلاپ ئىنگلىزچىدىكى «كومپيۇتېر» دېگەن نامنى بىۋاسىتە ئوقۇلۇشى بۇيىچە ئىلىپ كىردى. خوش،  ئالدىدىكى ئاتالغۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەش بولۇپ، ھەر ئىككىلا سۆزلۈك ئۇيغۇر تىلىغا تونۇش بولغان ئېلېكترون(گەرچە بۇ سۆز ئىنگلىزچە بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى كىشىلەر ئاساسەن بىلىپ كەتتى) ۋە مىڭىدىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تىلىمىزغا ناھايىتى يېقىن، چۈشىنىشلىك، ئاڭلىغان كىشىگە «توك بىلەن ئىشلەيدىغان مېڭە» دېگەن ئۇقۇمنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ھېسابلاش ماشىنىسى دېگەن ئاتالغۇمۇ ھەم شۇنداق، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بىر ئادەمگە دەسلەپكى قېتىم ئاڭلىغاندا يەتكۈزىدىغان مەنە قىممىتىنى ئون دېسەك. كەينىدىكى كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇنىڭ بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغان كىشىگە بېرىدىغان مەنە قىممىتىنى نۆلگە تەڭ دېيىشكە بولىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان توك يولىنى ئۈزگۈچى ئەسۋابنىڭ «ۋىكلىيۇچاتىل» دەپ ئاتىلىشى چەت تىلدىن كىرگەن ئۇقۇم، ھازىر ئۇنىڭ مەنە ئاتالغۇسى «ئۈزچات» بولۇپ، ئۈزۈپ چاتىدىغان ئەسۋاب دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نېمە دىگەنمۇ توغرا ھەم ئوبرازلىق ئاتاش؟ دېمەك، باشقا تىللاردىن بىۋاسىتە ئاھاڭى بۇيىچە تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلارنىڭ مەنە ئىپادىلەش قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالماقتا. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەشەددىي خىرىستىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئەھۋالدا توغرا مەنە يەتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى پاساھەتلىكنى ھەم ئاسانلىقنى(سۆزلۈك ياساش جەھەتتىكى ئاسانلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ) قوغلاشساق يىتىلۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ بىر نەرسە چۈشۈنىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدۇ، تىلنى بۇنچىلىك زەئىپلەشتۈرۈشنىڭ قىلچىلىك زۆرۆريىتى يوق. ئادەم ئىسمى، يەر – جاي نامى ھەم پەۋقۇلئاددە ئاتالغۇلاردىن باشقا ھەرقانداق ئاتالغۇنى مەنىسى بۇيىچە ئۆزلەشتۈرۈشكە قىلىشقا بولىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تىلشۇناسلار تەرجىمە خىزمىتىدە مەنە تەرجىمىسىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

    ئاتالغۇلارنى ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىپادىلەپ چىقىش بۇندىن كېيىنكى تىل تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم بىر نىشانى. ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە يېڭى سۆزلۈك ئىجات قىلىشتا خەلقئارادا فرانسوزچىدىن، دۆلەت ئىچىدە خەنزۇ تىلىدىن ئۆرنەك ئالساق بولىدۇ. فرانسۇز تىلىنىڭ مەنە ئىپادىلىشى كۈچلۈك، قاراتمىلىقى يۇقىرى بولۇپ، مۈجمەل مەناسى ناھايىتى ئاز ئىكەن. مىسالەن «ئاۋىئاماتكا» دېگەن سۆزنىڭ فرانسوزچىدا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى ئاتالغۇسى «ئايروپىلان ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ھەربىي پاراخوت» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنتايىن ئوبرازلىق، ئىپادىلەنمەكچى بولغان نەرسىنى «ئاۋىئاماتكا» دېگەنگە قارىغاندا ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە بۇ تىل چۈشىنىشلىك ھەم مۈجمەل مەنىسى ئاز، ئېھتىياتچان بولغاچقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ھۆججەت – قارارلىرى فرانسۇز تىلىدا چىقىدىكەن. خەنزۇ تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكىلىمۇ ناھايىتى ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك بولۇپ، تىل تەتقىقاتچىلار بۇ جەھەتتىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇشى زۆرۈر، بىز ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تىل بولغاچقا خەنزۇ تىلى توغرۇلۇق كۆپ توختالمىدىم.

    خۇلاسە كالام، تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى قانداقتۇر بىرەر سەۋەپكە تاقاپ زىيادە شالغۇتلاشتۇرۋىتىش ھەرگىز توغرا ئۇسۇل ئەمەس، چۈشىنىكسىز ئاتالغۇلارغا مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ. بىر تىلنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى مۇشۇنداق ئاتالغۇلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ مەسلىلەر توغرا ھەل بولغاندىلا ئۆزىمىزدىكى تىل ئۆتكىلى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان بولىمىز. تىل خىزمىتى ئۇل خىزمىتىدىن ئىبارەت.

    2

    2.1 تەپەككۇر نامراتلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە

    تەپەككۇر نامراتلىقى - بۇ سۆز ئاساسلىقى تەپەككۈر ماقالىلىرى ۋە يېڭى ئىرادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئېڭىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر ئېڭىنىڭ كەمچىللىكى، ئەنئەنىۋى پىكىرنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى، پەيلاسوپلارنىڭ يېڭىچە ياشاش تەپەككۇر ئېقىمى شەكىللەندۈرۈشىدە ساقلانغان نۇقسانلارغا قارىتىلغان. مېنىڭ شەخسىي ئېڭىمدا تەپەككۇر دېمەك مەلۇم بىر ئىشنىڭ راۋان تەرەققىياتى جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىجابىي، توغرا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئىستراتېگىيە (ئامال – چارە) بەلگىلەشتىن ئىبارەت. تەپەككۇر ھەرگىز بىر مەسىلىدىن قانداق قىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ياكى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش توغرۇلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە بولۇشى كېرەك. ئېڭىمىزدىكى ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، پاكىتنى قايرىپ قۇيۇپ ھېسسىياتقا ئىغىش پسىخىكىسى(يەنى ھېسسىياتنىڭ ئەقىلنىڭ ئالدىدا بولۇشى) قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىك يېڭىچە ئىدىيە ۋە تەپەككۇر يوللىرىنى ئاساسەن توسۇپ قويۋاتىدۇ. بۇنداق مەسىلە خېلى كۆرۈنەرلىك. بولۇپمۇ ئۆزىمىزگە زىيادە تەمەننا قويۇش، ھە دىگەندە تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇنۇش، تارىخى نەتىجىلەرنى زىيادە دەسمايە قىلۋىلىش، تەقدىرى ئوخشاشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆڭۈلنى ئەمىن تاپتۇرۇش قاتارلىق قىلىپلىشىپ كەتكەن ئىدىيىۋى ئاڭ بىر تۈركۈم زىيالىيلار قاتلىمىغا خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ خىل روھىي-كەيپىيات بىلەن ئېلغار پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز. بۇخىل ئەھۋالدا ئۆزىنىڭلا نەتىجىسى كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى كىلىپ چىقىدۇ. ھېچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىگە ئۆزىدە بار نەرسىنى سىلىشتۇرۇپ، تەسەللى تاپقۇسى كېلىدۇ. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتىكى بۇ خىل پىكىرگە ئەگەشكۈچى كىشىلەرنى داۋاملىق غەپلەتتە قالدۇرىدۇ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەجەللىك پالتا ئۇرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يېڭىچە كۆز قاراش ۋە تەپەككۈرنى بىخ ھالىتىدە ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋراڭنى چوڭ سېلىپ كىشىلەرنى داۋاملىق جاھالەتتە يىتىشقا، توغرىسى ئۆزىدىكى نەرسىلەرگە ئالدىنىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. يىراق ھەم يېقىنقى زامان تارىخ بەتلىرىدە ئايان بولغىنىدەك ناھايىتى ئاددىي ھىيلە– نەيرەڭلەرگىمۇ ئالدىنىپ كۆنۈپ كەتكەن ساددا، ئاقكۆڭۈل ئادەملىرىمىز بۇ تەشەببۇسلارنىڭ تىگى مەنىسىگە يەتمەستىنلا بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھازىرقى ئىقىمى ۋە ھالىتىدىن قىلچە بىخەۋەر تەركىي دۇنيالىق، جان باقتىلىق، شۈكرى – قانائەتچانلىق ۋە كونىلىققا قۇلچىلىق توغرىسىدىكى چىرايلىق پەدازلانغان سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كىتۋاتماقتا. ئىلغار پىكىر ئېقىمدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ئىللىتى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن بولسا، كونسىرۋاتىپ، ئەنئەنىۋى پىكىر قىلغۇچىلار ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، مىللىي - دىنىي ھېسسىيات پسىخىكىسى، ماختاپ ئۇچۇرۇش، تەسەللى - پەپىلەش نەيرىڭىنى، ھەتتا خەلق بەرگەن ئىمتىيازىنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئېغىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى داۋاملىق ئالداش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. كونسىرۋاتىپلار (ئەسلىدىكىسىدە چىڭ تۇرغۇچىلار) كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھېسسىيات  جەھەتتىكى يولىغا كىرۋىلىپ، قىلچىلىك يىڭى ئاڭ، ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئىلمىي دەسمايىسى بولمىغان ئەھۋالدا، دۇنيا ئىلىم – پېنى ھەم ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز ئەھۋالدا تۇرۇپ، ئوقۇغان كىتابلىرىغا تايىنىپ، سۇنىڭ ئېقىشى بۇيىچە يول تۇتۇپ، پاساھەتلىك سۆزلىرى، گەپدانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆزىنى بۇياپ، تەسىر ۋە نوپۇز جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىۋالغان. بۇ ئۇلارنىڭ خەلق روھىدىكى «مەنىۋى داھى» بولۇشتەك شۆھرەت تاماگەرلىكى خالتىسىنى تۇشقۇزۇپ، ئۆز پىكىرىنىڭ قۇربانى قىلىشقا ئالدىغان. بۇ خىل ئالداشنى تارىختىكى خوجا– ئىشانلارنىڭ دىنىي تونغا ئورىنىۋىلىپ ساددا خەلقنى ئالدىغانلىقىغا تەققاسلاش مۇمكىن.

    بۇ خىلدىكى پىكىرلەرگە ئالدانغۇچىلار خاموشلۇق بىلەن لاپ ئۇرۇپ ئۆزلىرىنى  «ئالەمدە بىر» ساناپ، غەپلەت ئويقىسىدا يىتىۋېرىدۇ، ئەتراپىدىكى ھەم تېخىمۇ يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ نەتىجىسىگە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىجادىي تەپەككۇرىنى مەسخىرە قىلىدىغان، دادىل پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان كەيپىيات كېلىپ چىقىدۇ. ئالدانغانلار ئۈچۈن پەقەت ئۆزىنىڭلا تۇتقان يولى توغرا بولۇپ، دۇنيادا بۇلارنىڭ قىلغىنىدىن دۇرۇس ئىش يوق. دېمەك، «ھازىرقى زامان ژۇرنال پەيلاسوپلىرى» كىشىلەرگە قىلچىلىك يېڭى نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلەلمىدى. ئاممىنىڭ پىكىر ئېڭى ئىلگىرلىمەيلا قالماي بەلكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى، بىلىش دائىرىسى بارغانسېرى چىكىندى. ساۋاتلىقلار بىلەن ساۋاتسىزلار(ئىلغار مەدەنىيەت ساۋاتلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نىڭ پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ كەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ تەپەككۈر ھەم ئوي- پىكىردىكى بۇنداق قايمۇقۇشنى ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە تەكرارلاش پاجىئەدىنلا ئىبارەت.

    بۇشاڭ كىشىلەر ھامان ئاچچىق نەسىھەتتىن تەبىئىي ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كۆڭلىگە ياقىدىغان ئالقىش-مەدھىيە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئارام تىپىشىدۇ. قىيىن ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ ئاسىنىغا يۈگرەيدۇ. نەتىجىدە كونسىرۋاتىپلار كۈپۈكتەك گەۋدىلىنىپ، ئىجتىمائىي پەن ساھاسىدىكى ھەقىقىي پەلسەپە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ياشاش سەنئىتى توغرىسىدىكى تەلىمى، نەسىھىتى خۇنىكلىشىپ، خەلق قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالدى. مانا بۇ يىڭىلگۈچى «روھ سىياسىيونلىرى»نىڭ كىشىلەر ئېڭىغا سىڭدۈرگەن تەپەككۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە خەلق بىلەن ئۆزىنىمۇ قوشۇپ قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇش مەغلوبىيىتىدىن ئىبارەت. ئۇلار يىڭى پىكىر ئېقىمدىكىلەرنى «ئەدەپلەش»تىن ئىلگىرى ئۆز يولىنىڭ توغرا - خاتالىقى ئۈستىدە كۆپەرەك ئويلىنىشى، نەزەر دائىرىسىنى ناھايىتىمۇ يىراققا تاشلىشى، بولۇپمۇ پىكىرىنى ئازاد قىلىشى كېرەك. شۇندىلا يىڭىچىلار بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ ئىلىم - مەرىپەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. كىمىكى ئۆز جەلىپكارلىقىنىڭ مەپتونكار قۇربانلىرى بوپقالىدىكەن، ئۇنىڭ ھالاكىتى شۇنچە تېزلىشىدۇ. تەپەككۇر نامراتلىقى قانچە ئېغىر، قانچىكى قالاق- كونسىرۋاتىپ، بىكىنمە بولسا، ھېسسىيات ئەقىلنى كەسسە، بۇنداق كىشىلەردىن يېڭى نەرسىلەر چىقمايدۇ، تېخىمۇ توغرا بولغان يولنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يېڭىلىقچىلارغا قارىشى ئاكتىپ ھوجۇمدارلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە ئۇلار مىللەتنىڭ روھىدىكى ئىللەتنى كۆرسەتكۈچىلەر بولسىمۇ، ئەمما دائىم تەنقىدلەشكە تىگىشلىكىنى تاپالمايدۇ. توغرا كۆرسىتىپ بەرگۈچىلەرنى كەمسىتىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى «ژۇرنال پەيلاسوپ»لىرىنىڭ تەپەككۇر نامراتلىقى. ئۇلارنىڭ پىكىر تەلىپى ۋە ئاخىردا يەتمەكچى بولغان نىشانى يىراق ئەمەس. بۇنداق پىكىرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلار ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇرغاق ئىقلىمدا ياشاۋاتقان تۈرۈكىي، ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تەقدىرداش بولغانلىقىنى بەخت، تىلداش بولۇشنى شەرەپ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەققىيات تېز بولۋاتقان رايونلار مەدەنىيىتى، غەرب ئىلىم - پەن مەدەنىيىتى ۋە توغرا تەپەككۇر مەدەنىيىتىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئېنىقكى تەرەققىياتقا يەنە بىر پۇتلىكاشاڭ بوپقالىدۇ. نوقۇل ھالدا ئۆزى بىلەن تىلداش، دىنداش مىللەتلەرنىڭ تەپەككۈرىدىن ئۆرنەك ئېلىش، ئىنتىلىش، تەرغىبات ھەرىكىتى شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنى تەرەققىيات يولىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ، بىر نۇقتىنى قىسمەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى، تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولۇشى ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق مىللەتلەر بىلەن باغلىۋالغانلىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

    يەنە بىر تەرەپتىن، مۇتەپپەككۈر ھەم مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى قاتارىغا بىر قىسىم ئەدەبىيات ساھىبىلىرىنىڭ باشچىلاپ ئارىلىشىپ كېتىشى بۇ ساھەنى ھەقىقەتەنمۇ چېگرىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەس قىلىپ قويدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى مەسىلىلەرنى مېنىڭچە نۆۋەتتىكى يازغۇچىلارغا قارىغاندا جەمئىيەتشۇناسلار بىلەن ئىقتىسادشۇناشلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، جاھانكەزدىلەر، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەنى مۇشۇنداق كىشىلەرگە تاپشۇرۇش ئەڭ توغرا. يازغۇچىلىق بىلەن پەلسەپەنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئالدىدىكى تەسەۋۋۇرغا تايانسا، كەينىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. رېئال مەسىلىلىنى پەدازلاشقا، ئەدەبىي ھىسىياتنى ئارلاشتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىلەن زاكۇنشۇناسلىق بىر گەپ ئەمەس. بىزگە تۇنۇشلۇق بولۋاتقان سوقرات (ئىلاھىيەت ۋە ئەخلاقشۇناسلىق پەيلاسوپى)، ئارستوتىل (تەبىئىي پەن ئالىمى، پەيلاسوپ)، ئەپلاتون قاتارلىقلار ھەم يېقىنقى زاماندىكى ئەنگىليىلىك ئىقتىشادسۇناس ھەم پەيلاسوپ داۋىد ھوم، ئامىرىكىلق پەيلاسوپ جون دوۋىي قاتارلىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەدىب ئەمەس.

     پەيلاسوپ تەبىئەت قانونىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزەلەيدىغان ھەم ئىجادىي تەپەككۈر روھىغا ئىگە ئىزدىنىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. چۈنكى تەبىئەت قانونيىتى(مىسالەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى، سۇنىڭ لەيلىتىش پرىنسىپى قاتارلىقلار) ھەق قانۇنىيەت بولۇپ، قەتئىي ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان يارالمىش مۇقەررەر ئىلىمدۇر. شۇڭا پەيلاسوپ ئالدى بىلەن تەبىئەت ئىلىم ساھىبى بولۇشى ئاندىن مۇشۇ ئىدىيىسىنى قىبلىنامە قىلغان ئاساستا ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئىلمىي قانونىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان تەمكىنلىك كىشىنى ھەر ۋاقىت ھەق سۆزلەشكە، ھىسىياتقا بېرىلمەسلىككە دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ  روھ بىلەن قەلەم تەۋرەتكەندە زاكۇنشۇناسلىق ۋايىغا يىتىدۇ.

    2.2 تەپەككۈرنى ئېچىشنىڭ ئۇسوللىرى ئۈستىدە ئويلىنىش

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا، ئېنىرگىيەگە بولغان قارىشى كۈچىيىپ ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قولانماقتا. مەلۇم بىر دۆلەت پىرزىدىنتى ئۆز قولى بىلەن خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ چوڭ بىر شەھەردىكى بارلىق ئېلېكتر چىراغنى بىر سائەت ئۆچۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ خىل پائالىيەت قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك قىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىشىلەر بۇ پائالىيەتتىن ئېنېرگىيە تىجەشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ ھەم بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرى ۋە تەپەككۇرى غىدىقلىنىپ ئېنېرگىيە تىجەشچان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئوي - پىكرى ئاۋۇيدۇ ياكى ئېنېرگىيە تىجەشچان ئۇسولار ئۈستىدە يېڭىچە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. دۇنيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشكە باشلايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە ئىچىملىك سۇ تېجەش، بۇلغانما قۇيۇپ بېرىشنى ئازايتىش تىپىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر خېلى كۆپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەپەككۇرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ ئىجادىي پائالىيىتىگە بەلگىلىك رول كۆرسىتىدۇ، مانا بۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى قانداق ئۇيغۇتۇش توغرىسىدىكى تىپىك مىسال، بۇ مىسال مەيلى مۇھىت ياكى ئېنېرگىيە تىپىغا تەۋە بولسۇن ئانچە مۇھىم ئەمەس، مەن دىمەكچى بولغانلىرىمنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولۇشى ئۈچۈنلا بۇ مىسالنى كەلتۈردۈم. بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «غەيرىي، ئاكتىپ» ئۇسوللار ئارقىلىق خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقىشتىن ئىبارەت، كىشىلەر تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئويلانماقچى بولغان مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى رەسمىي ھېس قىلىشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب ۋە پارس مەملىكەتلىرىدە بۇنداق پائالىيەتلەردىن تېخى بىرىمۇ يوق دېيەرلىك. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ئىلىم - پەن تەرەققىياتى تېز بولۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ  قوشنا ئەللىرىمۇ تېز تەرەققىي قىلغان ۋە قىلماقتا. بۇ ياۋروپادىكى ھەممە دۆلەتتە ئورتاق مەۋجۇت بىر ھادىسىگە ئايلانغان. دېمەك، پەن - تېخنىكا، يەرشارىلىشۋاتقان ئىقتىساد، خەلقئارا جاھاندارچىلىق مەدەنىيىتى ھەم يېڭىچە خىرىس - رىقابەت، مەۋجۇتلۇق تەپەككۇر ئەندىزىسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يۈكسۈلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىنى دېمەي تۈركىيىنى مىسال قىلىپ ئۆتەيلى. تۈركىيە گەرچە ئاسىيادىكى دۆلەت ھىساپلانسىمۇ ئەمما تۈركىيە سىياسىيونلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولۇشنى ھەم ياۋرۇ رايونىغا يىقىنلىشىنى ئىزدەۋاتىدۇ ۋە بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىپ ئامىرىكا – ياۋرۇپا ھەربىي ئىشلىرىدا ماس قەدەمدە ئىلگىرلەش شەرتىنى ھازىرلىدى. ئۇلار ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشقا ئاكىتىپ پۇزۇتسىيە تۇتمىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىيە مۇسۇلمان ئەللىرى ئىچىدە تەرەققىياتى ھەممىدىن يۇقىرى دۆلەتكە ئايلاندى. مانا بۇ غەرب مەدەنىيىتى ھەم ئىلمىي تەپەككۈرى سىھرىي كۈچىنىڭ بىر نامايەندىسى. شۇڭا كۆز قاراش، ياشاش سەنئىتى جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب، پارس قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتقان يولى ۋە تەپەككۈرىگە بىقىنىۋېرىشكە ئەمدى بولمايدۇ، مېنىڭچە بىز ئۇلار بىلەن بىر قىيىقتىكى يولۇچىلار ئەمەس. شۇڭا، يېڭىچە رىقابەت، خىرىس، مەۋجۇتلۇق تەپەككۇر تۇيغۇسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش، غىدىقلاپ ئويغىتىش زۆرۈر. گەرچە بىز ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئۆرۈپ - ئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ياۋرۇپالىقلاردىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلغارلىق تەرىپىنى توغرا قوبۇل قىلىش  ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى يات كۆرمەسلىك لازىم.

    بىزدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان كىشىلەردىن دۆلەت ئىچىگە قايتقانلىرىنىڭ تەسىرات ئەسىرى ياكى مۇلاھىزە ماقالىلىرى يېزۋاتقانلىرى بەك ئاز. بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ساھاسىدىكىلەرنىڭ شۇنداق. ئەكسىچە قەلەمدارلار ساھەسى بۇيىچە ئوقۇغان ياكى بىلىم ئالغانلار، زىيارەتچى«ئالىم»لار كۈچلۈك قەلىمى ۋە تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ھېچ بولمىغاندا ساياھەت خاتىرىسى يازدى. شۇنىسى بۇ كىشىلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى بىر تەرەپتىن ئۈنسىز ئەيىيپلەپ ئۆتسە(مىسالەن، زىيادە ئىستېمال سەۋىيىسى، يۈرۈش - تۇرۇشى قاتارلىقلار)، يەنە بىر تەرەپتىن كۆرگەن - بىلگەنلىرىگە ئۆزىنىڭ كونسىرۋاتىپ ئىدىيىسى، رادىكال ھىسىياتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئاڭلىقلىق، ئادىللىق بىلەن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، پەدەزلىماي، تۈزلۈك بىلەن خەلققە يەتكۈزەلمىدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەڭداشسىز تۆھپىلەرنى سوۋغا قىلغان، ئىلىم – ئىرپان ئاسمىنىدا مىسلىسىز نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن غەرپ دۇنياسى بۇ كىشىلەرنىڭ يۈزەكى كۈزۈتىشى ھەم «بىلگىنىگە چىللىشى» بىلەن بۇزۇقچىلىقلار ئوۋىسىغا ئايلىنىشقا ئاز قالدى. كىشىلەرنىڭ ئالدىراش مىڭىشلىرى، بىر بىرىگە بولغان ئېتىبارسىز قاراشلىرى، رىتىمى تېز شەھەر، ئۆرە مال باھاسى، كىشلىك قىممەت قارىشى، پۇل قارىشى قاتارلىقلارغا كۈنەلمەي يىتىمسىرىدى. بۇ جەرياندا ئۆز يۇرتى گۈل كۆرۈندى. شۇ ئارقىلىق يات ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى كۆڭلىدە ئەيىبلەپ ئۆتتى. ئۆز رېستۇرانلىرىنى، ئېسىل تاماقلىرىنى، توپلىشىپ تۇرۋىلىشنى، قارتا - پاڭ ئوينىشنى، ئېشەك ھارۋىسىنى، توپىلىق يوللىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قايسىلا بىر رايونىغا بارسا كۆزگە چېلىقىدىغان پاكار كېسەك ئۆيلىرىنى تېپىلغۇسىز مەدەنىيەت دەپ بىلىشتى. بۇنداق بىلىش خاتا ئەمەس. يات مۇھىتقا تۇنجى يۈرۈش قىلغان ھەرقانداق كىشى شۇنداق ئويلايدۇ. ئەمما، نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن ياخشى چۈشۈنىدىغان زىيالىيلارنىڭ خەلقئارالىق ئۆرۈپ - ئادەتلەرگىمۇ توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ئەركىن تەپەككۇرىنى كېسىپ تاشلىغان دېيەلەيمىز. چۈنكى ياتلارنىڭ ئىلغارلىق تەرەپلىرىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، دىلىمىزدا ئېتىراپ قىلىپ تۇرساقمۇ، ئەمما دىنىي ئېتىقاد، يېمەك – ئىچمەك، گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ناتوغرا بولغان باھا بېرىشتىن ساقلانمىقىمىز تەس بولدى. بۇنداق كۆزۈتۈشكە يەنە شۇ قەلەم ساھىبلىرى ئۆلگۈرۈپ كەلدى. تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا تەجىربىخانىلاردىن چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. نەتىجىدە بىز پەقەت ھېسسىيات ئارىلاشقان، بۇرمىلانغان بىرەسمىي ئەھۋالنى بىلىشكە ئۈلگۈردۇق. بۇنداق ئەھۋال شۇ كىشىلەرنىڭ نوپۇز - تەسىرى بىلەن تېخىمۇ غەيرىي تۈس ئېلىپ بىزگە سىڭىشكە باشلىدى-دە، باشقىلارنىڭ ئىلغارلىقى چەتكە قىقىلىپ، نەتىجىسى يوققا چىقتى ياكى خۇنىكلەشتۈرۈلدى. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىلغار مىللەتلەرنىڭ جاھاندارچىلىق-تىرىكچىلىك ئۇسۇلىنى تولۇق چۈشەنمەي كىلۋاتماقتىمىز. پەن - تېخنىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى، ساقلىنۋاتقان قىيىنچىلىق، ئىقتىسادنىڭ يۈزلۈنىشى، تەرەققىيات باسقۇچى، دۇنيا ۋەزىيىتى، مۇھىت قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. بىز شۇلارنى بىلسەك، كۆڭۈل بۆلسەك ئاندىن ئۆز قەدىر – قىممىتىمىز بىلەن ياشىغان بۇلاتتۇق.

    20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسابايۇف، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەر چەتئەللەرنى ئارىلاش جەريانىدا كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى، يېڭىچە ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئەينى خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭىچە سانائەت، يىڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان ئىكەن. ئازادلىقتىن كىيىن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى راۋاجىلاندى، مەدرىسە مائارىپى يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىغا ئالماشقان بولسىمۇ ئەمما كونا تەپەككۇر ئېڭى يىڭىلانماي ئۆز ھەلەكچىلىكىدىكى جاھاندارچىلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئەھۋال ئۆزگەرمىدى. دىمەك، زامانىمىزدىكى جاھانكەزدى «ئابدۇخالىق»لىرىمىزمۇ ھازىرقى جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئەينەن خەلققە يەتكۈزۈپ، تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇشى، ھەرگىزمۇ نۆۋەتتىكى ھالەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەدەنىيەت- مائارىپ ھېچ بولمىغاندا ۋاقتىنچە بىزگە غەربتىن، توغرىسى ئىلغار مەدەنىيەتلىك ئەللەردىن كىرىدۇ. ئەمدى تەپەككۇر مىللىتى دەۋرىگە كىرىشنى قەرەلسىز كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. بىر ئەقىللىق لىدىر تارىخى ۋە نوپۇزى چوڭ مەشھۇر كارخانىلارنى زىيارەت قىلغان چىغىدا ئۇنىڭدىكى زامانىۋى ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ئاپتۇماتلاشقان ئىشلەپ چىقىرىش لىنىيىسى قاتارلىقلارنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆز كارخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھېس قىلالايدۇ ھەم قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، تەدبىر بەلگىلەيدۇ. ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كارخانانىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ دەل ئىلغار كارخانىلارنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ياكى ئۆز ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولغان. بىز باشقىلارنىڭ جەمئىيىتىدە كۆرگەن - بىلگەنلىرىمىز، ھېس قىلغانلىرىمىز مانا مۇشۇنداق كارخانىچىغا ئوخشاش توغرا بولۇشى كېرەك. 

    2.3 مەدەنىيەت ئۇقۇمىمىز

      بىزگە مەلۇملۇق مەدەنىيەت ھەركەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە مەلۇملۇق مەدەنىيەتتىكى پەرق نەدە؟ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسى بىزگە ئوخشاشمۇ؟ دېگەن سۇئاللارغا توغرا ئىنىقلىما بېرىشتە ئويلىنىش زۆرۈر بولۋاتىدۇ. بىز نۆۋەتتىكى مەدەنىيەتنى چۈشەنگەن ساپايىمىز بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە باھا بەرسەك خەلقئارالىق رىلىستىن ئاجراپ كىتىشىمىز ئېھتىمال. ئىلگىرى بىز بىر قىسىم ئىشلارنى«بەرھەق» دەپ بىلگەن بولساق مەلۇم شارائىتتا ئۇنى خاتا دەپ ئىنكار قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.

    نۆۋەتتىكى بىلىشىمىزدە بىز ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ياشاش ئۇسۇلى، كىيىنىش، ئۆرۈپ – ئادەت ھەم نەغمە - ناۋايىمىزنى مەدەنىيەت دەپ چۈشۈنمىز. شۇنداقلا بۇنى باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىمىز، بۇ پىسخىكىمىزدىكى ئادەت خاراكتېرلىك ئاجىزلىق. بۇ يەردە تىلغا ئالغان ياشاش ئۇسۇلىنى ھەرگىزمۇ قانداق تېرىقچىلىق قىلىش، تاماق يېيىش ياكى يۈرۈش-تۇرۇش دەپ چۈشۈنۋالماسلىقىنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سالىمەن. ياشاش ئۇسۇلى دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئوي - پىكىرى، تەپەككۇرى، ھەرىكەت - پائالىيىتى، ئىززەت - ئابرۇيى، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا بولغان ئىنكاسى، كۆز قارىشى، ياشاش پەلسەپىسى، مۇئامىلىسى، تەدبىرى، خەتەرنى ھېس قىلىشى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈشى كېرەك، بۇ ئېنىقلىما مۇشۇ يەردە تامام.

    ئىنسانلار  ياراتقان مەدەنىيەت(ئاڭلىق ھەم ئاڭسىز ھەركەت) تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىل مەناغا بۆلۈنىدۇ. بىز ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنى مەدەنىيەت دەپ ئاتىساق، يەنە بىرىنى مەدەنىي (مەدەنىيلىك) دەپ تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈردۇق. مېنىڭچە كىيىنكىسىگە چوقۇم يېڭىچە نام قويۇش كېرەك.  مەن ئۇيغۇر تىلىدىن بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاقتىنچە مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىمدىن «مەدەنىي» دېگەن ئاتالغۇنى «يۈكسەك مەدەنىيەت» دەپ ئاتاشنى، ئىلگىرىكى مەدەنىيەت دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇقۇمنى «مۈلكىي مەدەنىيەت» دەپ ئىشلىتىپ تۇردۇم. شۇندىلا ئىككى خىل ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنچە قالايماقانلاشمايدۇ.

    مۈلكىي مەدەنىيەت ئىنسانلار ياراتقان مەنىۋى بايلىقتىن ئىبارەت. مىسالەن، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرۈپ – ئادەت قاتارلىقلار. يۈكسەك مەدەنىيەت بولسا يۇقىرىقى مەنىۋى بايلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، ئەڭ  مۇھىمى ئىنسانلار ياراتقان ماددىي بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى يېزىق، كەشپىيات، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى. قاتناش قوراللىرى، بىناكارلىق، ئېغىر –يېنىك سانائەت، ئەقلىي ئىختىرا مېۋىلىرى، شۇ دەۋرنىڭ سىياسەتلىرى قاتارلىقلار. دېمەك، ئۇ مۈلكىي مەدەنىيەتتىن كۆپ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇقۇملار توغرىسىدا چۈشەنچە ئېنىق ئايرىلغاندىن كىيىن، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزگە قاراپ چىققىلى بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.