ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-17

    روسيەدە بايقالغان ئۇيغۇر خان ئوردىسى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90113330.html

    چېلخوركۆلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى قورغىنى بولۇپ بۇقورغانغا نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغاچقائىزچىل ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغاپ كەلگەن . كۆل سۈيى سۇس يېشىل رەڭدە بولۇپ، لېكىن كۆلگە نەزەرسالغىنىڭىزدا كۆل سۈيى قېنىق رەڭدە كۆرنىدۇ بۇخىل ھادىسنىڭ سەۋەبى كىشلەرگە سىر بولۇپ تۇرماقتا .2007-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موناكو پادىشاھى ئالبېر 2-گە ھەمرا بولۇپ روسىيەدىكى تۇۋائاپتونۇم جومھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدىكى قىزىل ئايرۇدورۇمىغا قونغاندىن كېىن تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ چېلخور كۆلىگە بارغان چۈنكى ئۇيەردە بورباجىن ئۇيغۇرقەدىمىي قورغىنى خارابىسى قېزىلىۋاتاتتى .خەۋەردەئېيتىلىشىچەبورباجىن قورغىنى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياسالغانكەن . بورباجىن دېگەن سۆز خام خشلىق ئۆي دېگەن مەنىدە ئىكەن . قورغان چېلخور كۆلىىدىكى بىرئارالغا جايلاشقان بولۇپ تۇۋاجۇمۇرىيەت مەركىزى قىزىلنىڭ شەرقى جەنوبىغا 250كىلومېتېر كىلىدىكەن .بۇقورغان 1891-يىل روسيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم دىمتىر تەرپىدىن بايقالغان بولۇپ، قورغان 1995-يىل روسيە تەرىپىدىن دۆلەتلىك قوغدىلىغان تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.بۇخەۋەرئىتايىن زوردەرجىىدە كىشلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ بۇ ھەقتە روسيە ئاخبارات ۋاستىلىرىى قورغان خارابىلىكىنى قېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتنىڭ 600نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تەشكىللەنگەن غايەت زور ئەترەت بولۇپ روسيە تارىخىدىكى ئەڭ زور ئارخلوگىيلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى ئىكەنلىكى ھەتتا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭمۇ ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم خەۋەر بەرگەن .بورباجىن دا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى بولىدۇ؟جۇڭگولۇق ئۇيغۇر لار نىڭ قەدىمى قورغىنى روسيەگە قېچېپ بېرۋالغانمىدۇ؟ناۋادا بۇ راس بولسا نېمەئۈچۈن كۆلدىكى يىگانە ئارالغا قورغان سالىدۇ ؟بۇقورغاندىكىلەر كېيىن نېمەسەۋەبتىن غايىپ بولغان ؟دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار تېخى ئېنىق جاۋاپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇر ماقتا . چېلخور كۆلىدىكى قورغان توغىرىسىدا روسىيىە تورى مۇنداق خەۋەر بەرگەن .بۇقورغاننى كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ (خەنزۇچىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەپ ئېلىنغان )2-خا قانى مويۇنچۇر 8-ئەسىردە سالدۇرغان بۇلۇپ مويۇنچۇر مىلادى 750-يىلى ئەسكەر باشلاپ تۇۋانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قورغان سالدۇرغان ،قورغاننىڭ قوروتاملىرىنىڭ ئېگىزلىكى 10مېتېر ئەتراپىدا بولۇپ قورغانىنىڭ مەركىزى تۇرا ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ شاھ تۇرىدىغان ئورۇن ئىكەن .قۇرغاننى سالغۇچىلار تۈمەنلىگەن كېسەكلەرنى يۆتكەپ كېلىپ قورغاننى سالغان ئىكەن.قورغاننىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بۇلۇپ ئىچى نەچچىلگەن تۆت چاسا ھويلىدىن تەركىپ تاپقان موكەممەل بىرسىرلىق قۇرلۇش توپى ئىكەن شەكلى ھىندىستان ئۇسلۇبىدىكى بۇددا ئىمارەتلىرىگە ئوخشايدىكەن . ئەينى چاغلاردا بۇيەردىكى قۇمچاق دەرياۋادىسىدا 17يۈرۈش قورغان بولغان بولۇپ بورباجىن قورغىنىنىڭ تۈزۈلۈشى بۇقورغانلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ قورغاننىڭ لايھىلىنىشى سوغدى مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىكەن .بۇقورغاننىڭ لايھىلەپ سېلىنىشغا سوغدىلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن . سوغدىلارئەينى دەۋىردە يايلاق مىللەتلرىنىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىنى قىلغان كىشلەردۇر.كىشلەر ھازىر بۇقورغاننى پادىشاھنىڭ يازلىق ئوردىسى دەپ قارىماقتا .بۇقورغاننى سېلىشىتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر خانىدانىلىقىنىڭ پايتەختى قارا بالاخاسۈن (خەنزۇچىدا ka la ba la ha sunدەپ ئاپتۇ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مەن مۇ بىلمەيدىكەنمەن )دا بولۇپ بۇخارابە ھازىر موڭغۇلىيە جومھورىيتى چىگرىسى ئىچىدە بولۇپ بورباجىن قورغىنىغا ئىككى كۈنلۈك يول ئىكەن (بەلكىم ئاتلىق يول بولسا كېرەك ). 1891-يىلدىن باشلاپ دې.ئا.كېلېمىزى قارابالاخاسۈن نى تەتقىق قىلغان بولۇپ بورباجىن قورغىنى 100پىرسەنت كۆك تۈرۈك ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئوردىسىنىڭ لايھىلىنىشىگە تەقلىد قىلىنغانكەن . بۇنوختىنى 100يىل ئىلگىرىلا ئالىملار ئىنتايىن ئېنىق ھالدا شەرھىلىگەن .مويۇنچۇر مەڭگۈ تېىشىغا يېزىلغان خاتىرىگە ئاساسلانغاندا ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇر خاندانلىقى غەرىبتە ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقىغىچە شەرقتە خېلۇڭجىياڭ ،نېنجىياڭ دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان غايەت زور زېمىنغا خوجا بولغان .چېلخور كۆلى ۋە بورباجىن قورغنىمۇ دەل موشۇ زېمىنىنڭ ئىچىدە بولۇپ ، ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بۇيەردە خان ئوردىسى سېلىشى ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن . شۇڭلاشقا روس ئالىمىلىرىنىڭ بۇقورغاننى ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى دەپ ئاتىشى خاتا بولمىسا كېرەك .بۇقورغان خارابىلىكىنى قېزىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاياغلىشىدىغان بولۇپ بۇقورغان توغرىسىدا ئاشكارلانغان خەۋەرلەر تېخى كۆپ ئەمەس ئەمما روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر پارچە رەسىمنى ئاشكارلىغان بولۇپ بۇبىر پارچەمەڭگۈ تاشنىڭ رەسىمى بولۇپ مەڭگۈ تاشقا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەتلەر ئويۇلغانكەن .ئەمما نېمە مەزمۇن ئىكەنلىكى تېخى ئاشكارلانمىغاچقا بۇھەقتىكى خەۋەرلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .روسىيىدىكى تۇۋالار توغرىسىدا : تۇۋالارنىڭ ئاتا بوۋىسى بىر تارمىقى تېلى (ئۇيغۇر)-تۈرۈك،يەنەبىر تارمىقى سىيانپى -موڭغۇللاردۇر .تۇۋا تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈرۈك تىلى گۇرۇپىپىسنىڭ شەرقى ھون تارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇرتۈرۈك تارمىقىغا تەۋە ئىكەن .

    مەنبەسى:ئىنتېرنېت


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.