ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-17

    شىنجاڭدىكى قةدىمقى ئاھالىلةر ۋة ئۇلارنىڭ مةنبةسى - [تىل- يېزىق]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/89868883.html

    شىنجاڭدىكى قةدىمقى ئاھالىلةر ۋة ئۇلارنىڭ مةنبةسى

    ئېلزابېللا خورۋاس (ئامېرىكا)

     

     

    گةرچة جۇڭگۇنىڭ غةربىدىكى ئةڭ چوڭ رايۇندا موڭغۇل ئېرىقىغا تةۋة بولمىغان ‹‹ئورا كۆزلۈك›› ۋة ‹‹قاڭشارلىق›› ئاھالىلةرنىڭ ياشاۋاتقانلىقى نۇرغۇنلىغان چةتئةللىكلةرنى ھةيران قالدۇرغان بولسىمۇ،بىراق جۇڭگۇلۇقلار بۇ رىئاللىقنى قةدىمقى چاغلاردىلا تۇنۇپ يةتكةن ھةمدة جۇڭگۇلۇق مۇتةخةسىسلةرمۇ بۇ ئاھالىلةر ھةققىدة كۆپلىگةن تةتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

    جۇڭگۇلۇق ئارخېلوگلار شىنجاڭدىن يېڭىدىن تېپىلغان قةدىمقى ئاھالىلةرنىڭ سۆڭةك ۋة موميالىرى ئۈستىدة نۇرغۇن تةتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.ئةڭ بۇرۇنقى موميا ۋة سۆڭةكلةر، كۆنچى دةرياسىنىڭ تۆۋةن ئېقىمى،لوپنۇرغا يېقىن كېلىدىغان ‹‹قةدىمقى قةبرىلةر جىلغىسى››(گۇمۇگۇ)دىكى قةدىمىي قةبرىستانلىقتىن تېپىلغان بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ يىل دةۋرى مۇندىن 3800 يىل ئىلگىرى دةپ قىياس قىلىنماقتا.

    ئىنسانلارنىڭ قالدۇق ئىزلىرى يةنة بۇ رايۇننىڭ باشقا مۇھىم تارىخىي ئىزلىرىدىنمۇ بايقالدى. تاڭرىتاغ تىزمىسىدىكى ئالار جىلغىسى قةبرىستانلىقىدىن(2000-2700)،قۇمۇل تالبۇلاقتىكى يانبۇلاق قةبرىستانلىقىدىن(3100-2500)،كىروران قةدىمىي شةھرىنىڭ شةرقىي قىسمىدىن (1300)،تةكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غةربىي جةنۇپ قىرغىقىغا جايلاشقان لوپ ناھىيةسىدىكى ‹‹سانپۇلا›› قةبرىستانلىقىدىن(2200)،پامىر ئىگىزلىكىدىكى ‹‹شياڭشياڭباۋ›› قةلئةسى قةبرىستانلىقىدىن(2800-2500)،ئېلى دةرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان موڭغۇلكۈرة ناھىيىسىدىكى ‹‹تۇدۇن›› مازارلىقىدىن(2400-1800) بۇنداق قالدۇق ئىزلار بايقالدى. جۇڭگۇ ئىجدىمائىي پةنلةر ئاكادېميىسى ئارخېلوگىية تةتقىقات ئورنىدىكى ئىنسانشۇناس،پروفېسسور خةن كاڭشېن بۇ قةبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئادةم سۆڭةكلىرى ئۈستىدة تةتقىقات ئېلىپ باردى ۋة ئۆزى بايقىغان،پايدىلىنىش قىممىتىگة ئىگة، ئةھمىيةتلىك تېپىلمىلارنى كۆپلىگةن ماقالىلىرىدة شةرھىيلةپ ئۆتتى.

    خةن پروفېسسورنىڭ تةتقىقات نةتىنجىلىرىگة ئاساسةن،بىز شىنجاڭنىڭ خةن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى قةدىمقى ئاھالىسى ھةققىدىكى قىياسلارغا ۋة ئىرقىي مةنبةسىگة ئائىت دةسلةپكى خۇلاسىنى چىقىرالايمىز.

    1)  ئارخېلوگلار تېخىچة شىنجاڭدىن قةدىمقى تاش قورال دةۋرىدىن قېلىپ قالغان ئىشةنچىلىك قالدۇقلارنى بايقىمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايۇندىكى ئاھالىلةر قةدمقىي ئىنسانلارنىڭ كېلىش مةنبةسىنى ئۆز دائىرسىگة ئالغان بۇلۇشى مڭمكىن ئةمةس.بۇنىڭدىن شۇنداق دىيىشكة بۇلىدۇكى شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى ئاھالىسى كۆچمةنلةردۇر.

    2)  بىز ‹‹قةدىمىي قةبرىلةر جىلغىسى››دىن قېزۋېلىنغان 3800 يىل ئىلگىرىكى ئادةم سۆڭىكىنى تةجىرىبة قىلىپ ئېرىشكةن نةتىنجىگة ئاساسلىنىپ،شۇنداق ئىشةنىچة قىلالايمىزكى،مۇشۇ دةۋىردة ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى،بةلگىلىك قةدمقىي ئالاھىدىلىككة ئىگة كاۋكاز تةركىبىدىكى كىشلةر بۇ رايۇنغا يىتىپ كېلةلىگةن.ئىنسانشۇناسلار بۇ ئىرقىي تۈرنى ‹‹ياۋروپاسىمانلار›› دةپ ئاتىشىدۇ.بۇ يةردة ئېيتىلۋاتقان ياۋروپا سۆزى ئىنسانشۇناسلىقتىكى ئاتالغۇ بۇلۇپ،ئادةتتىكى مةنىدىكى ياۋروپادىن پةرىقلىنىدۇ.بۇ خۇددى ئىنسانشۇناسلار خةنزۇلارنى موڭغۇل تۈرىگة ئايرىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ موڭغۇللاردىن پةرىقلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئىش.

    ‹‹قةدىمىي قةبرىلةر جىلغىسى››دىن قېزۋېلىنغان ئادةم سۆڭةكلىرىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۈلۈش مۇمكىن:سۆڭةكلةرنىڭ بىر قىسمى ئاندرونوۋو مةدىنيىتىگة تةۋة سۆڭةكلةرگة ئوخشىشىپ كىتىدۇ.قالغان يةنة بىر گۇرۇپپا سۆڭةكلةر مةلۇم جةھةتتة ئافاناسىيىۋو مةدىنيىتىگة تةۋة سۆڭةك قالدۇقىلىرىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ.ئاندرونوۋو مةدىنيىتى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا،شىمالىي سېبىرىية ۋة قازاقىستان قاتارلىق رايۇنلاردا مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلدىن 1000-يىلغىچة بولغان ئارلىقتا شةكىللةنگةن مةدىنيةت،ئافاناسىيىۋو مةدىنيىتى بولسا،جېنىس دةرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋة ئالتاي ۋادىلىرىدا شةكىللةنگةن مةدىنيةت،ئىنسان قالدۇقلىرىغا ئائىت بۇ ئىككى مةدىنيةتنىڭ شىنجاڭ ۋة قوشنا رايۇنلاردا مةۋجۇت بولغانلىقىغا قاراپ،شۇنداق ھۆكۈم چىقىرالايمىزكى،‹‹قةدىمىي قةبرىلةر جىلغىسى›› كىشلىرى دةل مۇشۇ ئىككى مةدىنيةت-ئاندرونوۋو ۋة ئافاناسىيىۋو مةدىنيىتىنىڭ ئةجدادلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.گةرچة كۆچمةنلةرنىڭ بۇ رايۇنغا كۈچۈپ كةلگةن ۋاختى ئۈستىدىىكى تةتقىقات تېخى چوڭقۇر ئېلىپ بىرىلمىغان بولسىمۇ،ئةمما شۇنى كىسىپ ئېيتالايمىزكى، ‹‹قةدىمىي قةبرىلةر جىلغىسى›› ئاھالىسى قةدىمقى ياۋروپا ئىرقىنىڭ بىر تارمىقىدۇر،يةنى بىزگة ھازىرغا قةدةر مةلۇم بولغان ئةڭ بۇرۇنقى ھةم شةرققة جايلاشقان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇق ئاھالىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    3)  مىلادىيدىن بىرنةچچة ئةسىر ئىلگىرى،بةلكىم ئۇنىڭدىمۇ ئىلگىررةك،باشقا بىر تۈركۈمدىكى كاۋكاز تةركىبىدىكى كىشلةر غةربىي جةنۇبىي شىنجاڭغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرىپ كةلگةن.ئۇلارنىڭ ئىرقىي تةركىبى ئوتتۇرا دېڭىزلىكلةرگة يېقىنلىشىپ كىتىدۇ، شۇنداقلا ھىندى-ئافغان تىپى دةپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇلار غةرىپتىن شةرققة قاراپ يۆتكةلگةن، كىيىنچة بىر تارمىقى تارىم ۋادىسىنىڭ جةنۇبىي قىرغىقىنى بويلاپ داۋاملىق شةرققة قاراپ يۆتكةلگةن ھةمدة لوپنۇرغا بېرىپ،بۇ يةرگة ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كۆچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ياۋروپاسىمانلارغا سىڭىشىپ كةتكةن.قالغان بۆلةكلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ داۋاملىق كۈچۈپ،تةڭرىتاغ ئىچىگة كىرىپ كةتكةن.

    4) يةنة بىر غةرپ ئىرقىي تۈرىگة كىرىدىغان ئادةملةرنىڭ قىسقا باش سۆڭىكى ئېلى دةرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىن ياكى تةڭرىتاغنىڭ شةرقىي قىسىملىرىدىن بايقالغان بۇلۇپ،ئۇلار مىلادىيدىن نةچچة ئةسىر ئىلگىرىكى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئىنسانلار سۆڭىكى دةپ قارالماقتا.بۇ تةرتىپ پامىر-پةرغانة تۈرىگة بةك يېقىن بۇلۇپ،مةلۇم جةھةتتة ياۋروپاسىمانلار بىلةن باغلىنىشى بولغان مةركىزىي ئاسىيا،ئېفراتىس-تىگرىس تۈرى دةپمۇ ئاتىلىدۇ.بةزى ئىنسانشۇناسلار بۇ تۈرنى ياۋروپاسىمانلارنىڭ موڭغۇل تىپىدا قالدۇرغان ئىزى-ئىرقىي ئېلېمېنىت ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ،ئۇزۇن مۇددةت باش سۆڭىكى قىسقىراش جةريانىنى باشتىن كةچۈرگةنلىكىنىڭ نةتىنجىسى دةپ قارىسا،بةزىلةر ياۋروپاسىمانلار بىلةن ئوتتۇرا دېڭىزلىقلارنىڭ ئىرقىي ئارلىشىپ بىرىكىشنىڭ نةتىنجىسى دةپ قارىماقتا.

    5)  موڭغۇل تةركىبى بۇ رايۇندا مۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىررةك پةيدا بۇلۇشقا باشلىغان.بۇ خارابىيلةردىكى بۇ خىل ئىرق تىپىدىكى سۆڭةكلةرنىڭ ئىگىلىرى ئۇلارنىڭ خةن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ياشىغانلىقنى ئاز دىگةندىمۇ %20 چۈشةندۈرۈپ بىرةلةيدۇ.باش سۆڭةكلةرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن بۇلۇپ،ھازىرىقى شةرقىي تىبةت كامپاسلىرىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ.بىراق ئاز بىر قىسمى قىسقا،لېكىن كةڭ باش سۆڭةكلىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى موڭغۇللارنىڭكىگة ئوخشايدۇ.موڭغۇل تةركىبى ئاساسةن شةرقىي شىنجااڭنىڭ قۇمۇل ئةتىراپلىرىدا كةڭ ئۇچۇرايدۇ.بۇنىڭغا ئاساسةن، 20 نةچچة ئةسىر ئىلگىرى شةرققة قاراپ كېڭةيگةن غةرىبلىكلةر سان ۋة دائىرة جةھةتتىن غةرىپكة كېڭةيگةن شةرقلىكلةردىن ناھايتى كۆپ ۋة كةڭرى دىيىشكة بۇلىدۇ.موڭغۇللارنىڭ شةرقتىن غةرپكة قاراپ چوڭ دائىرىلىك كېڭىيىشى خةن سۇلالىسى دةۋرىدىن ئىلگىرى باشلانغان ئةمةس.بۇ،ھون ۋة تۈركلةرنىڭ زىمىنىنىڭ كېڭىيىشى غةرپكة قاراپ چوڭ كۈچۈشنى كةلتۈرۈپ چىقارغان،دىگةن يةكۈنگة ئۇيغۇنلىشىدۇ.

    جۇڭگۇنىڭ تارىخي كىتابلىرىدىن شىنجاڭنىڭ ۋة قوشنا ئةللةرنىڭ قةدىمكى ئاھالىسى ھةققىدة نۇرغۇنلىغان مةلۇماتلارغا ئىرىشةلةيمىز.مةسلةن،‹‹شىمالىي سۇلالىلةر تارىخى››نىڭ 97-جىلىدىدا ‹‹گاۋچاڭ(ھازىرقى تۇرپان)نىڭ غةربىدىكى ئةللةرنىڭ كىشىلىرى ئورا كۆز ھةم قاڭشارلىق›› دةپ خاتىرلةنگةن.بۇ خاتىرىلةرنىڭ ھةممىسى ئارخېلوگىيلىك بايقاشلار بىلةن ئۆز-ئارا ئۇيغۇن كىلىدۇ.بۇ يةردة شۇنى كۆرسىتىپ ئۈتۈش زۆرۈركى،بارلىق ئىرقىي تۈرلةر بىلةن كاۋكاز ئالاھىدىلىكلىرى ئىلگىرىكى غةربىي ياۋروپا ئىرقى بىلةن مۇناسىۋةتسىز. ئۇلار ئاسىيادا ياشاپ تةرةققىي قىلغان بۇلۇپ،تةبىئىي خاراكتىرىدىمۇ پةرقلةر مةۋجۇت.شۇڭا شۇنداق قىياس قىلالايمىزكى،بۇ ئىرىقلارنىڭ كىلىش مةنبةسىنى غةربىي ياۋروپا دىيىش ھىچقانداق ئاساسقا ئىگة ئةمةس.

    ئۇنداقتا،قةدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ كىيىنكى ئةۋلادلىرى قةيةردة؟ناھايتى كۆپ ئةۋلادلىرى ھازىرمۇ بۇ رايۇندا بار بۇلۇپ،شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر،قازاق،ئۆزبىك ۋة تاتارلارغا سةپسېلىپ باقساق بۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىنىق كاۋكاز ئالاھىدىلىكى بار.شۇڭا نةچچة مىڭ يىل ئىلگىرى شىنجاڭدا ياشىغان قةدىمقى ئاھالىلةر،دةل بۇ كىشلةرنىڭ قةدىمقى ئةجداتلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    قةدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسى بىلةن قةدىمقى غةربىي ياۋروپالىقلارنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسا،ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ياۋروپادا ياشاۋاتقان كىشلةر بىلةن تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟بۇ ھةقىقةتةنمۇ تةتقىق قىلىپ بېقىشقا ئةرزىيدىغان تېما.مةركىزىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم كىشلةر ئىرقىي جةھةتتة قةدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىگة ئوخشىشىپ كىتىدۇ،ئۇلار دةل ھونگىريىلىكلةردۇر.

    ھونگىرىية تۈزلةڭلىكى پاننونىئان نامىدىكى رىم ئىمپىريىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى ئىدى.374- يىلى ھونلار غةرپكة كۆچۈپ،شىنجاڭدىن بۇ يةرگة كىلىپ،بۇ جايدا قۇدرةتلىك ھون ئىمپىريىسىنى قۇرغان.567-يىلى كوچمةن ئاۋارلار،يةنى جۇرجانلار شىمالىي جۇڭگۇدا بىردىنلا كۈچلىنىپ،قۇدرةت تېپىپ،ھةتتا پاننونىئانغىچة يېتىپ بارغان.896-يىلى باشقا بىر قةبىلة- ماگيارلار شةرقتىن بۇ رايۇنغا كۈچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقان.بۇ ماگيالار دةل ھونگىرىيىلىكلةرنىڭ ئةڭ قةدىمقى ئةجدادى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    ھونگىريىلىك ئارخېلوگ لىپتاك پال 9-ئةسىردىكى ھونگىرىية قةبرىستانلىقىدىن قېزۋېلىنغان ئادةم سۆڭةكلىرى ئۈستىدة ئېلىپ بارغان تةتقىقاتىدا،شۇ ۋاقىتتىكى ئومومىي ئاھالىنىڭ %24نىڭ تۇرانىئان ئىرقىي تۈرىگة،%20نىڭ پامىر تۈرىگة،%2-3نىڭ ئاسىيا تۈرىگة تةۋة ئىكةنلىكىنى كۆرسةتكةنىدى.بةزى ئىنسانشۇناسلار،تۇرانىئانلار-ئاندرونوۋو ۋة موڭغۇل گۇرۇپپىسىدىكىلةرنىڭ ئىرقىي بىرىكىشى ئاساسىدا پةيدا بولغان دىگةن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. پامىر تۈرى بولسا شىنجاڭدىكى مۇھىم قةدىمقى ئىرق.شۇنداقلا ئىلگىرىكى ئاسىيالىقلارمۇ ئاسىيادا پةيدا بولغان ياۋروپا ئىرقى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى،9- ئةسىردىكى ھونگىريىلىكلةر،قةدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسى بىلةن قانداشلىق مۇناسىۋةتكة ئىگة.

    ھونگىرىيىلىك ئىنسانشۇناس خېنكې گايئولا ھازىرقى ھونگىرىيىلىكلةرنىڭ ئىرقىي تۈرى ئۈستىدة چوڭقۇر تةتقىقات ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق،ھازىرقى ھونگىريىلىكلةرنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر،قازاقنى ئۆزئىچىگة ئالغان تۈركىي تىللىق كىشلةر بىلةن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكةن،دىگةن نةتىنجىلةرگة ئىرىشتى.

    ھونگىريىلىكلةر،ئۇيغۇرلار ۋة قازاقلار بىلةن ئالاھىدىلىك جةھةتتة ئىنتايىن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.ئةگةر بىر ھونگىريىلىك ئۈرۈمچىنىڭ مةلۇم كوچىسىدا پةيدا بۇلۇپ قالسا،ئۇنى چوقۇم ئۇيغۇر ياكى قازاق دةپ قاراش،شۇنداقلا بىر ئۇيغۇر ياكى قازاق بوداپېشىت كوچسىدا پةيدا بۇلۇپ قالسا،ناھايتى ئىشةنچىلىك ھالدا ئۇنى شۇ يةرلىك ھونگىر دةپ قاراش مۇمكىن.

    ھونگىرىية خةلىق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى جۇڭگۇدىكى باشقا بىر تۈرك ئىرقىي گۇرۇپپىسىغا تةۋة يۇگۇرلارنىڭكىگة شۇنداق ئوخشايدۇ.يۇگۇر ۋة ئۇيغۇرلار قةدىمقى خۇيخۇيلارنى مةنبة قىلىپ تةشكىللةنگةن.شۇڭا بىز ئۇيغۇر خةلىق ناخشىلىرىدىن ۋېنگىرىية تونىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان تونلارنىمۇ ئىزلةپ تاپالايمىز.بةزى ۋاقىتتا بۇ ئىككىسىنى پةرقلةندۈرمةك ناھايتى تةسكة توختايدۇ.

    ھونگىريىلىكلةرنىڭ تىلىدىكى 400 دىن ئارتۇق سۆزنىڭ مةنبةسىنى تۈركىي تىلدىن تېپىشقا بۇلىدۇ.مةسلةن،مةيلى ھونگىرلار ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن،‹‹ئالما››نى ئوخشاشلا ‹‹ئالما›› دةپ ئاتايدۇ.‹‹كۆك›› سۆزىنى ھونگىرلار ‹‹كېك››،ئۇيغۇرلار ‹‹كۆك›› دةپ،‹‹سېرق›› سۆزىنى ھونگىرلار ‹‹سارغا››،ئۇيغۇرلار ‹‹سېرق›› دةپ ئاتايدۇ.

    بةزى ھونگىرىية خةلىق چۆچةكلىرىنىڭ ئۇيغۇرچة ۋارىيانىتلىرى بار.بةزىلىرى ئوخشاش قۇرۇلما ۋة تةسۋىرلةرگة ئىگة، ھونگىرلار، ئۇيغۇرلار،قازاقلارنىڭ ھةممىسى ئوخشاش دىن ئېتىقادىدىن بةھرىمان بولغان.

    ھونگىرىيىلىكلةر،تارىختا خۇددى ئۇيغۇر،قازاقلارغا ئوخشاش شامان دىنىغا ئېتقاد قىلغان. بۈگۈنكى كۈندة بىز شامانىزىمنىڭ ئىزلىرىنى بۇ مىللةتلةرنىڭ ئۆرۈپ-ئادةتلىرىدىن بايقىۋالالايمىز.

    بىرونىزا دةۋرىدىن ئىلگىرى،شىنجاڭ شةرقىي ئىرق ۋة غةربىي ئىرقنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقة ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم مةركىزى بولغان.خةن سۇلالىسى مةزگىلىدة يىپةك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلةن،شةرق ۋة غةرپ ئارىسىدىكى تېخىمۇ مۇھىم بولغان مةدىنيةت ئالماشتۇرۇش مةركىزىگة ئايلانغان.تةبىئىي ۋة ئىجتىمائىي ئىنشانشۇناسلىق نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ،قةدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىكى ۋة مةدىنيىتىنى تةتىقىق قىلىش- شىنجاڭ ۋة ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ مةنبةسىنى ۋة ئىزىنى ئىزدىشىمىزگة ياردةم بىرىدۇ.

    مةنبة:شىنجاڭ ئىجدىمائىي پةنلةر تةتقىقاتى     1997-يىل 1-سان

     

    ھۇنزادە بلوگى

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.