ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-03

    ئىلى يولى ۋە زۇنۇن قادىرى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86587173.html

    ئىلى يولى ۋە زۇنۇن قادىرى
    ئاپتورى :ئابلەت ئابدۇللا
    سەنتەي،سىتەي يوللىرى،
    تۈگىمەيدۇ تاشلىرى.
    جىرەن ئاتنىڭ كۆزلىرى،
    قۇرىمايدۇ ياشلىرى.
    يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا يىگىرمە يىلدىن ئاشقان زۇنۇن قادىرى 1983-يىلى ئىسسىق ھوۋۇللاپ تۇرغان تومۇز ئايلىرىنىڭ بىركۈنى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆزى يالغۇز غۇلجا شەھرىگە قاراپ يولغا چىقتى.ئۇ ئۆزى ئۆسكەن ،ئەركىن ۋەكۆڭۈللۈك ھاياتۈ ئۆتكۈزگەن يۇرتىنى،ئىچەكىشىپ كەتكەن يۇرتلىقلىرىنى ،قېرىنداشلىرىنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىكى بەزىدە بۇ تەبىئىي قايناق ھېسياتىنى باسالماي قالاتتى.ئۇ يۇرتىنى ،يۇرتلىقلىرىنى كۆرگەندە قانداق بولۇپ كېتەر؟ئەل يۇرتىمۇ ئۇنى كۆرگەندە قانداق بولۇپ كېتەر!؟...
    1962-يىلى ئۇ بوينىنى باغلىغاندەك مەجبۇرىيەت ئاستىدا يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەندىن بېرى بۇ ئۇنىڭ گۈزەل ئىلى ۋادىسىغا تۇنجى كېلىشى ئىدى.تارىمدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنگە تۆت يىلدىن ئاشقان بىر كۈنى ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوپ بىلەن ئايالى خەلچەم،زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى مېھمانغا چاقىرغاندى.تاماقنىڭ ئالدىدا  تېيىپجان ئېلىيوف زۇنۇن قادىرنى خۇش قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساندۇققا سېلىپ ساقلاپ يۈرگەن داڭلىق ھاراقلىرىنى كۆرسەتتى.ئۇ يىللاردا مۇنداق داڭلىق ھاراقلار ئالتۇندىن ئەتىۋار ئىدى.ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى تام تۈۋىدە غۇلجا پاسۇنىدا چىرايلىق پىلتىلەنگەن ساندۇق بار ئىدى.تېيىپجان ئېلىيوا ساندۇق ئۈستىدىكى چاماداننى ئېلىپ،ساندۇق تۈۋىگە قويدى-دە،ئاندىن بىر قولى بىلەن ساندۇق قاپقىسىنى كۆتۈرۈپ،يەنە بىر قولى بىلەن ساندۇق ئىچىدىن ساقلاپ قويغان ھاراقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئالدى،بىر قانچە خىل داڭلىق ماركىلىق ھاراق بودۇلكىلىرى ساندوق تۈۋىگە قاتار تىزىلدى.
    تېيىپجان ئېلىيوف زۇنۇن قادىرىغا ھەييارلارچە قاراپ كۈلۈمسىرەپ:
    - ئانارچى قارى ،كۆردىڭلىمۇ،مانا ھاراق دېگەن،تاللاپ ئېچسىلە-دەپ چاقچاق قىلدى.
    - قانداق ھاراقلار- بۇ؟-دېدى زۇنۇن قادىرى كۆز ئەينىكى ئۈستىدىن ھاراق بودۇلكىلىرىغا قاراپ.
    -مانا ماۋۇ تۇرپان داچۈ،ماۋۇ گولياڭ داچۈ،ماۋۇ ئېرگوتو،ماۋۇ ئىلى داچۈ،ماۋۇ... تېيىپجان ئېلىيوف ئالدىدىكى ھاراق بودۇلكىلىرىنى بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىپ تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
    -ئىلى داچۈ - زۇنۇن قادىرى ھاياجانلىنىپ تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى.-ئەكىلە ئىلى داچۈنى...
    ئۇ ئىلى داچۈنىڭ بودۇلكىسىنى قولىغا ئېلىپ ،ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردى-دە،ئاندىن بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ پۇراپ كويدى.ئېھ،قانداقلا بولمىسۇن ئىلىدىن چىققان ھاراقتە-بۇ!بۇنىڭدىن يۇرتنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ.ئۇ ئاشخانا ئۆيدە خەلچەم بىلەن تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئايالى زىلەيخانغا ھاراقنى پۇلاڭلىتىپ كۆرسىتىپ ھاياجان بىلەن ۋاقىردە:
    -زىلەي،ھاي زىلەي،مۇنۇ ئىلى داچۈنى كۆردۇڭمۇ؟تېيىپجان مېنى دەپ ئون يىل ساقلاپتۇ،ئەمەسمۇ...
    دوختۇر ھاراقنى قاتتىق چەكلىگەچكە ،زۇنۇن قادىرى بۇ كۈنلەردە قەتئىي ھاراق ئىچمىگەندى،ئەمما بۇ كۈنى ئىلى داچۈدىن ئىككى رومكا تېتىپ ،خۇددى ئىلىنىڭ ،ئاقئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچكەندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،ئۆزىگە ھاي بەردى.سالامەتلىكىنىڭ تازا ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى ،ئائىلىسىنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ئۆي -ماكاننىڭ يوقلىقى ،بالىلارىنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭ غۇلجىغا بېرىش ئارزۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى توراپ تۇرغاندى.
    1979-يىلى سىنتەبىردە ئايالى زىلەيخان ئاقسۇدىن غېنىنىڭ قارا ماشىنىسىغا ئۆي-ۋاقىنى بېسىپ ،باي ناھىيسى ياقا ئېرىق دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئىنىسى ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىدە  بىر كېچە قونۇپ،ئۈربمچىگە كىرىپ كەلگەندە ،زۇنۇن قادىرى قېيىنئىنىسى خەمىتنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتاتتى.زىلەيخان يۈك-تاقىنى ئېلىپ كەلگەندە زۇنۇن قادىرى:«ئىنىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرايلى»دېگەندى.ئەمما زىلەيخان قەتئىي ئۇنىماي:«مۇشۇنداق قىلمىساق ئىدارە بىزگە ئۆي بەرمەيدۇ...»دەپ ئۆي -ۋاقىنى ئىدارە قورۇسىغا چۈشۈرگەندى.
    ئىدارە قورۇسى ئىچىدە تاشلىۋېتىلگەن بىر كونا ئاپتوبوس بار ئىدى.زىلەيخان ئاپتوبوس شۇپۇرى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن «جەڭ» قىلىپ غەلبە قىلدى ۋە ئاخىرى ئاپتوبۇسنى ئۆي قىلىۋالدى.ئكيگە پاتمىغان نەرسە كېرەكلەرنى ھويلىغا قويدى.بۇ بىلەتسىز قىزىق «كىنو»ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچىسى،سىنارېسىتى زۇنۇ قادىرى ئىشلىگەن «مەپىلىك كارۋان»ئىدى.
    بۇ يەرلىك «سىگان»لار تارىم بويلاپ «ئويۇن» قويۇپ،ئۈرۈمچىگە يېڭىلا كەلەەندى.ئۇلار كۈندۈزى «ئويۇن»قويۇپ،كېچىسى ماشىنا ئىچىدە ئۇخلىشاتتى.بۇ «كىنو»نى كۆرگەن تاماشىبىنلار دەسلەپتە كۈلەتتى،ئاندىن ئىچى كۆيەتتى،ئاندىن غەزەپلىنەتتى،ئاندىن....كوچا-كويدا ،سورۇن-سورۇنلاردا،ئۆيلەردە بۇ يېڭى شىنجاڭدا ئىشلەنگەن «مەپىلىك كارۋان»نى ھېكايە قىلىپ،سۆزلەپ يۈرۈشەتتى.ئادەم دېگەننىڭ مىجەز -خارەكتىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.تاماشىبىنلارمۇ شۇنداق،بۇ تاماشىبىنلار ئىچىدە ئاجايىپ خارەكتېرلىكئادەملەر بار ئىدىكى ،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ ئادام يا كۈلىشىنى،يا نەپرەتلىنىشنى،يا ئېچىنشىنى بىلمەي قالاتتى.ئۇلار ئكزلىرىمۇ سولچىل سىياسەتنىڭ ناھەقتىن ناھەق سەكسەن دەرىسىنى يېگەن،تاغدا سۈرگۈنلۈكتە يۈرگەن ،تۈرمىلەردە ئازاپلانغان،كېيىن ئازات بولۇپ،يەنە رەھپەرلىك خىزمىتىگە قويۇلغان كىشىلەر ئىدى.ئۇلار زۇنۇن قادىردىن ئەھۋال سورىماقتا يوق:«بۇلار نەدىن كەلدى؟زۇنۇن قادىرنىڭ تارىمدىكى ئويۇنى تېخى تۇگىمىگەن .ىدىغۇ،بۇ يەرگە كېلىشكە كىم روخسەت قىلدى؟...»دېيىشىپ غۇتۇلداپ كېتىشتى.ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بولسا،زۇنۇن قادىرى ئۈرۈمچىگە مەڭەۈ كەلمىسە،ئاشۇ تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدا،توغراق،يۇلغۇنلار تۈۋىدە چىرىپ كەتسە ،ئۆزلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى بولسا ....توۋا،بۇ ئادەملەرەە نېمە دېگۈلۈك؟...تىخى ئۇلارنىڭ بەزى «ناتىقلىرى»نومۇس قىلماستىم«12 مۇقام ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس»دەپ چارپاقىدەك كۆپۈپ ،كوكىراپ يۈرگەن ئىدى-يا... تارىخ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟...پالتىنىڭ سېپى ئۆزۇڭدىن بولغاندىن كېيىن «ئەلھۆكمىلىللا»دېمەكتىن باشقا نېمە ئامالىڭ بار؟بۇ يەردە ئادەم ئىختىيارسىز ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنبئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ليۇشۇۋۇنىڭ بېيجىڭدىن قالپاق كېيىپ كەلگەن ۋاڭمىڭغا ئالاھىدە غەمىورلۇق قىلىپ،ئۇنى مەكىتتىن ئىلىغا يۆتكىگەن ۋە ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۇمىنىڭ ئەينى يىللاردىكى باشلىقى سۇڭ يېمىنگە ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇش،غەمىۇرلۇق قىلىش توغۇرسىدا تاپىلىغان سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ:ئۇلار ماھىيەتتە ئۆز مىللىتى ئىچىدىن كامدىن -كام چەقىدىغان بۇ تالانىتلىق«ئۇنسۇر»نى شۇ چاغدىكى سولچىل سىياسەتنىڭ بېسىمىدىن قورىقماي قوغداپ قالغاندى.زۇنۇ قادىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەر بولسا،ئازادە،كەڭرى ۋەزىيەت ،ھوقوقى بار شارئىتتا تۇرۇپ،ئاشۇنداق بولمىغۇر مۇئامىلىدە بولغاندى.ئاممە قورىقماس،ئەر يۈرەك زىلەيخا:«ھوي،قارغۇ،تونىمىدڭمۇ،بۇ سېنىڭ ئۇستازىڭ زۇنۇ قادىر بولىدۇ،بىز قايتىپ كەلدۇق ،ئۆي بېرىشەمسەن؟»دەپ ئۇلار بىلەن ياقا سىقىشاتتى،يىغىن مەيدانلىرىغا بېسىپ كىرىپ جىدەل قىلاتتى.بۇ «مەپىلىك كارۋان»نى كۆرۇدىغانلار بارغانسېرى كۆپۇيۇپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىەە بۇ يەرگە چەتئەلىكلەرمۇكېلىپ-كېتىپ تۇراتتى.ئىدارە رەھپەرلىكى ئاخىرى بۇ«مەپىلىك كارۋان»نى نەنمىندىن بىر ئېغىز ئۆي تېپىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيدى.بۇ قورۇ ۋە ئۇنىڭغا يانداش قورۇدا شائىر.ژورنالىست ئابلىمىت سادىق،يازغۇچى،ژۇرنالىست ئەخەت تۇردى،يازغۇچى،ژۇرنالىست مەرھۇم قاھار جېلىل،خەنزۇچە،«مىللى يازغۇچىلار»ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى جاڭشىرۇڭ ،تەرەققىپەرۋەر تىجارەتچى مەرھۇم ئەخمەت ۋاجىدىيلار بار ئىدى.زۇنۇن قادىرغا بېرىلگەن بۇ توپا تاملىق بىر ئېغىز ئكي ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى «ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى»دىكىدا ئولتۇرغان ئۆيىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتتى.ئۆيىنىڭ يېرىمىنى دېگۇدەك تاشلىۋېتىلگەن ھاك.سېمونىت پارچىلىرى ئىگىلەپ ياتاتتى.بۇ ئۆينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆگزىسىگە لاي سېلىنمىغاچقا ئازراق يامغۇر ياغسىلا ئۆتۈپ كېتەتتى.بۇ چاغدا زۇنۇن قادىرنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرلان ئايالى ۋە بەختىيارنىڭ ناپوسى غۇلجا شەھرىگە سۆكۈلگەچكە ئۇلار غۇلجىغا كەتكەندى.زۇنۇن قادىرنىڭ  يېنىدا كىچىك ئوغلى پەرھات ۋە ئاقسۇدا تۇغۇلغان سەييارە،زوھرە ۋەخاتىمە دېگەن قىزلىرى قالغاندى.بۇ ئالتە جان كاتەكتەك بۇ ئۆيگە سېغمايتى.ئەمما كونىلارنىڭ«ئۆي سېتىۋالما،جوشنا سېتىۋال.»دېگىنىدەك ،قوشنىلىرى ئېسىل ئادەملەر بولغاچقا ،ئۇلارنمى تەڭلىكتە قويمىدى.ئۇلار زۇنۇن قادىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ مېھمان قىلىپ تۇراتتى،بەزى كۈنلىرى قوندۇرۇپ قالاتتى.زۇنۇن قادىرى كۆپرەك ئابلىمىت سادىق ۋە ئەخەت تۇردىنىڭ ئكيىدە تۇراتتى.كېيىن ئۇلار ئىككى ئېغىز ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى.زۇنۇن قادىرنىڭ خىزمىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى.بالىلىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشقا ئۇرۇنلاشتى.كىچىكلىرى مەكتەپتە ئۇقۇدى.ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بولغانلىقىنى كۆرگەن زۇنۇن قادىرى ئۇزۇندىن بۇيان سېغىنىپ،كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن يۇرتىنى كۆرۈش قىزغىنلىغىدا بۈگۈن بۇ ئاپتوبۇسقا چىققاندى.
    ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنقى 4-رېتىدە مۇكچىيىپ ئولتۇرغان كۆز ئەينەكلىك بۇ بوۋايغا ھېچكىم دېققەت قىلمايتى.ئاپتوبۇس ئىچىدە بەزىلەر ئاستا پاراڭ سېلىشىپ ،بەزىلەر مۇگدەپ ئولتۇرماقتا ئىدى.ماشىنا قارىماي ياتقۇزۇلغان يولدا بىر خىل سۈرئەتتە غىڭىلداپ كېتىۋاتماقتا.زۇنۇن قادىرى دىرىزىدىن ئارىلاپ-ئارىلاپ سىرتىكى مەنزىرلەرگە قاراپ يىگىرمە يىلدىن بۇيان كۆزدىن ئۇچۇپ كەتكەن بو يوللار بىلەن خىيالىدا  پاراڭلاشماقتا.ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپتۇ:بۇ قاقاس،چۆل ياقىلىرىدا ھازىر قاتار-قاتار ئۆيلەر،ئاشخانىلار،رېمونىتخانىلار،قوتان،پاختىزارلار،ئورمانلىقلار،يېزىلار ھەتتا شەھەرلەر پەيدا بوپتۇ...
    ئادەم قېرىغانسىرى تولا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن .ئۇ كۆز ئالدىدىكى كۈنلىرىنى ئەمەس ،ئۆتكەن كۈنلىرىنى ،بالىلىق -ياشلىق چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى ئويلاپ قالىدىكەن.مانا ھازىر ئۇ بۇ ئازادە ئاپتۇبۇستا ئەركىن ئولتۇرۇپ،راھەتلىنىپ،خىيال سۈرۈپ كېتىپ بارىدۇ.ئەمما بىر چاغلاردا ئۇ ئۇزۇن يوللاردا ھارۋىدا،پىيادە مېڭىپ كۆرمىگەننى كۆرگەندى.
    ئەنە ئاۋۇ ئالدىدا كۆرۇنىپ تۇرغان جىڭنىڭ توپىلىق يولىدا ئۇ بىر كۈن كەكىچە ھارۋا ساقلاپ ئاچ قوساق ئەسنەك بېسىپ ئولتۇرغاندى.ئۇ چاغلاردا بۇ ئۇزۇن يوللاردا ئىلى ھارۋىكەشلىرى4،5 ھارۋىنى بىر كالۇن قىلىپ،سوۋېتنىڭ تۈرلۈك ماللىرىنى تۇشۇيتى.ئۇلار ئاشۇ ناچار ھارۋىلىرى بىلەن نەچچە مېڭ كىلومىتىر چۆل جەزىرىلەرنى بېسىپ .سوۋېت ئىتىپاقىدىن كېرگەن قەنىت-گېزەك،سەرەڭگە،كىرسىن ،گەزمال ۋە باشقا سانائەت ماللىرىنى شىڭشڭىشاغا قەدەر تۇشۇپ ئاپىراتتى.«ئىلى ھارۋىكەشلىرى توغىرلىق كىتاپ يېزىش كېرەك ئىدى،-دەپ ئويلاندى بوۋاي،_ئاجايىپ بىر ياخشى تارىخىي كىتاپ بولاتتى،ھارۋىكەش قوشاقلىرىنىمۇ توپلاش كېرەك ئىدى ھەر...زۇنۇن قادىرى ھارۋىكەشلەر توغىرسىدا ماتېريال توپلىغان ،ئۇلاردىن نۇرغۇن قىزىق ۋە ئازابلىق ھېكايىلەرنىمۇ ئاڭلىغاندى.ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن ھارۋا ھەيدىگەنتى.ئۇ 1933-يىلىئىدى.شۇ چاغدا «ئۇرۇمچىدە تۈرلۈك مەكتەپلەرئېچىلىپتۇ.ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم-كېچەك ۋە تەمىنات بېرىلىدىكەن...»دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان زۇنۇن قادىرنىڭ  كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىەەن ئىدى.ئۇ كىراغا پۇلى بولمىغاچقا ئۇرۇمچىگە قاراپ پىيادە يولغا ئاتلانغاندى.ئەمما تەلىيىگە ئۈرۈمچىگە مال تارتقان ھارۋىنى ھەيدەپ بارىدىغان ئىش چىقىپ قىلىپ.خوجايىن ئىككى ھارۋىنى ،زۇنۇ قادىر ئىككى ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭغانتى.
    «غۇلجىدىن چىقىپ ،ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ،كەڭسايغا يېقىن بارغىنىمىزدا -دەپ ھېكايە قىلىدۇ .زۇنۇن قادىرى««خاتىرىلەر»دە .-تۆتىنجى ھارۋا كاتاڭغا چۈشۈپ قېلىپ ،ئوقى سونۇپ كەتتى.ھارۋىكەش پىشانىسىگە بىر شاپىلاق ئۇرۇپ ،ئالدىمغا كەلدى-دە:
    -ھەي كاساپەت سەن دىققەت قىلىپ ھەيدىمەي،ھارۋىنىڭ ئوقى سۇندى.تۆلەپ بىرىسەن،-دەپ تۇرۋالدى ۋە قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ قورقىتىپ،ئوق ئۈچۈن مەندىن بىرقانچە سوم  پۇل ئۈندۈرۋالماقچى بولدى.
    -سەن قەيەر بىلەن ھەيدىسەڭ ئارقاڭدىكى ھارۋىلارمۇ ،شۇ يەر بىلەن ماڭدى،جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ھارۋاڭنىڭ ئكلۈكىنى ئارتامسەن،-دەپ مەنمۇ بوش كەلمەي ۋاقىردىم.ئۇ يەنە قامچىسىنى كۆرۈرۈپ ،ئالدىمغا دېۋەيلەپ يېقىن كەلدى.مەنمۇ دەرھال يول چېتىدە تۇرغان مۈشۈكتەك چوڭلۇقتىكى بىر تاشنى قولۇمغا ئېلىپ ھەيۋە قىلدىم.
    باشقا سەپەرداش ھارۋىكەشلەر ئارىغا چۈشۈپ،مېنىڭ خوجايىنىمنى ئەيىپلەپ،بىزنى ئەپلەشتۈرۇپ قۇيدى.ھارۋىكەش بۇ ئەتراپتىن ئوق تاپالماي ،ئارقىسىغا يېىنىپ لوسىگۇڭغا كەتتى.مەن بولسام ئاتلارنى بېقىپ ،ھارۋىلارغا قاراپ قالدىم.بۇ يەردە ئۈچ كۈن ئاۋارە بولۇپ،ھارۋىنى ئوقلىغاندىن كېيىن ،يەنە يولغا چۈشتۇق.ھارۋىلار داۋانغا ئۆرلەپ تىك جايغا كەلگەندە ئاتلار چارچاپ توختىغان ھامان ئاخىرقى ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا تاشنى تىرەپ قويۇش ۋەزىپىسىنى مەن ئۇرۇنداپ ماڭدىم.شۇڭا قوش مۈشتەك تاشلارنى ئىككى قولۇمدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ،داۋان ئاشقۇچە چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ ھىچبىر دەرمانىم قالمىدى...»
    تەنەپۇسلۇق تارىخىي ساۋات: ئىلىدا ھازىر ئولتۇرۇش -سورۇنلاردا،توي-تۈكۈنلەردە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان  مەشھۇر «ھارۋىكەش ناخشىسى »مانا مۇشۇ جاپالىق يوللاردا تۇغۇلغاندى.ھارۋىكەشلەر بۇ خەتەرلىك ۋە ئازاپلىق ئۇزۇن يوللاردا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ،قايغۇ ھەسرەتلىرىنى ،يول بويى ،دەڭ-دەڭلەردە كۆرگەن ئېغىر قىسمەتلىرىنى ناخشا قىلىپ ئېيتىشاتتى:
    باش ھارۋىنىڭ ئوقىنى،
    سۈيدۈڭ يولىدا ئوقلاتتىم.
    ھارۋىكەش بولۇپ قېلىپ،
    جەۋرىنى تولا تارتىم.

    ساچەنزىدە ئات ئۆلدى،
    ئېتەكلەرگە ياش تولدى
    پۇل تاپىمىز دەپ چىقىپ،
    يېگەن -ئىچكەن ھەش بولدى.
    ھارۋىكەشلەرگە بولۇپمۇ تەلكە داۋانىدىن ئېشىپ-«دوزاخ»تىن چىققاندىن مۈشكۈل ئىدى.شۇڭا ئۇ چاغلاردا:
    تەلكىنىڭ داۋانىنىڭ،
    ئىككى ئۆتىڭى تاشلىق.
    تاش ئۆتەڭدىن ئۆتكىچە،
    تۈگەپ كېتىدۇ ياشلىق.

    جاغىستايلىق بالىلارنىڭ،
    سىمدىن ئۆرىگەن قامچىسى.
    داۋانلاردىن ئۆتكۈچە،
    يىغلاپ كەتتى قانچىسى.
    زۇنۇن قادىرىنىڭ مەھەللىكى،خەنبىڭ يېزىسى باش كۆۋرۈك كەنت پارتىيە ياچېيكىيسىنىڭ سابىق شۈجىسى ،مەرھۇم ئابدۇكىرىم خالىق ئەينى يىللاردىكى داڭلىق ھارۋىكەشلەرنىڭ بىرى ئىدى.مەن شۇ كەنىتتە ئىشلەپ يۈرگەن 1978-يىللىرى ئۇنىڭ ئكز بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىدىن توقىغان قوشاقلىرىنى خاتىرلىۋالغاندىم.زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇ ئەسلىمىسىدىكى «ھارۋا كاتاڭغا چۈشۈپ ئوقى سۇنۇپ كەتتى»دېگەن سۆزى ماڭا ئىختىيارسىز ئاشۇ پىشقەدەم ھارۋىكەشنىڭ قوشاقلىرىنى ئەسلەتتى:
    بىز ئىلىدىن چىققاندا،
    دوستلار قالدى قايغۇرۇپ.
    تەلكىنىڭ داۋانىدا،
    ھارۋام سۇندى لەڭ ئۇرۇپ.

    سەنتەي،سىتەي يوللىرى،
    تۈگىمەيدۇ تاشلىرى.
    جەرەن ئاتنىڭ كۆزلىرى.
    قورىمايدۇ ياشلىرى.

    سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ،
    كۆپكۆك سۇ لىغىرلايدۇ.
    تۆت ئەتراپىغا قاراپ،
    ئىلىنىڭ تېغى دەيدۇ.

    جىڭدىن ماڭدۇق قودۇققا،
    ئاتلار ھاردى قۇملۇقتا.
    توغراق چازىغا يېتەلمەي،
    چاڭقاپ كەتتۇق شۇرلۇقتا.

    غۇل ئۆتەڭ بىلەن تاللىق،
    كۆكۈيۈن ،پاشىسى داڭلىق.
    چىگىشۇغا بارغىچە،
    قاراپ كۆزلىرىم ئاغرىق.

    قۇمۇل يولى يامان يول،
    ئوغۇل بالىنى خىللايدۇ.
    چاغلىماي چىقىپ قويۇپ،
    يى بى بادا يىغلايدۇ.

    قۇمۇل دېگەن شە ئەمەس،
    پۇل تەڭلىسەم يەم بەرمەس.
    سېسىق سامان بىر بىر جىڭى،
    بى موچەندىن كام بەرمەس.
    ... ئۇ چاغلاردا ئىلىدىن چىققان ھارۋا بىرىنجى كۈنى سۈيدۈڭدە،ئەتىسى،قىزىل كۆتەندە(تەلكە ئىغىزىدا)قوناتتى.ئۇنىڭ ئەتىسى تاش كۆتەندە،ئاندىن كەڭسەي،قايراقتى،سۇنپىتوزا،سەنتەي،سىتەي،ئۇتەي،داخىيەنزى،قۇمۇچ بولاق،ئونجوخور،ماجانخور،جىڭ،قۇمبولاق،قۇدۇق،توغراقچازا،كۈل ئۆتەڭ،تاللىق،چىگىشۇ،پورتاجى،شىخو،كۈيتۈن،يەنسىخەي،ئالاۋسۇن،ماناس،بوجادەڭ،توخلى،لوتى،قۇتبى،سانجى قاتارلىق ئوتتۇز نەچچە دەڭدە قونۇپ ،ئەڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى يېقىلغان تاشقا ئۇلىشاتتى.
    ئۇ چاغلاردا يوللار ناھايىتى ناچار ،مېڭىشقا ئەپسىز،تاشلىق،قوملۇق،ئويماچوڭقۇر ئىدى.ھارۋىكەش بىچارىلەر بۇ قوملۇق ،تاشلىقيوللاردا ،تەلكە داۋانلىرىدا ئات سوزلاپ مېڭىشاتتى.توپىلىق يوللارمۇئىنتايىن ناچار بولغاچقا،ھارۋىكەشلەر ئامال بار يېڭى ياسالغان ماشىنا يولىغا چۈشىۋىلىشقا تىرىشاتتى.لېكىن ھۆكۈمەت ھارۋىلارنىڭ ماشىنا يولىدا مېڭىشىغا رۇخسەت قىلمايتى.يوللاردىكى كۆۋرۈك ئاستىغا مۆكۈۋالغان ھككۈمەت تەرىپىدىن قويۇلغان يەرلىك كىشىلەر كۆرۇپلا قالسا تۇتىۋېلىپ ،ھككۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرەتتى.ھۆكۈمەت بۇ ھارۋىكەشلەرگە ئېغىر جەرىمانە قوياتتى،ھاشاغا سىلىپ يول ياسىتاتتى.
    سەنتەي،سىتەي يوللىرىدا چوڭ-چوڭ قورام تاشلار بولۇپ ئاتلارنىڭ جېنىنى چىقىرۋېتەتتى.جىڭ قومبۇلاق،قودۇك،توغراق،چازا يوللىرى دەم ئېلىشقا قىيىن بولغان پۇرپاڭ قۇملۇق يوللار ئىدى.ھارۋىكەشلەرنىڭ بۇ قۇملۇق يوللاردا جېنى سىرقىرايتى.شۇڭا ئۇلار:
    ھارۋىكەش بولغان بالىلار،
    ئاتلىرىنى خىللايدۇ.
    مەن-مەن دېگەن ھارۋىكەش،
    قۇمبۇلاقتا يىغلايدۇ.
    دەپ قۇشاق قوشىۋېلىشقاندى.
    ئۇ چاغلاردا كەڭسەي،سەنتەي ۋە داخىيەنزىلەردە باجغا تەۋە ساقچىخانا بار ئىدى.غۇلجىدىن چىققان ھارۋىكەشلەر شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ باج تۆلىگەن قەغىزىنى  كۆرسىتىپ بۇ ئۇرۇنلاردىن ئۆتۇپ كېتەتتى.ئەگەر باج تۆلىگەن قەغىزى بولمىدا تۇتىۋېلىپ ،ئالۋاڭ سەيسىەە سالاتتى.ھارۋىكەشلەر شۇ يەردىن يەم-خەشەك ئالسىمۇ باج تۆلەيتى....
    ئا پتوبۇس جىڭ بازىرىدىن چىقىپ ،يول ياقىسىدىكى شالاڭ ئۆسكەن توغراقلاردىن ئۆتۇپ ،يەنە چۆل دالىغا چىقتى.ئۇ قۇملۇق چۆلدە غەرىپكە قاراپ ئون كېلومېتىر يۈرگەندىن كېيىن زۇنۇن قادىرى يولنىڭ شىمال تەرىپىدىكى قۇمۇچ،يۇلغۇن،قامغاقلار ئۆسۇپ كەتكەن دالاغا قاراپ ئېغىر خۇرسىنىپ قۇيدى.ئۇ بۇ يەرنى ئوبدان بىلەتتى.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇ يەردە ئەڭ دەھشەتلىك تالاپەتلىك جەڭ بولغاندى.1945-يىلى 7-سىنتەبىر كۈنى دۈشمەن ئوقىدىن بۇ چۆلدە قوربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ جەسىدى ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن ئىدى.دۈشمەن قۇم دۆۋىلىرى ۋە پوتەيلەرگە كۆرۈنمەس نىقاپ تارتىۋالغاندەك يوشۇرنىۋالغاندى.ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ پوتىيى تاشيولنىڭ ئۈچ قەۋەت ئىدى،ئۇنىڭغا بىر روتا ئادەم سىغاتتى.بۇ پوتەينىڭ ئىككى يېنىدا بىر قانچە ئون ئوت توچكىسى بار ئىدى .ئۇ دالادا كۆرۈنەەن ھەرقانداق نىشاننى ئوققا تۇتالايتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەن ئەتراپتىكى دەل-دەرەخلەرنى ،چاتقاللارنى كىسىپ ئوت قۇيۇپ،بۇ يەردە دالدا بولۇدىغان ھېچقانداق نەرسىنى قويمىغاندى.ئەەەر جەڭچىلەرنىڭ بىرەرسى ئىسپانكىسىنى دالاغا قارىتىپ ئاتسا ،دۇشمەن ئوقىدىن ھوتما-تۆشۈك بولۇپ،كەتكەن بولاتتى.ئەنە شۇنداق قەتئىي پايدىسىز،ئېغىر شارائىتتا روس كوماندىر جەڭچىلەرگە دۈشمەن پوتىيىگە ئۇدۇلدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئارقا-ئارقىدىن بۇيرۇق بېرىۋەردى.«...ئۇ چاغدا ناۋادا ھېلىقى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ كاپىتانى دۈشمەن ئىستىكامىغا ئۇدۇلدىن ھۇقۇم قىلىشقا ئارقىمۇ-ئارقا بۇيريق بىرىۋەرمىگەن بولسا ،مۇنچە جەڭچى قوربان بولمىغان بولاردى.»*زۇنۇن قادىرىنىڭ :«كۆز ئالدىدا يۈزىگە ئىسپانكا يېپىلغان ،نەچچە يۈز ،ياق،نەچچە مىڭ ياش يىگىتنىڭ ئوڭدا ،جىمجىت ياتقان ھالىتى ەەۋدىلەندى.شېھىتلارنىڭ ئوڭ قولى كۆكسىەە قويۇلغان ،ئۇلار قەرىزنى ئۇرۇندۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن خەلقتىن كەچۈرۈم سوراۋاتقاندەك ،ئۇيۇلۇپ ئىسپانكىسى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالغاندەك...»
    شۇ كۈنكى جەڭدە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا نۇربىيە،خان زۆھرە ۋە روس قىزى ژىنىيە قاتارلىق ئۇيغۇر،تاتار،رۇغ سانىتاركىلىرىدىن 30 يېقىن شەپقەت ھەمشىرىسى قۇربان بولدى.ئەگەر ئەر يۈرەك ،قارام زىھرۇللام نادىروف جىنىنى ئالقنىغا ئېلىپ،ئاشۇ ئۈچ قەۋەتلىك پوتەي قېشىغا ئكمۈلەپ بېرىۋىلىلپ،بىر توپ -بىر توپتىن باغلانغان قول بومبىسىنى دۈشمەننىڭ ئوت تۇچكىسى ئارقىلىق ئېتىپ  پارتىلتىۋەتمىگەن بولسا يەنە قانچە يۈز جەڭچى بۇ دالادا سۇنايلىنىپ ياتقان بولاتتىكىن!؟
    بوۋاي بىردىنلا ئۆزى قاتناشقان ،قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل ۋاپات بولغان كۈنىدىكى ھەرەمباغ جېڭىنى ئېسىگە ئىلىپ قالدى.شۇ چاغدىمۇ پوتەيلەرگە مۇستەككەم ئورۇنلىشىۋالغان دۈشمەنگە قارلىق ئاي دالىدا ھۇجۇمغا ئۆتكەن.ئۇرۇش-جەڭ كۆرمىگەن پىدائىيىلار نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچرىغاندى.قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى ئاق قارنى قىزىلغا بۇيىۋەتكەندى.
    1945-يىلى 13-يانۋار كۈنى ئىدى.،-دەپ ھېكايە قىلىپ بەرگەندى ماڭا شۇ جەڭنىڭ قاتناشقۇچىسى 87 ياشقا كىرگەنئىلى پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ھاشىم ،جاڭىلداپ تۇرغان سوغ ئادەمنى قاتۇرۇپ قوياتتى.باش شىتابنىڭ بۇيرىقى بۇيۇچە بىزنىڭ ئۈچ پىدائىيىلار گۇرپپىمىز بىرلەشتۈرۈلۈپ ،مۇنتىزىم بىر گورۇپپا بولغان ،ئالىكساندىر ۋە نائىل بىزگە قوماندان بولۇپ بەلگىلەنگەندى.ئۇ چاغدا ئۇقۇتقۇچى بولغان مېنىڭ گۇرۇپپامدا 185پىدائى،بۇرۇن گومىنداڭ قوشۇنىدا بولغان ھۈسەيىن تۈەنجاڭنىڭ قول ئاستىدا 200 پىدائى،گومىنداڭ ھەربىي مەكتىۋىدە ئوقۇغان ئابلىمىتنىڭ قول ئاستىدا 200 پىدائى بار ئىدى.بىز بىرەر يىلغا يېقىن مەشىق قىلىپ يۈرگەن بولساقمۇ لېكىن رەسمىي ئۇرۇشلارغا قاتناشمىغان ئىدۇق.شۇڭا باش شىتاپ:
    -سىلەر رەسمىي چوڭ ئۇرۇشلارغا قاتناشمىدىڭلار،ئەمدى مۇنتىزىم قوشۇن بولدىڭلار،چوڭ ئۇرۇشقا كىرىسىلەر ،نىشان-ھەرەمباغ،ئوبدان تەييارلىق قىلىڭلار!-دەپ بۇيرۇق بەردى.
    بىز ھەرەمباققا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلاندۇق،بۇ ھەرەمباققا قىلىندىغان تۇنجى ھۇجۇم ئىدى.بۇيرۇق بۇيىچە ھەرەمباغدىكى شاھ ھاجىنىڭ بېغىغا (ھازىرقى ھەرەمباغ ھەربىي گازارمىنىڭ غەربىي -جەنۇپ بۆلىكى)جەم بولدۇق.قوماندان بىزگە:
    -بىز دۈشمەن پوتەيلىرىگە مىناميوت ئاتىمىز.سىلەر تانكا كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۆتىسىلەر!-دەپ بۇيرىدى.
    بىز ھۇجۇمغا تەييارلاندۇق.شاھ ھاجىنىڭ بېغى بىلەن تۆپىلىكتىكى قەبرىستانلىق ئارىسىدا بىر يول بار ئىدى. مىناميوت ئېتىلدى،تىراكتۇردىن قۇراشتۇرۇلغان «تانكا»شالدىرلاپ كەتتى.بىز ئاشۇ«تانكا»نىڭ ھېمايىسىدە يولدىن ئۆتۈپ ،قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ ھەرەمباغ گازارمىسىغا توتىشىدىغان تكپىلىككە چىقىۋالدۇق.گومىنداڭ ئەسكەرلىرى گازارمىنى ئايلاندۇرۇپ سوقۇلغان تاملاردىن ئېچىلغان ئوق توچكىلىرىدىن توختىماي ئوق ياغدۇرۇپ تۇراتتى.بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيتۇق،ئۇلار ئاپئاق قارلىق دالادا تۇرغان بىزنى ئاپ-ئاشكارا كۆرۇپ تۇراتتى.شۇنداقتىمۇ بىز قېلىن قاردا ئۆمۇلەپ ،پوتەينىڭ جەنوبىي -شىمال تەرىپىگە كېلىۋالدۇق،دۈشمەن شىددەت بىلەن ئوت ئاچاتتى،ئوقلار قوماچ قورىغاندەك تارسىلداپ،ۋىژىلداپ ،قارلارنى ئۈچۈرۈپ ئەتراپىمىزدا ئەجەل پۇرۇتۇپ تۇراتتى.بۇ چاغدا «تانكا»مىزغا ئوق تېگىپ كاردىن چىقتى.
    قەبرىستانلىقنىڭ بۇ بۆلىكىدە كىچىك جىرا بار ئىدى. بىزنىڭ كوماندىرلىرىمىز ئالىكساندىر بىلەن نائىل ئاشۇ جىرا ئىچىگە چۈشۈۋالدى.ئۇلار ئازگالدا تۇرۇپ،ئۇرۇشقا قوماندالىق قىلىپ بۇيرۇق چۈشۈرەتتى.بىز ھۇجۇمغا ئۆتەتتۇق.نائىل مېنىڭ يېنىمدا ،ئالىكساندىر ئۇنىڭ نېرىسىدا ئىدى.مەن بۇ چاغدا بىر گۈمبەزنى دالدا قىلىپ ياتاتتىم.باشنى كۆتەرسەكلا ئوق تېگەتتى.قولىمىزدىكىسى گومىنداڭ ئەسىرلىرىدىن تارتىۋالغان كۆيسەيدىن پەرىقسىز كونا مىلتىقلار ئىدى. ئىككى-ئۈچ قېتىم ئاتقاندىن كېيىنلا  قىزىپ كېتىپ،دەررۇ ئىچىنى تازلىمىساق چاپلىشىۋىلىپ ئىتىلمايتتى. زاتوۋۇرى قارغا تېگىپ كەتسە ياكى ئېرىگەن قار ئىچىگە كىرىپ كەتسە ئىڭەككە تىپەتتى.سىتۋۇلى ناچارراق بولسا يېرىلىپ كېتەتتى.زەھەردەك سوغدا مىلتىق ئاتماقمۇ ،قار ئۈستىدە ،دۈشمەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى تازىلماقمۇ مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى.بىز مىلتىقلىرىمىزنىڭ تازىلاپ،دۈشمەننى نىشانغا ئالغۇچە ئۇ بىزنى نىشانغا ئېلىپ بولاتتى.دۈشمەن ئەسكىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرگەن،كۆپ جەڭلەرگە كىرگەن ،تەجىربىسى بار زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ستراتېگىيىلىك ئەپلىك ئۇرۇنغا جايلىشىۋالغاچقا،بىزنى ھېلىدى -ھېلىغا تالاپىتكە ئۇچرىتۇپ تۇراتتى.بىز بولساق جەڭ كۆرمىگەن.ئوچۇقچىلقتا تۇرغان،ناچار قوراللار بىلەن قورالانغان پىدائىيىلار -ئازاتلىق ھۆرلۈك ئۈچۈن ،ۋەتەننىڭ تەقدىرى،خەلىقنىڭ بەختى ئۈچۈن جان تېنىنى ئاتىۋەتكەن قورىقماس پىدائىيلار ئىدۇق.دۈشمەن شىدەت بىلەن يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇپ تۇرسىمۇ ،ئەر يۈرەكلىك بىلەن ،غۇرۇرىمىز بىلەن دۈمچەك -دۈمچەك قەبرىلەرنى پاناھ قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتەتتۇق.كوماندىر ئالىكساندىر ۋە نائىل  جىرادا يېتىۋىلىپ بۇيرۇق بېرەتتى.يازغۇچى زۇنۇن قادىرى مەيداننى ئارىلاپ موخبىرلىق قىلىپ يۈرەتتى.تۈركىيىلىك ئابدوللا داموللا «ئۆلسەك شېھىت،قالساق غازى»دەپ قۇرئان ئۇقۇپ ،جەڭچىلەرگە مەدەت بېرىۋاتاتتى،مانا شەھەر ئىچىلىك ئەخمەت قېلىن قارنى يېرىپ ئۆمۇلەپ كەتتى.،ئو قارلارنى ئۈچۈرتۇپ،ۋىژىلداپ ئەجەل ئېلىپ يۈرگەن ئوقلار ئارىسىدىن ئۆتۇپ .ىۇددى كۈرەش قەھرىمانى مەرھۇم زىھروللا نادىرواتەك دۈشمەننىڭ پىلومىتى ئو چىچىۋاتقان تام تۈۋىگە باردى.ئەتتەڭ...شۇ چاغدا بىر تال گىرانات دۈشمەننىڭ ئاشۇ ئوت توچكىسىغا تاشلانغا بولسا قانداق ياخشى بولاتتى....
    ...ئامال يوق...ئەخمەتكە ئوق تەككەندى.ئۇ سۇنايلىنىپ تام تۈۋىدە يېتىپ قالدى .ئۇ يەرگە بېرىشقا مۇمكىن بولمىدى.يەنە بىر پىدائى ئاتلاندى.ئۇمۇ بېرىقى چولاق تام تۈۋىدە يېقىلدى.ئەنە شۇ چاغدا سانتاركا رىزۋانگۈل بىزنىڭ مۇداپىئمىز ئاستىدا چەبدەسلىك بىلەن ئۆمىلەپ بېرىپ،ئىنىڭ يارىسىنى تېڭىپ سۆرەپ ئەكەلدى.بۇ ئايدۆڭ مەھەلىسىدىكى سېۋەتچى ئابدۇكىرىمنىڭ .ىنىسى دەھرا ئىدى.ئاندىن يەنە بىر پىدائى يېقىلدى.رىزۋانگۈل ئۇنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالدى.«ئۇ يارىدار بولغان ئىككى جەڭچىنىڭ يارىسىنى تېڭىپ،ئارقا سەپكا ئەۋەتكەنتى.كېيىنلا ۋىزۋۇد كوماندىرى ئەڭ خەۋىپلىك يەردە بېشىدىن يارىلىنىپ يېقىلدى.رىزۋانگۈل ئۇنى كۆردى-دە،شۇ تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى.كوماندىر دۈشمەننىڭ پىلىموت ئوقى ئۈچ تەرەپتىن قاپلىشىپ تۇرىدىغان خەتەرلىك جايدىن ئون قەدەم نېرىدا تۇرغان ئەسكى تامغا يۈگۈرگەندە ئوق تەككەندى.شۇ چاغدا رىزۋانگۈل يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى-دە ،ئۇنى ئۆزى نىشانلىغان چولاق تامغا سورىدى.ئۇشقىيتىپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار رىزۋانگۈل بىلەن يارىدارنىڭ ئەتراپىدىكى قارلارنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى.لېكىن چەبدەس رىزۋانگۈل ئوقلارنىڭئكزىگە كەلتۈرۋاتقان ئكلۈم خەۋەرلىرى بىلەن ھېساپلاشمايتتى.ئۇ كۆزلىگەن ئون قەدەمدىكى چولاق تامغا يارىدارنى يەتكۈزۈپ ،بېشىنى تاڭدى ۋە ئاغزى -بۇرنىنى سۈرتۈپ ھۇشىغا كەلتۈردى.كوماندىر ئۆلۇم ئاغزىدىن قۇتۇلدى.
    جەڭچىلەر دۈشمەننىڭ دەھشەتلىك قارشىلىقنى سۇندۇرۇپ ئىلگىرى كېتىپ باراتتى،خەۋىپلىك جايدا يەنە بىر جەڭچى يارىدار بولدى.رىزۋانگۈل ئەمدى ئارقىغا قاراپ يارىدار جەڭچىگە يۈگۈرگەندى ،دۈشمەن ئوقى كېلىپ ئۇنىڭ بىشىغا تەگدى.
    رىزۋانگۈل دەلدۈگۈنىپ بىر تولغاندى-دە ،كوماندىرىمىز نائىلنىڭ ئالدىغىلا،مەندىن ئىككى -ئۈچ مېتىر بېرىغا يېقىلدى.ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈستىدە قايرىلما ياقىلىق سېرىق تېرىكە كالتە جۇۋا ،بىلىدە تاسما بەلباغ،بېشىدا ئاق ئەلتېرە قولاقچا ،پۇتىدا پىيما بار ئىدى.
    شۇ كۈنى بىزئەتىگەن سائەت 10دىن كەچكىچە ئۇرۇشتۇق.قاتتىق سوغ،ناچار قورال،ئاچ قورساق ۋە ئوچوقچىلىق بىزنى نۇرغۇن تالاپەتكە ئۈچراتتى.گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تام ياقىلىرىدىكى ۋە پوتەيلىرىدىكى ئوق توچكىلىرىدىن توختىماي ئوق ئېچىپ تۇردى.بۇ شۇنداق سوقۇش بولدىكى ،بۇ سۇقۇشتا بىز نىڭ جېنىمىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتى.دۆڭمەللىلىك ئابلىمىت قورسىقى ئېچىپ كەتكەچكە ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىۋېدى كوماندىر نائىل:
    -نەگە بارىسەن ؟ -دەپ سورىدى.
    ئاق كۆڭۈل ساددا ئابلىمىت:
    قورسۇقۇم ئېچىپ كەتتى...دېۋىدى ،نائىل ئېتىپ تاشلىدى...
    بىز تۇرغان قەبرىستانلىقنىڭ نېرىسىدىكى مەھەللىدە سوۋېتتىن كەلگەن قىرغىز قۇشۇن بار ئىدى.ھېلىقى مېناميوت ئېتىپ ئۇرۇش باشلاپ بەرگەنلەر شۇلار ئىدى.ئۇلار ئۇرۇشقا كېرمەي بىز پىدائىلار كىرگەنتۇق.نۇرغۇنپىدائىلارنىڭ قۇربان بولانلىقىنى كۆرگەن قوماندانلىق شىتاب ئاخىرى بولالماي ئۇلارغا بۇيرۇق بەرگەنمۇ ئۇلار كەچتە دۈشمەن پوتەيلىرىنى توپقا تۇتۇپ،بىزنى قۇتۇلدۇرۋالدى.بىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،قەبرىستانلىقتىن چېكىنىپ  چىقىۋالدۇق  .تام تۈۋىدە قەيسەرلىك بىلەن پوتەيگە ئۆمىلەپ بارغان غۇلجا سامان بازىرلىق ئەخمەتنىڭ ئۆلۈكى قالدى....»
    ئەينى يىللار خەلقنىڭ ئازاتلىق،ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقى ،دۈشمەنگە بولغان چەكسىز غەزەپ -نەپرىتى كۈچلۈك بولغاچقا ئۇلار مىڭلىغان جەڭچىلەرنىڭ قۇربان بولۇپ كېتىشىگە ئىچىدە كۆيۈپ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ سەۋىر قىلغاندى.ئۇلار ھەرەمباغ ئازات بولغاندا ئۇسۇل ئويناپ،بىر-بىرىنى تەبرىكلەپ،بوۋاي-مومايلار جېنىدا بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كەتكەندى. باشقىلارنى قۇچاغلىيالماي قالغانلار دەرەخلەرنى قۇچاقلاپ،بېشىنى دەرەققە تىرەپ ھۆكۈرەپ يىغلاپ كەتكەندى.ئۇلار بۇ كۆز ياشلىرى بىلەن يۈرىكىگە نەچچە ئەسىر يىغىلىپ زەرداپقا ئايلىنىپ كەتكەن دەرىت-ھەسرەتلىرىنى چىقىرىشقاندى...«ھەي ئو زامان ،ئۇ ياشلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى،-بوۋاي مۇڭلاندى،ھازىر كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتى.ياق،ياق ئۇلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ،ئۇنتۇلمايدۇ،ئۇلارنىڭ قانلىرى بىكار ئاقتىمۇ؟...»بوۋاي ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى.ئاۋازى بوش ئىدى،ئۆزىگىلا ئاڭلاندى.ئۇ كۆز ئەينىكىنى سۈرىتكەن بولۇپ،يېنىدىكىلەرگە سەزدۇرمەي كۆزلىرىنى سۈرتىۋالدى، بىراق يىغىسى ئىچ-ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقاچقا ،ئۇ بولالماي يەرگە قارىۋالدى....
    ماشىنا بۇزۇلغان ،سۇ ئېلىپ كەتكەن شېغىل توپىلىق يوللاردا قاڭقىپ ،سىلكىنىپ كېتىپ باراتتى،ئۇ قارىماي ياتقۇزۇلغان تۇز يولغا چىققاندىن كېيىن،سىيلىق تەۋرىنىپ،بىر خىل سۈرئەتكە ئۆتتى.بوۋاينى مۈگدەك باستى.ماشىنا ئىچىدە باشقىلارمۇ ئۇخلاشماقتا ئىدى.
    ...ماشىنا يىلان ئىزىدەك ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدا كېتىۋاتاتتى.ئۇ خەتەرلىك ۋە ھەيۋەتلىك تەلكە تېغىنىڭ داۋىنىدىن چۈشۈشكە باشلىغاندا،بوۋاي كۆزىنى ئاچتى.ئۇ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى،سەگەكلەشتى،ماشىنا دېرىزىسىدىن گۈزەل تەلكە تاغلىرى سۈرەتتەك جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.ئېھ، قەھرىمان تەلكە تاغلىرى...
    زۇنۇن قادىرى ئۆزىگە ھەيران بولدى.ئۇ بۇ يوللاردىن تالاي قېتىم ئۆتكەن بولسىمۇ،ھازىرقىدەك شېرىن ۋە ئازاپلىق ھېسياتتا بولمىغاب ئىدى.ئۇنىڭغا بۇ يەرلەرنىڭ قەدرى ئۆتۇلگەن ئىدى. ئۆتۈلگەن ئىدى...ئەنە ئاۋۇ تاغ چوققىسىدكى تەسكەي،ئويمان -قىيالاردا تېخىچە ئېرىپ بولمىغان ئاپئاق قارلار ،قاپتاللاردىكى ساينىڭ تاپىنىغا قەدەر سوزۇلۇڭپ چۈشكەن ياپيېشىل چىرايلىق قارغايلار؛جىرادىكى قارغايلار ئارىسىدىكى يىشىل چىمەنلىكلەر؛سايدا تاشتىن -تاشقا شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ شارقىراپ ئېقىۋاتقان مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇلار؛كۈنگەيدىكى تاغ چوققىلىرىدا ھېلىلا دۇمۇلاپ چۈشۈپ ھەممىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغاندەك ئېسىلىپ تۇرغان سارغۇچ گىرانىت تاشلار؛ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېرىلەپ چىققان ياش قارىغاي نوتىلىرى؛سۇغا ساڭگىلاپ تۇرغان تاغ تېرەكلىرىنىڭ ئاجايىپ شاخ-يۇپۇرماقلىرى ؛«قېيىن بولاق»...زۇنۇن قادىرنىڭ بۇ يەردە ئۆتكەن ئاجايىپ گۈزەل كۈنلىرىنى ،پارتىزانلارنىڭ جەڭگىۋار جەڭ ىاتىرلىرىنى ئەسكە چۈشۈرۈپ تۇراتتى.
    تەلكە تاغلىرى ئىلىنىڭ دەرۋازىسى ئىدى .1944-يىلى نويابىردا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ لېكسىن قوماندانلىقىدىكى پارتىزانلىرى بۇ دەرۋازىنى تۇراپ ،بۇ يەردىكى گومىنداڭنىڭ ئىككى باتالىيۇن ئەسكىرى بىلەن تىركىشىپ تۇراتتى.بۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچى .ئىلى تاش يولىنى بويلاپ غۇلجا شەھرىگە كىرىش ئېغىزى ئېتىلگەندى
    غۇلجا شەھرىدە بولسا ،گومىنداڭ قۇشۇنلىرى لياڭشەن،ھەرەمباغ،ئايدۇرۇم قاتارلىق مۇھىم سىتراتىگىيىلىك ،ئەپلىك ئورۇنلاردا قاپسىلىپ قالغان  بولسىمۇ ،كۈچلۈك مۇداپىئەدە تۇرۇپ سىرىتتىن كېلىدىغان ياردەمچى قۇشۇننى كۈتۈۋاتاتتى.شۇڭا گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي قوماندانى جۇشاۋلياڭ 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى جىددي ھەربىي ئىشلار يىغىنى ئېچىپ،گومىنداڭ زاپاس 7-دىۋىزىيىسىنىڭ كوماندىرى لىيۈشياڭ قوماندالىقىدىكى تۆت باتالىيۇن ۋە 3-پولىكقا بىۋاستە قاراشلىق بىر جەڭگىۋار ئەترەتنى كەڭسايغا ياردەمگە ئەۋەتتى.ئەگەر گومىنداڭ ئارمىيەسى قىسىملىرى ئەشۇ يۈرىشىدە  بۇ دەرۋازىنى ئېچىۋەتسە،ئۇلار سۈيدۆڭنى بېسىپ،ئاندىن غۇلجا شەھرىگە غەرىپ تەرەپتىن تاشقىندەك يامراپ كېرەتتى.شۇنداقلا غۇلجا شەھرىنىڭ شىماك تەرىپىدىكى گۆرساي ئېغىزىدىن ئېشىپ پەنجىم يېزىسى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۇدىغان ۋە جىڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئاچال ئارقىلىق شەرىقتىن ھۇجۇمغا ئۆتۇدىغان قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ.غۇلجا شەھرىنى ئۈچ تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئالاتتى.ئۇلار ئىچكى تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپيېڭى قۇرۇلغان ئىنقىلابى ھۆكۈمەتنى ھالاكەتلىك خەۋىپكە ئىتتىرەتتى.
    تەلكە تېغى مانا مۇشۇنداق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جان تومۇرى ئىدى .شۇڭا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ياردەمگە كەلگەن قۇشۇنلىرى  جان-جەھلى بىلەن تەلكىنى ئىگىلەپ ئۈرۈمچى -ئىلى تاشيولىنى ئېچىشقا ئاتلاندى.ئۇلار سىمپىتۇزىدا قومانداللىق شىتابى قۇرۇپ،12-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ سەھەردە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ،پارتىزانلارنى چېكىندۈرۈپ،كونا ئەرتەينى ئىگىلىۋالدى.ئۇلار تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەپ ،كەڭسايغا كەلگەندە پارتىزانلارنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۈچراپ توختاپ قالدى.ئەگەر گومىنداڭ قۇشۇنى كەڭساينى بۆسۇپ ئۆتۈپ كەتسىلا تەلكە ئېغىزىدىن چىقىپ كېتەلەيتى.شۇڭا دۈشمەنمۇ ،پارتىزانلارمۇ جان-جەھلى بىلەن ئېلىشتى.پارتىزانلار قارىغاي -تېرەكلەرنى ئۆرۈپ،يوللارنى توراپ،جىددىي مۇداپىئەدە تۇردى....
    ماشىنا ئەشۇ كەڭ ساي يولىدىكى ئايلانمىلاردا ئىلاندەك تولغۇنۇپ،غىڭشىپ ئاستا كېتىۋاتاتتى.زۇنۇن قادىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغقا-ئارچا،قارىغاي ۋە قىيا-ھاڭ تاشلارغا قاراپ ئۇھ سىنىپ قويدى،كۆڭلى داۋالغۇدى.12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى دەھشەتلىك جەڭ ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە : شۇ كۈنى تاتار پارتىزان رەخىمجان ئاشۇ قىيا تاشلاردىن پەسكە چۈشۈپ گومىنداڭ تانكىسىغا يىقىن قالغاندا ئوق تېگىپ قۇربان بولغان؛كوماندىر ئاروپ ئەۋزىمۇ شۇ كۈنى قۇربان بولغاندى.ئاروپ ئەۋزى ئەنە ئاۋۇ تاغ چوققىسىدكى ئۈزۈك دەرەخىنىڭ يېنىدا قوربان بولغاندى؛زۇنۇن قادىرى ئارۇپ ئەۋزىنى تۇنۇيتتى،ئۇ ئالى مەلۇماتلىق ئۇقۇتقۇچى،تەنتەربىيە ساھاسىدە كۆزگە كۆرۇنەەن پائالىيەتچان ئۇستاز ئىدى.ئېھ-ھىي...ئەشۇ تاغ چوققىلىرى،قىيا تاشلاردىن پارتىزانلارنىڭ سىرغىپ ئاققان قىزىل قانلىرى تەلكە سۈيىگە قۇشۇلۇپ،سۇنى قىزىل رەڭگە بويىغاندى...
    دۈشمەن بىلەن پارتىزانلار قاتتىق تىركىشىۋاتقان پەيتتە غېنى باتور 500كىشىلىك پارتىزانلار ئەتىرتىنى باشلاپ كەڭسايغا يېتىپ كەلدى.بۇنىڭ بىلەن كەڭساي پارتىزانلىرىنىڭ جەڭەىۋار كۈچى كۈچىيىپ،ئۇلار موداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى.بۇ چاغدا گومىنداڭ قۇشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۈگىگەندى،ئۇلارنىڭ 1200ئادىمى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ،سوغۇقتا توڭلاپ ۋە ئاچلىقتىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ،ئاكوپلاردا تاشتەك قېتىپ قالغان،ساق قالغانلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ماجالى يوق نىمجان بولۇپ قالغاندى...
    غىنى باتۇر شۇ چاغدا بىر قىسىم پارتىزانلارنى باشلاپ ئارشاڭ ناھىيىسىنى ئازات قىلىشقا ئاتلاندى.شۇ جەڭدە پىلىموتتىن چاچراپ چىققان بىر ئوق ئۇنىڭ بوينىغا تەككەن،يەنە بىرى مۈرىسىدىن كىرىپ قوۋىرغىسىدىن چىقىپ كەتكەندى.قان كۆپ ئېقىپ كەتكەچكە ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ،ئۇنى غۇلجىغا تېز يۆتكەش كېرەك ئىدى.ئۇنى زەمبىلگە سېلىشتى،شۇ چاغدا زەمبىل كۆتەرگەنلەرنىڭ بىرسى غېنى باتۇرنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ،بىزنىڭ تۇققىنىمىز جاپپار دېگەن ئادەم ئىدى.كىشىلەر«جاپپار ئوغرى»دېيىشەتتى.جاپپاركام بىر كۈنى ماڭا شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى-غېنى باتۇرنى زەمبىلگە سېلىپ،تىك قارلىق چوقىلاردىن ئۆتكۈزۈپ،تاغدىن پەسكە قانداق سىرىلدۈرۈپ چۈشكەنلىكىنى،غېنى باتۇرنىڭ ئۈستىگە ياپقان جۇگىسى يولدا چۈشۈپ قالغاندا-چاترىقىمنى چاققان ياپ ئوغرىلار،...ئۈششۈتۈپ قويۇشما!-دەپ ئۇلرغا ۋاقىراپ كەتكىننى پىشايۋاندا ئولتۇرۇپ،كۈلۈپ تۇرۇپ ھېكايە قىلىپ بەرگەندى....
    زۇنۇ قادىرى بۇ جەڭلەرگە ئۆزى قاتناشمىغان بولسىمۇ ،ئەمما  شۇ جەڭلەرگە قاتناشقان  پارتىزانلاردىن بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان،خاتىرلىگەن ۋە بىر مەزگىل ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىغاندى.
    1947-يىلى مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ھەربىي -سىياسىي كادىرلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن مۇشۇ كەڭسايدا ھەربىي مەكتەپ قۇرغاندى.مەكتەپ ئورنى كەڭساي يول ياساش ئىدارىسىنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىناسىدا ئىدى.ئەخمەتجان قاسىمى بۇ مەكتەپنىڭ سىياسەت،تىل ئەدەبىيات دەرىسنى بېرىش ئۈچۈن شەھەردىن نۇر سادىروف ۋە زۇنۇ قادىرىنى تەكلىپ قىلغاندى . غازىيوف بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغاندى.ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىگە بېرىش ۋە قايتىش يولىدا بۇ مەكتەپكە چۈشۈپ،ئوفېتسىر- جەڭچىلەر بىلەن كۆرىشىپ،ئىھۋال سوراپ ،يوليۇرۇق بېرىپ تۇراتتى.
    ياندا بەسلەشكەندەك تېز ئېقىۋاتقان تاغ سۈيىنىڭ مۇزىكىلىق شاقىرىشى ،ئاپتۇبۇسنىڭ بىر خىل ئەللەيلىشى زۇنۇن قادىرنى ئاشۇ شېرىن ئەسلىمىلەر قۇچىقىغا ئېلىپ كەتتى.ئۇ بۇ يەردە سۈيۈملۈك ئەخمەتجان قاسىمى  بىلەن ئۇچراشقان ،پاراڭلاشقان ،ھەتتا تاغدا بىللە ئوۋ ئوۋلىغان ئىدى. ئۇ 1952-يىلى ئەخمەتجان قاسىمىنى سېغىنىپ يازغان ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازغاندى:
    «ئەخمەتجان قاسىمنىنىڭ قېيىن بولاققا دەم ئېلىش ئۈچۈن چىققانلىقىنى ئاڭلاپ،بىردەم ئېلىش كۈنى ئەتىگەنلىكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىپ كېلىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى غازىيوف بىلەن بىرگە ئاتلىق قېيىن بولاققا كەلدۇق.ئۇنىڭ ئېگىز  بىر تاغ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ،شۇ تاققا ئۆرلەپ ماڭدۇق.15-20 مېتىرچە ئۆرلىگەندىن كېيىن يوغان بىر تاش يېنىدا بىرچېلەكتە قارىقات ،بىر ياغلىققا ئوراقلىق ئۈزۈم بىلەن بىر توقاچنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ نەرسىلىرى ئىكەنلىكىنى ،ئەمدى ئۇنىڭ بار يېرىگە كەلگەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇق.بىراق ئۇنى بۇ ئارىدىن ئۈچرىتالماي يەنە ئېگىزلەپ ،بۇرالمىلىق تىك يار تاش يېنىغا كەلگەندە يول تاپالماي قالدۇق بىر ئاز ئارقىغا يېنىپ يەنە ئۆرلىشىمىزگە تاغنىڭ يۇقۇرى قىسمىدا تۇرغان ئەخمەتجان قاسىمىنى كۆردۈق.ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىزنى چاقىردى.
    بىز خۇشاللىقىمىزدىن بار كۈچىمىز بىلەن يۇقۇرىغا قاراپ يامىشىپ تاغ ئۈستىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن قېرىنداشلارچە  تىنىچ-ئامانلىق سوراشتۇق.لېكىن بىزدە ھاسىراش بېسىلمىغاندى.ئۇ كۈلىمسىرەپ؛
    --ھە-ھە - مانا تاماكىنى كۆپ چەككەننىڭ پايدىسى شۇ،-دەپ چاقچاق قىلدى.ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يەلكىسىدە بەش ئاتار مىلتىق ،قولىدا «فىت»ماركىلىق فوتو ئاپپارات  ساڭگىلاپ تۇراتتى.،سىپتا كىيىمى ۋە ئېلىپ يۈرگەن جابدۇقلىرى بىلەن بۇ ئادەم تاغنىڭ مۇشاقەتلىرىگە كۆنۈكۈپ،تەبىئەت بىلەن چېلىشىپ يۈرگەن ئوۋچى ياكى بىر ئاددىي جەڭچىدەك كۆرۈنەتتىئۇنىڭ چىنىققان مۇسكۇللۇق ئوتتۇرا بويى،كەڭ پىشانىلىك ،قىسقا قىرقىلغان توم قارا بۇرۇتلۇق ،كۈلىمسىرەپ تۇغان يۈزى تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى  ۋە گۈزەل مەنزىرىسى ئىچىدە ناھايىتى يېقىملىق ،تازا ۋە جەزىبىلىك بولۇپ كۆرۈنەتتى.
    ئەخمەتجان قاسىمى بىزنى سۈرەتكە چۈشۈردى.ئاندىن بىز بىلەن يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ:
    - قانداق بىزنىڭ تاغلار چىرايلىقمۇ؟ - دېدى. ئۇ بېشىنى سەل سىڭايان قىلىپ ئەتراپتىكى قارىغاي،دەرەخلەرگە ۋە پەستىكى ئېدىر قاپتاللىرىدىكى ياپيېشىل چىمەنزارلارغا زوق بىلەن قاراپ كۆكسىنى قانغۇچە نەپەس ئېلىپ بىزگە قارىدى.مەن ئۇنىڭو بېشىنى سول تەرەپكە سەل سىڭايان قىلىپ كىشىگە نەزەر سالىدىغان ئادىتى باردەك سەزدىم. ئۇ ماڭا ناھايىتى يېقىن ئولتۇرغانتى.پۇتىدىكى رابوتچىك ئۆتىكى مېنىڭ ئۆتىكىمگە تېگىپ تۇراتتى.يېقىملىق كۈلۈپ تۇرۇدىغان مۇلايىم قىياپەتلىك ،چىن ئىنسانى مۇئامىلىدىكى بۇ ئادەم ماڭا تۆۋەندە تۇرۇپ مۇنبەر ئۈستىدە كۆرۈپ يۈرگەن ئەمەلداردەك تۇيۇلمىدى.بۇ خەلقنىڭ ھەقىقي رەھبىرى،مانا شۇ تاپتا بولسا بىزنىڭ ئاغىنىمىز .شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن تارتىنىپ ئولتۇرمىدىم.ئۆزۈمنىڭ ھېسياتىم بويىچە يۇقىرى ئاۋازدا تاغنىڭ گۈزەللىكىنى خۇسۇسەن سايرام كۆلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بارلىقى ،ھەر جەھەتتىن كېلىشكەن تەلكە تېغىنىڭ دەم ئېلىشقا ئەپلىك ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا گەپ قىلدىم.ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەنبېرىلىپ ئاڭلاپ:
    - بۇنى توغرا ئېيتىسىز،سايرام ئەتراپىداۋە كۆك سالادا ساناتوريە قۇرساق بولىدۇ.- دەپ تەستىقلىدى،كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىپ:
    - ئوقۇغۇچىلارغا قانچە گىرامدىن شېكەر بېرىۋاتىسىلەر؟- دەپ سورىدى.قانچە گىرام دېگىنى ئېسىمدە يوق،مودىر جاۋاپ بەردى.
    - بۇ يەردە ھەسەل كۆپ ،شېكەر ئورنىغا شۇنى بەرسەڭلار ئەرزان چۈشىدۇ.ھەسەل ياخشى نەرسە،ئەنە ئاۇ تەرەپتە- چارباغ دەپ ئاتىلىدىغان يەردە تەبىئي باغ بار ئىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا تاغ قاپتاللىرىدا نۇرغۇن ياۋا ئالما كۆردۈم.ئالمىلار پىشىپ يەرگە تازىمۇ تۆكۈلۈپتۇ. ئۇ بىر كىشىنىڭ خۇسۇسىي بېغى ئەمەس ، كۆپچىلىكنىڭ بېغى،ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىڭ،مەرھەمەت،ئالما يەپ كېتىشسۇن،بىر كۈنى ھەممىڭلار كېلىپ شۇ ئالمىلاردىن ئېلىپ كېتىڭلار،ئۆزىغۇ ياۋا تاغ ئالمىسى،شۇنداق بولسىمۇ ئەتىگەنلىك چايدا بالىلارغا بەرسەڭلار پايدىلىق،كۆپرەك ئاپىرىپ قاق سېلىۋېلىشسۇن.
    شۇ كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىللە تاغمۇ-تاغ يۈرۈپ ئوۋ ئوۋلىدۇق...»
    ...ئو ئاجايىپ كۈنلەر ئىدى،ئەپسۇسكى ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى.« ئۇ كۈنلەر خاسىيەتلىك چۈشكە،ئۇنتۇلماس تويغا ئوخشايدۇ.يېرىم كىچىدە ياتساڭمۇ ئەتىنى قاچان كۆرەرمەن دەپ ئىنتىزار بولاتتىڭ-دە،ئۇيقۇڭ قاچاتتى.ئۇ كۈنلەردە كۆڭلۇڭ سۈزۈك ئاسماندەك پاكىزە ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن غەشلىك،غەم-غۇسسە ساڭا يات ئىدى.ئۇ كۈنلەردە چاپقان كەتمەن،ئېيىتقان ناخشا ،قىلىشقان چاقچاقمۇ ىۇددى ياخشى غىزادەك تېتىملىق ئىدى.مانا شۇنداق كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى...»
    ئاپتوبۇس تەلكە ئېغىزىغا چىققاندا زۇنۇ قادىرنىڭ نەپىسى قىسىلدى،كۆزىگە ياش كەلدى.كۆپكۆك دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن ،ئكزىنى ئەزىمەت قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىلى ۋادىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يېيىلىپ ياتاتتى.ئۇ بۇ يەردە ئادەمدەك ياشىغان ۋە ئاجايىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈز

    مەنبە : ئىلى دەرياسى ژورنىلى

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.