ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-03

    ئۇيغۇر تارىخى...... - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86596617.html



    ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە
    تۇرغۇن ئالماس
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن تارىخشۇناسلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا قاچاندىن بۇيان ماكانلاشقانلىقى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش بار.

    بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ بىرىنچى خىلى: ئۇيغۇرلار مىلادىنىڭ 845 - يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە كۆچۈپ، شىنجاڭدا ماكانلاشقان دەپ قارىسا، ئىككىنچى خىلدىكىلىرى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇڭغۇلىيەنىڭ شەرقىدىكى ھىنگاان تاغلىرى (قىدىرقان تاغلىرى) دىن غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ بويىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا (شىنجاڭ بۇنىڭ ئىچىدە) ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى خەلق دەپ قارايدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قاراش بار. بىرىنچى خىلى: ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنلار ۋە تۈركلەر قان قېرىنداش دەپ قارىسا، ئىككىنچى خىلدىكىلىرى ھۇنلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر قان قېرىنداشلىق جەھەتتە بىر - بىرىگە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ.

    مەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكى ئىككى خىل كۆز قاراشلار ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

    1 - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانلىرى ھەققىدە

    ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر تارمىقى بولۇپ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئەمگەكچانلىقى، كۆرەشچانلىقى بىلەن شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ غەزىنىسىگە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەت.

    ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى "تۇرالار" دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابلىرىدا پەقەت مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنلا تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ غەربتە ئېرتىش دەرياسى، بالقاش كۆلىنىڭ بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق بىپايان تېررىتورىيىدە ياشاپ بۇ جايلارنىڭ تەبىئى شارائىتىنى ھېسابقا ئېلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھۆنەرۋەنچىلىك، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

    ھازىرقى زاماندىكى غەرب بۇرزۇئا تارىخچىلىرىنىڭ بىر قىسمى، شىنجاڭدا قەدىمكى زاماندا ياشىغان خەلقلەر ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان، ئېرقى جەھەتتىن ئارىئان نەسلىگە (ئىرانلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) مەنسۇپ بولغانلار ئىدى، دېيىشىدۇ. مەسىلەن: چاررۇسسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ چوڭ جاسۇسى گ. گارزىمايلو بۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەڭ قەدىمكى دەۋردە پامىردىن تارتىپ ئۇنىڭ شەرقىغە (تارىم ئويمانلىقىنى دېمەكچى - ت) ئىرانلىقلار كېلىپ جايلاشقان. يەنە مەلۇم بىر مەزگىلگە كەلگەندە جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىن خەنزۇلار بۇ يەرگە زورمۇ زو كەلگەن.»

    ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۇرپاننىڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ئىرانلىقلار ئىدى. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، ئۇلارنى كېلىپ چىقىشى تۈركلەرگە مەنسۇپ بولغان خىلمۇ خىل ئاھالە شەرق تەرەپتىن كېلىپ قىستاپ قويدى. نەتىجىدە تۇرپاندا ئولتۇراقلاشقان ئىرانلىقلارنىڭ بىر قىسمى كېيىن كەلگەنلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا كەتتى. بىر قىسمى ئۇلارغا ئاسسىملاتسىيە بولۇپ، مۇشۇ خىلدىكى دەرىجىگە يېتىپ، تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرقى پەرقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى.»

    19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، شىنجاڭ ۋە دونخۇاڭغا كېلىپ، قەدىمكى زاماندىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئېسىل يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن لىكوك، سىتەيىن قاتارلىق غەرب بورزۇئا ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى گ. گارزھىمايلو بىلەن ئوخشاش. قەدىمكى زاماندا تارىم ئويمانلىقىدا بارلىققا كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلار ياراتقان بولماستىن، ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر ياراتقان دېمەكچى بولىدۇ.

    كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدىكى بەزىبىر تارىخشۇناسلارمۇ يۇقىرىقىلارنىڭ سەپسەتىسىنى قۇۋەتلەپ، تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ ھالدا مۇنداق دىيىشىدۇ: «(تارىم ئويمانلىكى) مىلادىدىن كېيىنكى بىرىنچى مىڭ يىللىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلى بىلەن ئۇنىڭدىن سەل كېيىن، بۇ يەردە ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان (قەشقەردىن خوتەن ئەتراپلىرىغىچە) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھىندى - ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان («توخار تىلى» دەپ ئاتىلىدىغان) ئۇرۇق - قەبىلىلەر (ئاقسۇ، كۇچار، قاراشەھەر، تۇرپان ئەتراپلىرىدا ياشىغان، بۇندىن تاشقىرى يەنە ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى زاماندىكى فىشامشان دۆلىتى، نىيەدىن تارتىپ لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە) مىللەتلەر، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىبەت تىلىدا سۆزلىشىدىغان تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ياشىغان. تۈرك مىللىتى (قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئېھتىمال 7- 8- ئەسىردىن كېيىن شىمالدىن بۇ يەرگە كەلگەن. بەلكى قەدەممۇ قەدەملەپ شۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاخىرى باشقا قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يېڭىپ ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگەللىگەن.»  

    غەرب بورزۇئا ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ماسلىشىدىغان يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەر توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئاساسلىنىدىغىنى كۇچار، قارا شەھەر رايونلىرىدىن تېپىلغان زور مىقداردىكى سانسىكىرىت يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، (بۇ يېزىقلارنى قەدىمكى زاماندا ھىندىلار قوللانغان)بىلەن ھىندى تىلىدا يېزىلغان بۇدا تەلىماتىغا دائىر يازما يادىكارلىقلاردىن ئىبارەت.

    سانسىكىرىت يېزىقىدا بۇدا نامىلەرنىڭ قانچە كۆپ بولىشىدىن قەتىينەزەر، ئۇنداق ماتېرياللار بۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنىڭ ھىندى - ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارىئان نەسىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسرىدىن باشلاپ ھىندىستان ئارقىلىق بۇددا دىنى تارىم ئويمانلىقىدىكى خوتەن، كۇچار، قەشقەر، كېيىنرەك تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاتىغا ئايلانغان. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نوملىرى بولمىغانلىكى ئۈچۈن، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدە بۇددا راھىپلىرى سانسىكىرىت يېزىقى بىلەن ھىندى تىلىدا يېزىلغان بۇددا نوملىرىنى ئوقۇغان، بۇنى خەلق چۈشەنمەيتتى، بۇ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دەستۇرى بولغان قۇران ۋە باشقا ئەقىدىلەر يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلار ئەرەپ، پارس تىلىدا بولۇپ، بۇنى ئاز ساندىكى دىنىي ئەرباپلار چۈشىنىدىغان بولسىمۇ، ئاددى خەلق بىۋاستە ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ئەھۋال ئىدى.

    شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي ئۆلىمالارنىڭ مەسچىت، مەدرىسلەردە ئەرەب، پارس تىلىدىكى ئىسلام ئەقىدىلىرىدە ۋەز ئېيتقانلىقى ۋە تالىپلارغا دەرس ئۆتۈپ بەرگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنى ئەرەب دېيىشكە بولمىغىنىدەك، قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇر بۇددىستلىرىنى ئىبادەتخانىلاردا سانسىكىرىت يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھىندى تىلىدىكى بۇددا نوملاردىن  ئەمر - مەرۇپ قىلغانلىقىغا قاراپ، ئۇلارنىمۇ ھىندى دېگىلى بولمايدۇ.

    7- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر بۇددىست ۋە تەرجىمان شۇەن زۇاڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ قەشقەر، خوتەن، كۇچار ئەتراپلىرىدا قوللىنىۋاتقان يېزىق ھىندى يېزىقى بولۇپ، تىلى ھىندى تىلى ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

    ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كەلگەنلىكىگە دائىر تارىخىي پاكىتلار ئۈستىدە توختىلىمەن. 1981- يىل 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بېتىدە بىر تارىخىي ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا 1979 - يىلى قىشتا شىنجاڭ ئىجمائىي پەنلەر ئاكىدىمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر ئىپتىدائى قەۋرىستانلىقتىن  ئىككى جەسەتنى تاپقانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدا بۇ جەسەتلەرنىڭ بىرى ياش ئايال، يەنە بىرى كىچىك بالا بولۇپ، نەنجىڭ داشۈ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ كاربون 14 تەجرىبىخانىسى، قەۋرىستانلىقتىن قېزىپ ئېلىنغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل (+_117) بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچە تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت ئۈلگىسى. شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ قەدىمكى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى، شىنجاڭ رايونىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە شۇ زاماندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ فىزىئولۇگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە بۇ رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۆنەر ـ سەنئىتى، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    «بۇ جەسەتلەرنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك قۇرغاق قۇم دوۋىسىدىن قېزىپ ئېلىنغان. گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان، جەسەتلەر گۆردە ئوڭدىسىغا قىلىپ ياتقۇزۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختاي ۋە تاختايلارنىڭ ئۈستىگە قوي تىرىسى بىلەن چىغ توقۇلما يېپىلغان، جەسەت ناھايىتى قوپال توقۇلغان رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ سېرىق ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ، كۆزلىرى يوغان، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قاڭشالىق بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بىلەن بىللە قېزىپ ئېلىنغان ئاخىرەتلىكلەر ئىچىدە ناھايىتى نەپس توقۇلغان چىغ سىۋەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان، ئەمما بۇ دانلار چىرىپ ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن. بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سىۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىقتى.»

    يۇقىرىقى ئىككى جەسەت ھەققىدىكى مەلۇمات كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا يۇرتى، ئىرقى كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق جىددى مەسىلىلەرگە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاپ بېرىدۇ. لوپنۇردىن چىققان ئىككى جەسەتنىڭ بۇندىن 6412 يىل ئىلگىرى دەپنە قىلىنغان قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدا، ئارىئانلار ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

    «قەدىمكى دۇنيا تارىخى» دىكى مەلۇماتقا  ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇن ھازىرقى ھىندىستاندا، ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان، تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئارىئان(ئارىلار) نەسلىگە مەنسۇپ بولغان ھازىرقى ھىندىلارنىڭ ئەجدادى ئەمەس، بەلكى باشقا ئىرققا مەنسۇپ دىراۋىدىلار ياشىغان ئىدى، 4000 يىل بۇرۇن ئىراندا ئارىئانلار ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ دىراۋىدىلارنى جەنۇبى قىسىمغا سۈرۈۋەتكەن.

    ھازىر جەنۇبى ھىندىستاندا ياشايدىغان ئاشۇ دىراۋىدلارنىڭ سانى 50 مىليونغا يېتىدۇ. ئەگەر ئارىئانلارنىڭ ئىراندىن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە  تۇتۇپ، ھىندىستانغا چېگرىداش بولغان جەنۇبى شىنجاڭ (تارىم ئويمانلىقى)غا ئارىئانلار ھىندىستان ئارقىلىق ئۆتكەن دېيىلسە، بۇ پاكىتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى سېرىق چاچ، قاڭشالىق، بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگەن ئايال جەسىتىنىڭ 6412 يىل ئىلگىرى لوپنۇر ئەتراپىدا دەپنە قىلىنىشى، ئارىئانلار ئىراندىن ھىندىستانغا بېسىپ كىرىشتىن 2500 يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

    مانا شۇ پاكىت، بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ «ئۇيغۇرلار، 845 - يىلى موڭغۇلىيە دائىرىسىدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى» دېگەن  قاراشلىرىنىمۇ رەت قىلىدۇ.

    لوپنۇردىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ دەپىن قىلىنغان ۋاقتى، جەسەتنىڭ يۇڭ توقۇلما رەخت بىلەن ئورالغانلىقى، گۆردىن ياغاچ تاختايلار، چىغ سىۋەت، ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان بۇغدايلارنىڭ چىقىشى، تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمكى چاغدىن باشلىنىپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، قول - ھۆنەرۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

    لوپنۇردىن تېپىلغان جەسەدلەر ۋە باشقا بويۇملار، تارىخچى مورگانىڭ «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئاستىدا كۆمۈگلۈكتۇر. قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ سىرى مەلۇم بولغۇسىدۇر.» دېگەن كارامەتلىك ھۆكۈمنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ سىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېچىش، ئانتروپولوگىيە، ئىتنۇگرافىيە، ئارخىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ جىددى ۋە شەرەپلىك ۋەزىپە.

    بۇ يەردە بىرئاز يىراقتىن گەپ ئاچقىنىمىزدا مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

    مىلادىنىڭ 2 - ئەسرىدە ياشىغان يۇنان ئالىمى پ. تۇلۇمى ئۆزىنىڭ ئون توملۇق «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدىكى «سىرىسلار دۆلىتى» (يىپەك دۆلىتى) بابىدا ھازىرقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلقنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پىلە بېقىپ، يىپەكتىن نەپىس شايى - ئەتلەسلەرنى توقۇيدىغانلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئى شارائىتلىرى (تاغلىرى، دەريالىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.

    «ۋىي سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى مەلۇماتقا  ئاساسلانغاندا، 4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا، ئەسلى كېلىپ چىقىشى تۇنگۇس نەسلىدىن بولسىمۇ، خېلى دەرىجىدە تۈركلەشكەن، ياۋرۇپالىقلار «ئاۋارلار» دەپ ئاتىغان، جۇرجانلار باش كۆتۈردى. مانا شۇ جۇرجان تۈركلىرىنىڭ قاغانى شىرون (مىلادىنىڭ 400 - يىلدىن 411- يىلغىچە قاغان بولغان) مىلادىنىڭ 400 - يىللىرى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار، ئالتايدىكى تۈركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن خېلى كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار جۇرجان قاغانلىقنىڭ قوشۇنلىرىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا ئالتايدىكى تۈركلەر جۇرجانلار ئۈچۈن ھەربىي قورال ياساپ بېرىشكە قىلىنغان. چۈنكى، ئالتاي تۈركلىرى مىتال ئېرىتىپ تۈرلۈك قوراللارنى ياساشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.

    جۇرجان قاغانلىقى تېررىتورىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەربىي ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرقىي چاۋشىئەننىڭ غەربىگىچە، شىمالىي تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇبى ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، پايتەختى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جاڭپى ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا ئىدى.

    مىلادىنىڭ 487- يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بۇركلى(تۇماغلىق) قەبىلىسىنىڭ خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇرجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىغا (ھازىرقى جۇڭغار دالىسىغا) كۆچكەن. شۇ قېتىم ئالتاي ئارقىلىق شىنجاڭغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 600 مىڭ بولۇپ، 120 مىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت ئىدى.

    جۇرجان قاغانى تۇلۇن (487- 492 ـ يىللارى) نۇرغۇن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. جەنۇبىي ئالتايدا بولغان ئۇرۇشتا ئۇيغۇر خانى ئاي ئوجرو جۇرجان قاغانى تۇلۇن قوشۇنلىرىنى تار - مار قىلدى، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەتكەن تۇلۇن قاغاننى جۇرجان ھۆكۈمرانلىرى ئۆلتۈرۈپ ئورنىغا ناغاينى قاغان قىلدى. ئۇيغۇرلار 487 - يىلى جۇرجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. 60  يىل ھۆكۈم سۈرگەن (مىلادىنىڭ 487 - يىلدىن 546 - يىلغىچە) بۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ماناس ئەتراپلىرىدا بولۇپ، تېررىتورىيىسى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە سايرام كۆلى بويىغىچە، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، شىمالدا جۇرجانلار بىلەن، قاراشەھەر ئەتراپلىرىدا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتراپلىرىدا تۇيغۇنلار (تىبەت خانلىقى) بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى ماتېرىياللاردا  ئۇيغۇرلارنىڭ 845 - يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە كۆچۈشلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان.



    مەنبە: «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1982-يىل 2 ـ سان

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.