ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-03

    ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86605984.html

    ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

       دۇنيادا پامىلىسىز ياشاۋاتقانلاردىن ئافرىقا قىتەسىدە ئاز ساندا قەبىلە - مىللەتلەر بار. مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر فامىلە ئىشلەتمەي ياشاۋاتقان يالغۇزلا ئۇيغۇرلار قالدى.
       ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن فامىلىڭىز نېمە دەپ سورىسىڭىز، دادىسىنىڭ ئىسمىنى دەيدۇ. ھەر بىر پەرزەنت دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە سۈپىتىدە قوللانغانچقا  فامىلە، ئۇ ئادەم بىلەن بىللە گۆرگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بالىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇنى قوللانغۇچىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا 10 ئەۋلاد بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنىڭ ئاىلە شەجەرىسىنى بىلىدىغانلار بەك ئاز. بىر ئائىلە ئەزالىرى ئۆلىدۇ، تۇغۇلىدۇ، يەنە ئۆلىدۇ، 100 يىللار، 1000 يىللار ئۆتسىمۇ فامىلە ئۆلمەيدۇ. دۇنيادىكى مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ مەدەنىي ئەنئەنە مەۋجۇت.
       يېڭى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، تۇنجى فامىلە ئىشلەتكەن كىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى. ئايالى ماھىنۇر قاسىمى، ئوغلى ئادىل قاسىمى... ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەردىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئۈلگە ئېلىپ فامىلە قوللانغانلاردىن بىرسى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئايالى ئايىم ئەزىزى، قىزى ئارزۇگۈل ئەزىزى…سەيپىدىن ئەزىزى، ئۆزىگە ۋە ئائىلىسگە راۋا كۆرگەن فامىلىنى نېمىشقا خەلقىگە راۋا كۆرمىدى. (بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تارىخچىلار غا ھاۋالە قىلىمەن)بۇنىڭدىن مەلۇماتىم يوق.
    ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان فامىلە قوللىنىپ باقمىغانمۇ؟ قوللانغان؛ -مەھمۇت كاشغەرىي. مەھمۇتنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كاشغەرىي ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ”كاشغەرىي” فامىلىدۇر. “كاشغەرىي”سۆزىنى “تەخەللۇس”دېگۈچىلەر بار. بۇ خاتا. مەھمۇت كاشغەرىي ئەگەر “كاشغەرىي” دېگەن فامىلىسى يېرىگە، دادىسىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويغان بولسا ئىدى، ”دىۋانى-لۇغەتىت تۈرك” ۋە ئاپتورىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايتتۇق؟ چۈنكى كىتابنىڭ ئىسمى “دىۋان لوغەتىت ئۇيغۇر” ئەمەس. مەھمۇت كاشغەرىينىڭ شەخسىي ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىنتايىن ئاز ۋە يېتەرسىز. ئۇيغۇرلار، قايسى دەۋردىن باشلاپ فامىلە قوللىنىشنى تاشلىۋەتتى، نېمىشقا بۈگۈنگىچە فامىلە قوللىنىشنى ئويلاپ باقمىدى؟ بۇ تارىخچىلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارغا ئائىت تەتقىقات تېمىسى.
    21-ئەسىردىمۇ فامىلە قوللانماستىن ”بىز مەدىنى مىللەت”دەپ سۆزلەپ يۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار سىنىپى تارىخ ئالدىدا كوللېكتىپ ھالدا سوتقا تارتىلىشتىن، ئۇيات ۋە نومۇس ئىچىدە قېلىشىمىزدىن قورقۇشىمىز لازىم.
    چەت ئەللىك بىر دوستۇم بىر نەچچە يىل ئالدىدا مەندىن:
    -ئۇيغۇرلاردا فامىلە يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
    -دادىسىنىڭ ئىسمى فامىلە، _ دېدىم. ئۇ كۈلدى ۋە:
    -دادىسىنىڭ ئىسمىنى سورمىدىم. فامىلە؟
    -يوق.
    -فامىلە قوللىنىشنى ئۇيغۇرلار خالىمامدۇ ياكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يول قويمامدۇ؟
      مەن جاۋاب بېرەلمىدىم. يۈزۈم قىزاردى. راستىنى ئېيتسام، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرەر ئورگان “فامىلە” ھەققىدە دۆلەتكە دوكلات يېزىپ تەلەپتە بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى فامىلە قوللىنىشنى ئىستىمىدى. بىراق، مىللەتلەر مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋايى مىللەتلەردىنمۇ كېيىنگە تىزىملىنىشىنى ئويلىسام كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ، يۈرىكىمگە خەنجەر ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلىمەن.
       بىزنىڭ يۇرتىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ چىگراسى ئىچىگە ئېلىشتا، بىزنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى قىلىشتا كۆپ كۈچ سەرپ قىلماي، بۈيۈك مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن خەنزۇ مىللىتىنىڭ فامىلە قوللىنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. فامىلە ئۇ مىللەتنىڭ ماددىي، مەنىۋىي ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە ئەڭ پەخىرلىنىدىغان تارىخى مەدەنىيىتىنىڭ بىرسى.
       بۈگۈن 1.5 مىليارتقا يېقىن نوپۇسقا ئىگە جۇڭگودا ئون مىڭدىن ئارتۇق فامىلە قوللىنىلىدۇ. جۇڭگو نوپ%


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.