ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-03

    ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بەش چوڭ يېڭىلىق - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86603702.html

    ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بەش چوڭ يېڭىلىق

    ( ئالاھىدە ئىزاھات : مەزكۇر يازما ئىمىن تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ << قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىن قىسقىچە بايان >> ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان )

    . . . . . .
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەتنى ياراتقان . ماكانلاشقان دىيارىغا ماسلىشىپ ھەم ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ - ئۆزگەرتىپ ، ماددىي - مەنىۋىي جەھەتلەردىن ئەينى ماكان ، ئەينى زاماندا ئالەمشۇمۇل يېڭىلىقلارنى ياراتقان . ئەنە شۇنداق يېڭىلىقلاردىن << بەش يېڭىلىق >>نى ئالاھىدە بايان قىلىشقا ئەرزىيدۇ .

    1 - كارىز
    << كارىز >> سۆزى پارسچە سۆز ، مەنىسى << يەر تېگىدە سۇ ئاقتۇرۇلىدىغان ئېرىق >> دېگەنلىكتۇر . بۇ نامنىڭ قاچان قويۇلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق . كارىز دېيىلگەن بۇ مۆجىزىلىك سۇ ئىنشائاتى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ياشىغان ماكانلاردىن << تۇرپان ئويمانلىقى >> ( جۈملىدىن تۇرپان ، توقسۇن ، پىچان ۋە قۇمۇللار )غا مەركەزلەشكەن ۋە كۇچانىڭ ئايرىم رايونلىرىدا ئۇچرايدۇ . ھەتتا كېسەك قۇيۇش ئۈچۈن يەرنى تۆت چاسا ئويۇپ ، سۇ يىغىدىغان ئۆرەكمۇ << كارىز >> دېيىلىدۇ . تىل ماسلاشقاق ۋە ئۆتۈشكەك ھەم يەڭگىللىكنى خالايدىغان ئالاقە قورالى ئىكەن . ئۇيغۇرلار << ئەت >> ، << ئەكمەك >> ، << ئۆگۈز >> دېگەندەك قەدىمكى سۆزلىرىنى تاشلىۋېتىپ ، ئورنىغا << گۆش >> ، << نان >> ، << دەريا >> دېگەندەك پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتمەكتە . بۇ ، بىر قانچە ئەسىرلىك ئەدەبىي تىل تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن ھادىسە . بىرەر نەرسىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ئۇنىڭغا قويۇلغان نام بىلەن كەسكىن ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ .
    جۇڭگونىڭ سۇ ئىنشائاتلىرى تارىخىدا ، كىشىلەر كارىز بىلەن چاڭچىڭ ( سەددىچىن سېپىلى ) ۋە يۈنخې ( قانال )نى قەدىمكى دەۋردىكى ئۈچ چوڭ ئىنشائاتىمىز دەپ تەرىپلەيدۇ . مۇئەللىپلەردىن ئەن زوجاڭ << ئىككى خەن بىلەن غەربىي دىيارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى >> دېگەن كىتابىدا : << گىئولوگ خۇاڭ جىچىڭنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، پەقەت تۇرپان تەرەپتىكى كارىزلارنىڭ ھەممە يېپىق ئېرىقلىرىنى تۇتاشتۇرۇدىغان بولسا 2500 كىلومېتر كېلىدىكەن . ئۇنىڭ پىكرىچە ، بۇنداق زور ئىنشائاتنى سەددىچىن سېپىلى ۋە چوڭ قانال بىلەن بىرلىكتە ئۈچ چوڭ ئىنشائات دەپ ئاتاشقا بولىدۇ >>غانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شەرقىي شىنجاڭدا _ تۇرپان ئويمانلىقىدا جەمئىي 1160 كارىز بار ئىكەن .
    تارىخىي يازما مەنبەلەردىمۇ بازى ئىشارەتلەر بار . سۇڭ خانلىقىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندېنىڭ خاتىرىنامىسىدە : << سۇلىرىنىڭ مەنبەسى ئالتۇن ئارت ( تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي تارماقلىرىدىن بىرسى )دىن باشلىنىدىكەن . ئېرىقلار شەھەر ئەتراپىنى چۆرگىلەپ ئۆتۈپ ، ئېتىز ، باغ - ۋارانلىرىنى سۇغۇرۇدىكەن . سۇدىن تۈگمەن چۆرگىلىتىدىكەن >> دەپ يېزىلغان . تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلار تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن كولىنىپ ، تولىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقتۇرۇلغان .
    تۇرپاننىڭ قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان قۇرغاق كېلىماتىدا سۇنىڭ ئوچۇقچىلىقتا پارغا ئايلىنىشى تېز بولغاچقا ، ئەنە شۇنداق كارىز دېگەن يېپىق ئېرىق كەشپ قىلىنغان . چارۋا مال ئۈچۈن ئوتلاق كەم بولغاچقا ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدە يايلىتىلغان . ھەتتا ئىدىقۇت خانلىرى جىمبالىق ( جىمسار )نى يازلىق پايتەخت قىلغان . دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرى ( مەسىلەن ، شىئەن ۋە شەرقىي ئىران )دا كارىز چېپىلغان بولسىمۇ لېكىن تۇرپان ئويمانلىقىدىكىدەك تەرەققىي قىلمىغان ۋە بۈگۈنگىچە ساقلانمىغان .

    2 - پاختا
    ئەجدادلىرىمىز تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تارىم بويلىرىدا بۇغداي ، ئارپا ، تېرىق ، شال قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى ، چامغۇر ، تۇرۇپ ۋە شۇنىڭدەك كۆكتاتلارنى ، ئۆرۈك ، شاپتۇل ، ئالما - ئانار ، ئۈزۈم - ئۈجمە ، قوغۇن - تاۋۇز ۋە باشقا مېۋە - چېۋىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ - ئېكىپ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە پاختا ، چېگە - لەندىر قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئەككەن . پاختىنى مىسال قىلساق ، ئادەتتە كىشىلەر پاختىنى غەربتىن ۋە ھىندىستاندىن كىرگەن دەپ بىر تەرەپلىمە پىكىر بايان قىلىشىۋاتىدۇ . ئېھتىمال پاختىنىڭ يېڭى سورتلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن . بىراق تەڭرىتاغ ئورمانلىقىدا ياۋا كېپەز ئۆسۈدىغانلىقى خېلى بۇرۇنلا مەلۇم بولغان .
    جۇڭگودا پاختا توغرىسىدا ئەڭ بالدۇرقى مەلۇمات << لياڭنامە >>دە قەيت قىلىنغان . لياڭ _ شىمالىي - جەنۇبىي خانلىقلاردىن بىرى ، 502 _ 557 - يىللىرى يەنى 55 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۆلۈنمە خانلىق . << لياڭنامە >> ( تاڭ دەۋرىدە ، ياۋ سىليەن تۈزگەن )نىڭ << غەربىي شىمالىي رۇڭلار تەزكىرىسى >>دە مۇنداق يېزىلغان : << گاۋچاڭ ( قۇچۇ ) مەملىكىتىدە . . . دەل - دەرەخ ، ئوت - چۆپ تولا . مېۋىسى پىلە غوزىسىدەك ئۆسۈملۈك بار ، غوزىسىدىن يىپەككە ئوخشاش ئىنچىكە تالا چىقىدۇ ، بۇنى بەختەس دەيدۇ ؛ بۇ ئەلدىكىلەر ئۇنىڭدىن رەخت توقۇيدۇ ، رەختى ئاپئاق ، بازاردا سېتىلىدۇ >> . مۇشۇ مەزمۇندىكى بايان << كونا تاڭنامە >> ، << يېڭى تاڭنامە >> ۋە << خەيلۇ زاشى >> ، << گۇاڭيۈجى >> دېگەن كىتابلاردىمۇ تەكرارلانغان . دېمەك ، پاختىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەلۇم بولغان ۋە كىرگەن ۋاقتى 6 - ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ .
    ئەمما ، پاختا مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ، قۇچۇ - ئۇدۇن قاتارلىق يەرلەردە ئالىقاچان ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك رەختلەر توقۇلغان ۋە تۇرمۇشتا كەڭ ئىستېمال قىلىنغان . چۈنكى نىيە مەدەنىيەت ئىزىدىن ( ئارخېئولوگىيىلىك ئاخىرقى ۋاقىت چېكى شەرقىي خەن دەۋرى ، يەنى مىلادى 25 _ 220 - يىللىرى ) ئەر - خوتۇن بىللە كۆمۈلگەن قەبرىدىن نۇرغۇن يىپەك ، يۇڭ - توقۇلمىلار بىلەن بىللە ئىككى پارچە ھەمزەك ( كۆك باسما بۆز ) تېپىلغان . قۇچۇ - تۇرپان رايونىدىن ( جىن دەۋرىدىن شىمالىي خانلىقلار دەۋرىگىچە ، يەنى 3 _ 6 - ئەسىرلەرگىچە تەئەللۇق ) پاختا توقۇلمىلار چىققان . ئۇيغۇر تىلىدا ، ئېتىزدىكى پاختا ئۆسۈملۈكىنى << كېپەز >> ، ئۇنىڭدىن چىققان مەھسۇلاتنى << پاختا >> دەيدۇ ، پاختىدىن توقۇلغان ئاق رەختنى << بۆز >> دەيدۇ ( بۆزنىڭ سىپتە توقۇلغىنىنى << تولىما >> ، قېلىن توقۇلغىنىنى << چەكمەن >> ، بۆزگە تۈرلۈك بوياقتا گۈل بېسىلغانلىرىنى << ھەمزەك >> ، << سەرگەز >> ، << شاھ تاۋار >> دەيدۇ ) . مەھمۇد قەشقەرى << تۈركىي تىللار دىۋانى >>دا كەلتۈرگەن مىساللاردىن : << كەپەزلىك _ كېپەز تېرىلىدىغان يەر ؛ كەپەزلىك ئەر _ كېپىزى بار ئادەم >> . ئۇيغۇر تىلىدا يۇمشاقلىقنى پاختا ياكى پىلە بىلەن سۈپەتلەيدۇ . فەتھەلى خاننىڭ << كىتابى لۇغەتىت _ تەراكىيە >> دېگەن كىتابىدا ( 1690 - يىلى يېزىلغان ) << پختە _ پاختا، مامۇق يەنى چىگىتى تازىلانغان پاختا >> دەپ ، شۇنىڭدەك << لۇغەت چەغتايى >>دە << پختە >>غا << پامۇق يەنى مامۇق >> دەپ ئىزاھ بەرگەن . ھىندۇ تىلىدا ( سانسىكرىت تىلىدىن كەلگەن ) پاختىنى << Karas - كەرپاس >> دەيدۇ ؛ ئەرەب تىلىدا << قۇتن >> دەيدۇ ( چىگىتلىك پاختىنى << قۇتن خام >> دەيدۇ ) ؛ پارسچىدا << كرباس >> _ كەرباس دەيدۇ . ئەرەبچىدىكى << قۇتن >> ياغاچ پاختىنى بىلدۈرۈدىغان Kudunغا يېقىن كېلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا كەندىر - چىگىدىن توقۇلغان رەختنى ۋە خام ئەشياسىنى << كاتان >> دەيدۇ .

    3 - يىپەك
    جۇڭگو دۇنيادا پىلىچىلىكنى ئەڭ ئاۋۋال ئىختىرا قىلغان مەملىكەت . شۇڭا ، غەربلىكلەر جۇڭگونى قەدىمكى زاماندا << يىپەك مەملىكىتى >> دەپ ئاتىغان . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4 - ئەسىردە ئۆتكەن گرېك تارىخچىلىرى ئونېسكرىدوس ، نېئاركوس ، كىتىفوس ، شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ گاندىراگوپتا پادىشاھسى زامانىدا ياشىغان چادريە ئەسەرلىرىدە جۇڭگودىن يىپەك چىقىدىغانلىقى ۋە يىپەك ماللار كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرگەن .
    پىلە _ يىپەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ، سىچۈەن ۋە غەربىي دىيار ( ھازىرقى شىنجاڭ ) رايونلىرىدا بالدۇرراق راۋاجلانغان . يىپەك ۋە يىپەك ماللار ئاۋۋال شىنجاڭ ئارقىلىق غەربىي ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان . پەقەت شىنجاڭ رايونىدىن ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىشلاردا توقسۇن ئالغۇيدىن چىققان تۈس گۈللۈك كەشتىلەنگەن تاۋار ( توقۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8 _ 5 - ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ ) ، ئۈرۈمچى نەنسەن رايونىدىكى تىك ياغاچ لەھەتلىك قەبرىلەردىن چىققان تۈرلۈك ساپال ، مىس قاچىلار بىلەن بىللە يىپەك مال ( ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 _ 3 - ئەسىرلەر يەنى ئۇرۇشقاق پادىشاھلىقلار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ ) ، كىرورەن ، ئۇدۇن ، قۇچۇ ، ئاگنى ، كۇچا ، باي ، بارچۇقلاردىن تېپىلغان يىپەك ماللار ، بولۇپمۇ نىيە مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغان تاۋارلار تارىم - تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىلىچىلىك ۋە يىپەك توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ خېلى يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەجدادلىرىمىز پىلە قۇرتى بېقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈجمىنى ئاللىقاچان ئۆزلەشتۈرگەن ، ھەتتا سۈنئىي يول بىلەن ، مەخسۇس پىلە قۇرۇتى ئۈچۈنلا مەخسۇس ئۈجمە چاتقاللىرىنى ئۆستۈرگەنلىكى مەلۇم . شۇنداقلا ئۈجمىنىڭ خىلمۇخىل سورتلىرىنى يېتىشتۈرگەن .
    بۇ دىياردىكى قەۋملەر يۇڭ توقۇمىچىلىقتا ھۈنەر - سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن بىللە ، يۇقىرى سەۋىيىگە يۈكسەلگەن . يىپەك توقۇمىچىلىققا يۇڭ توقۇمىچىلىقتىكى ھۈنەرنى تەدبىق قىلىپ ، يىپەك رەختلەرنى رەڭدار ، ئۆزگىچە گۈللۈك ۋە ناھايىتى سىپتە توقۇش بىلەن ئىچكىي - تاشقىي بازارلاردا خېرىدارلىق بولغان . بۇنىڭدىن باشقا پاختا بىلەن يىپەكنى ئارىلاشتۇرۇپ توقۇش تېخنىكىسى بىلەن زىلچا - گىلەم توقۇغان . غەرب سودىگەرلىرى تارىم بويىدىكى ئەللەر ئارقىلىق ، بارا - بارا سىچۈەن ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان . غەربلىكلەر ئاۋۋال سۇغراق ( قەشقەر )نى << سىرىس >> ( شايى ئېلى ) دەپ ئاتىغان ، << سېرى & سېريا >> قەشقەرنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نامىغا يېقىن كېلىدۇ . كېيىن جۇڭگونىڭ ئىچكىي رايونلىرىنى << سېرىس >> دەپ ئاتايدىغان بولغان .ئىران - خوراسانلىقلارنىڭ خوتەننى << چىنى ماچىن >> دەپ ئاتىشىمۇ ، ئۇلار ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن خوتەن ئارقىلىق ئالاقە قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن . خوتەننىڭ يىپەك ماللىرى غەربىي ئەللەرگە سېتىلغاندىن تاشقىرى ، ئىچكىي ئۆلكىلەرگىمۇ توشۇلغان . مەسىلەن ، بەن چاۋ ئاكىسى بەن گوغا ئاق شايى سوغا قىلىپ ئەۋەتكەندە ، بەن گو مۇنداق جاۋاب خەت يازغان : << ئەۋەتكەن 300 توپ ئاق شايى ، بازارلىق كۇشان ئېتى ، خۇشبۇي دەرمەك ، چەم قوياقنى تاپشۇرۇپ ئالدىم >> .
    دېمەك ، ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلەر ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەرگە ئاساسەن ، تارىم - تۇرپان ئويمانلىقىدىكى پىلە - يىپەكچىلىكنىڭ تارىخى ئىككى يېرىم مىڭ يىلدىن كەم ئەمەس ، دېسەك مۇبالىغە بولماس .

    4 - قەغەز
    قەغەز جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىدىن بىرى . تارىخىي يازما مەنبەلەردە يېزىلىشىچە ، مىلادى 105 - يىلى سەي لۇن ئۆتكەنكى ئادەملەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ، قوۋزاق ، كەندىر تالاسى ، ئەسكى - تۈسكى لاتا ، كونا بېلىق تورى دېگەندەك نەرسىلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ، ناياپ ( قەغەز سۇيۇقلۇقى ) تەييارلاپ ، بۇنىڭدىن قەغەز ئىشلىگەن . ئەمما خەلق ئارىسىدا قەغەز ياشاش تېخنىكىسى سەي لۇندىن ئىلگىرى كەشىپ قىلىنغانلىقى ئېنىق . قەغەزچىلىك ھۈنىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارقالغان دېگەن پىكىرگە ئاساسەن ، بۇ ھۈنەر ئالدى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى شەرقىي خەن دەۋرى ( مىلادى 25 _ 220 - يىللار )دىن ئىلگىرى تۇرپان - تارىم ئويمانلىقلىرىدا قەۋملەر قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغان . 1901 - يىلى ئاۋرىل ستېيىن لوپنۇردىن قەغەز پارچىلىرىنى تاپقان ( ئارخېئولوگىيىلىك ئاخىرقى ۋاقىت چېكى ۋېي - جىن دەۋرلىرى يەنى مىلادى 220 _ 420 - يىللار ) . 1910 - يىلى ۋىنادىكى بوتانىك - فىزىئولوگ ۋېسنېرنىڭ خىمىيىۋى ئانالىز قىلىشىچە ، بۇ قەغەزلەر لاتا قېتىلغان ئۈجمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم . يەنە شۇ دەۋرگە تەئەللۇق دەپ ھېسابلانغان تېپىندىلەردىن تۇرپان رايونىدىكى قەبرىلەردىن قەغەز كەش ۋە قەغەز ئادەم چىققان . شاڭخەي شەھەرلىك قەغەز تەتقىقات ئورنىنىڭ خىمىيىۋى ئانالىز قىلىشىچە ، بۇ قەغەزلەرنىڭ بىر قىسمى پاختىدىن ئىشلەنگەن ؛ كۆپ قىسمى كەندىردىن ئىشلەنگەن ۋە كەندىر تىپىدىكى تالالاردىن ھەم براك توقۇلمىلاردىن پايدىلانغان . تالالىق خام ئەشيانى تاللاش ۋە ئىشلەش جەھەتتە غەربىي خەن دەۋرى ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 206 _ 25 - يىللار )دىكىدىن خېلىلا يۈكسەلگەن : ماي ماددىسىدىن ئېرىغداش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنغان ؛ ناياپنىڭ سۈپىتىمۇ روشەن دەرىجىدە ياخشىلانغان ؛ تالالىرىنىڭ تەكشى - سىپتىلىكىمۇ يۇقىرى بولغان ؛ ئۆسۈملۈك يىلىمى قوشۇلغان ياخشى سۈپەتلىك پەردە گۈللۈك قەغەز ۋە ئەتىقە قەغەز دېيىلىدىغان ئاقارتىلغان ( سۈت ) قەغەز دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن ئېسىل قەغەزلەر ھېسابلىنىدۇ . بۇلاردىن باشقا ، شىنجاڭ رايونىدىن تېپىلغان قەغەزلەر ئىچىدە كراخمال ۋە ھايۋان سۆڭىكىنىڭ يىلىمى قوشۇلغان رەڭلىك رەسىم قەغىزىمۇ بار . بۇنداق قەغەز دىنىي ئەقىدە مۇناسىۋىتى بىلەن ياكى كۈيىدىن ساقلاش ئۈچۈن سېرىق بويالغان .
    دېمەك ، تۇرپان - تارىم ئويمانلىقىدىكى قەۋملەر مىلادىدىن ئىلگىرىلا قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ، قەغەزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن ھەم يېڭى سورتلىرىنى ياراتقان . قەغەزچىلىك ھۈنىرى بۇ يەر ئارقىلىق خوراسان - ئىرانغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن .

    5 - مىخ مەتبەئە
    مەتبەئە _ جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىدىن بىرى . مەتبەئە كەشىپ قىلىنغىنىغا 2000 يىلدىن ئاشتى . ئەمما ئىلگىرىكى مەتبەئەلەر ئويما مەتبەئە ئىدى . تولىسى كاتىپ ۋە ئويمىكارلارنىڭ قولىدىن چىقاتتى . شىرىفتلىك ( دانە - دانە ھەرپلىك ) مەتبەئەنى ئادەتتە سۇڭ سۇلالىسىدىن رىنزۇڭ خاننىڭ چىڭلى يىللىرى ( مىلادى 1041 _ 1048 - يىللىرى )دا بى شېڭ كەشىپ قىلغان دېگەن پىكىر ئومۇملىشىپ كەتكەن . بى شېڭ يىلىم بىلەن يۇغۇرۇلغان لايغا خەت ئويۇپ ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ چىڭىتقان ، ئاندىن ئۇ خەتلەرنى تېرىپ بەت ياسىغان . ئەمما ، دۈنخۇاڭدىكى موگاۋ گارلىرىدىن خەت - شىرىفتلىرى تېرىلىپ بېسىلغان بۇددا نومى _ << لانكا ئاۋاتارا - سۇترا >> تېپىلغان بولسىمۇ ، بۇ قىممەتلىك يادىكارلىق ياۋروپاغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ، يورۇقلۇققا چىقماي قالغان . ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ، بۇ نوم تاڭ سۇلالىسىدىن تەيزۇڭ خاننىڭ جىڭگۇەن يىللىرى ( مىلادى ( 627 _ 650 - يىللىرى )دا بېسىلغان دەپ تەھقىقلەنگەن . مۇنداق بولغاندا شىرىفتلىق مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنغان ۋاقتى 500 يىل ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . ياۋروپادا ، گېرمانىيىلىك يوھان گېنسفلىش زۇم گۇتېنبېرگ 1450 - يىلى مېتال شىرىفتلەر بىلەن بەت ياساش ھۈنىرىنى ئىختىرا قىلغانىدى . جۇڭگودا بى شېڭنىڭ كەشىپ قىلغان ۋاقتى گۇتېنبېرگدىن 400 يىل ئىلگىرى دەپ ھېسابلانغان بولسا ، تاڭ دەۋرىدە بېسىلغان نومنىڭ شىرىفتلىق مەتبەئە نۇسخىسىنىڭ ۋاقتى بويىچە 900 يىل ئىلگىرى كەشىپ قىلىنغان بولىدۇ .
    تۇرپاندىن تېپىلغان شىرىفتلەر ئېلىپبە ھەربلىرى بويىچە ئىشلەنگەن . بۇنىڭ ۋاقتىمۇ 11 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى دەۋرگە تەئەللۇق . ئۇيغۇر مەتبەئە تېخنىكىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھەربلەرنى ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان بوغۇملارنى تۈرلۈك نۇسخىلاردا شىرىفت قىلىپ ئىشلىگەن ؛ بۇ شىرىفتلەر بىلەن تېرىپ بەت ياساپ كىتاب باسقان . ئەجدادلىرىمىز مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنى بىر بالداق كۆتۈرۈپ ، ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلەتكۈچى خەلقلەر ئىچىدە شىرىفتلىك مەتبەئەچىلىك ھۈنىرىنى ئەڭ بالدۇر ئىختىرا قىلغان .

    ( << شىنجاڭ مەدەنىيىتى >> ژۇرنىلى 1998 - يىللىق 4 - سانىدىن ئېلىنغان )

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئۇنى بىلمىدىم. كىتابخانىدىمۇ ئۇچراتمىدىمغۇ دەيمەن. مۇشۇ يازما كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بابلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  • Imin Exmidi'ning "Qedimki Uyghur Medeniyiti" namliq kitabida bar idi bu mezmunlar. Nahayiti yaxshi yollapsiz.
    ئەتتىرگۈل回复چەۋەنداز说:
    rahmat bu kitapni yana tapkili bolarmu ?
    2010-12-13 16:23:11
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.