ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-25

    جاللات خېنىمنىڭ ئەسلى ئەپتى بەشىرىسى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85407340.html

    جاللات خېنىمنىڭ ئەسلى ئەپتى بەشىرىسى

    تارىخنامىلاردا پۈتۈلۈشىچە ئاپاق خوجىنىڭ ئون ئايالى بار بولۇپ بەش ئوغۇل ئىككى قىز پەرزەنتى بولغان، ئۇنى ئىچىدىكى ئۈچى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمدىن تۇغۇلغان ئوغلى. يەنى 1. خوجا ھەسەنخان خوجا ، 2. خوجا ئابدۇسەمەت خوجا ، 3.قىلىچ بۇرھانىدىن .
    جاللات خېنىمنىڭ ئەسلى ئىسمى مەھلىياخېنىم ، بۇ خانقىز ئۆزى مۇھەممەدئىمىنخاننىڭ جىيەنى . تارىخىي ماتىرياللاردا مۆھتىرەم خېنىم ، خان پاشا خېنىم دېگەن ئىسمىمۇ بار .
    مۇناپىق ئافاق خوجا ئۆلگەندىن كىين  ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا پادىشاھ بولىدۇ، قەشقەردە يەھيا خوجىنى ئافاق خوجىنىڭ موڭغۇل ئايالى ئۆز ئوغلى مەھدىنى خان قىلىش ئۈچۈن يەھيا خوجىنى بىر قالماق غالچىسىغا بۇيرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى . ئافاق غوجىنىڭ يىقىنلىرى مەھدى غوجىنى يۆلەپ تەخىتكە چىقىرىپ خان دەپ جاكارلىدى،
    بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان جاللات خېنىم دەرغەزەپ بولۇپ يەكەندىن يولغا چىقىپ  قەشقەردىن يىڭىشەھەرنىڭ تازغۇن دېگەن يىرىدە قەشقەردىن چىققان قوشۇن بىلەن ئۈچ كېچەكۈندۈر قاتتىق جەڭ قىلىپ بىر بىرىنىڭ باشلىرىنى دەرەخكە ئېسىشىپ ئۇرۇشنىڭ تۆتىنجى كۈنى مەھىدى خوجا يەنە 6000 بىلەن كىشىلىك قوشۇن بىلەن يەكەندىن كېلىپ قەشقەرنى قولىغا ئالىدۇ . ئۆزىگە قارشى ھاكىميەت بېشىدىكىلەرنى  يەكەنگە ئېلىپ قايتىپ دارغا ئاستى،
    مىلادى 1665 - يىلى جاللات خېنىم شاھلىق تەختىگە ئولتۇردى، تەخىتكە چىقىپ يىقىنلىرىدىن موللا ساقىنى قەشقەرگە ۋالىي موللا شاۋازنى يەكەنگە ھاكىم قىلىپ. ئۆزى تەخىتتە ئاق تاغلىق سوپى ئىشانلارنى ئىشقا سالىدۇ، ئۆزىنىڭ يىنىدىن 600 قۇلىنى ئايرىمايدۇ،ناھايىتى ھەيۋە بىلەن جاھان سورايدۇ،
    جاللات خېنىم دەۋرىدە قەشقەر ، يەكەن ، خوتەنلەردە سودا تىجارەت سۇسلىشىدۇ، سوپى ئىشانلار سودىگەرلەرنىڭ ماللىرى ئېلىۋىلىپ پۇلىنى بەرمەي زورلۇق قىلىدۇ، جاللات خېنىم دەۋرىدە ھىچ كىشى جېدەل ماجرا قىلىشقا پىتىنالمايتى، جىدەل قىلغان ھەر ئىككى ئادەم ئوخشاشلا زىندانغا تاشلىناتتى،ھەتتا ئاياللارمۇ سىرىتقا يىڭى كىيىم بىلەن پەرداز قىلىپ چىقسا سازايى قىلىنىپ زىندانغا تاشلىناتتى، جاللات خېنىمنىڭ بىر سىڭلىسى بولۇپ ئىسمى پاقلاندۇر خېنىم بولۇپ ساھىپجامال تېخى ئەرگە تەگمىگەن قىز ئىدى، ئۇ شۇ سىڭلىسىغىمۇ ھەسەت قىلىپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ،ئۇ ھەر ھەپىتدە بىر قېتىم بازار ئايلانغىلى چىقىدۇ،شۇ كۈنى 6000 ئوغۇل قىز قۇللارنى كەينىگە سېلىپ بازارغا چىقىپ بۇ ۋاقىتتا شەھەر خەلقى دۇكانلىرىنى ئېچىپ قويۇپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ كېتەتتى . ئەگەر كىم شەھەر كوچىسىدا ئۇچراپ قالسا ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرەتتى، مەيلى ئايال بولسۇن ئەربولسۇن كاللىسىنى ئالاتتى.
    جاللات خېنىم ئۈچ يىل تەخىتتەئولتۇرۇپ 20 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى ئۆلتۈرگەن،1699- يىلى دولانلىق سوپىلار كېلىپ .ئۇنىڭ ئالتۇن سارايلىرىغىچە بېسىپ كىرىپ ئۇنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى بىلەن خەلىق ئۇنى « جاللات خېنىم » ئاتايدۇ،
    ياسىنجان سادىقنىڭ رومانىدىكى جاللات خېنىمنى بارلىق ئۇيغۇر تارىخچىلار چىن يارىتىلغان ئەمەس دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئىشىنىپ كېتىشمىگەيلا،
    بۈگۈنكى نامە تامام،

    مەنبە : «ئىبراھىم نىيازنىڭ » تارىختىن قىسقىچە بايانلار ناملىق كىتابى،

    مەنزىل-http://qaynam.blogbus.com/logs/34363816.html


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.