-
2010-11-25
تۈرك تىل سىستىمىسىغا تەۋە مىللەتلەر.
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/85410517.html
تۈرك تىل سىستىمىسىغا تەۋە مىللەتلەردىن 200 مىلىيون 500مىڭدىن كۆپ نوپۇس بار بولۇپ ، ئۇلار 6700گە يىقىن ئوخشاش بولمىغان تىل ۋە شىۋىلەردە سۆزلىشىدۇ . بۇ ئوخشاش بولمىغان تىل ۋە شىۋىلەرنى 99 ئوخشاش بولمىغان تىل سىستىمىسىغا ئايرىشقا بولىدۇ . بۇ تىل سىستىمىلىرى ئىچىدە 4 ئالاھىدە چوڭ تىل سىستىمىسى بار بولۇپ پۇتۇن دۇنيا نوپۇسىنىڭ %90 بۇ 4 خىل سىستىمىسىدا سۆزلىشىدۇ . ئۇلار بولسا :
1 . ھىندى ياۋرۇپا تىل سىستىمىسى --- 425 تىل ۋە شىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
2 . ئافرىقا - ئاسىيا تىل سىستىمىسى --- 371 تىل ۋە شىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
3 . خەنزۇ - تىببەت تىل سىستىمىسى --- 360 تىل ۋە شىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
4 . ئالتاي تىل سىستىمىسى --- 65 تىل ۋە شىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى خىل تىل سىستىمىسى بار ئۇلار بولسا نىگىر كونگۇ تىل سىستىمىسى ۋە ئائوسترونىسىيان تىل سىستىمىسى . بۇ تىل سىستىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىللار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ لىكىن بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان نوپۇس ئاز دائىرىسىمۇ چەكلىك .
تۇركى تىلى ئالتاي تىل سىستىمىسىنىڭ بىر ئائىلىسى .تۇركى تىل ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەر توۋەندىكىلەر :
1 . تۇرۇك مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى تۇركىيە ، بۇلغارىيە ، گىرمانىيە ، ئېراق ، سۇرىيە ، سپورىس
جەمى نوپۇسى 44مىليۇن 500مىڭ .
2 . ئۇيغۇر مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى جوڭگۇ ، قازاقسىتان ، قىزغىزستان ، ئۆزبىكستان ، تۇركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر .
جەمى نوپۇسى پەقەت دولىتىمىز ئىچىدىكى 8 مىليۇن 350 مىڭ .
3 . ئۆزبىك مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى ئكزبىكىستان ، قازاقستان ، ئافغانىستان ، جوڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەر .
جەمى نوپۇسى 24 مىليۇن 780 مىڭ .
4 . قازاق مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى قازاقستان ، جوڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەر .
جەمى نوپۇسى 9 مىليۇن 560 مىڭ .
5 . ئەزەربەيجان مىللىتى --- دكلەت تەۋەلىكى ئەزەربەيجان ، تۇركىيە ، روسىيە .
جەمى نوپۇسى 13 مىليۇن 760 مىڭ .
6 . تاتار مىللىتى --- دولەت تەۋەلىكى روسىيە ، جوڭگۇ ، تۇركىيە . جەمى نوپۇسى 7 مىليۇن 560 مىڭ .
7 . تۇرۇكمەن مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى تۇرۇكمەنستان ، تۇركىيە . نوپۇسى 3 مىليۇن 900مىڭ .
8 . قىرغىز مىللىتى -- قىرغىستان ۋە جوڭگۇ . نوپۇسى 2 مىليۇن 780 مىڭ .
9 . چۇۋاش مىللىتى -- دكلەت تەۋەلىكى ئاساسەن روسىيە . نوپۇسى 1 مىليۇن 780 مىڭ .
10 . باشقىرىت مىللىتى --- ئاساسەن روسىيىدە . نوپۇسى 1 مىليۇن 370 مىڭ .
11 . ئاقشار مىللىتى -- دۆلەت تەۋەلىكى ئېران ۋە ئەزەربەيجان . نوپۇسى 700مىڭ .
12 . كاشكاي مىللىتى ---- ئاساسەن ئېراندا . نوپۇسى 450 مىڭ .
13. قارا قالپاق مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى ئۆزبىستان . نوپۇسى 360 مىڭ .
14 . ياقۇت مىللىتى ----- ئاساسەن روسىيىدە . نوپۇسى 320 مىڭ .
15 . قۇمىق مىللىتى ---- دۆلەت تەۋەلىكى روسىيە . نوپۇسى 230 مىڭ .
16 . شاخۋىن مىللىتى --- دكلەت تەۋەلەكى ئىران . نوپۇسى 220 مىڭ .
17 . گاگاۋۇز مىللىتى ---- دۆلەت تەۋەلىكى مولداۋىيە ، تۇركىيە ، بولغارىيە .نوپۇسى 180مىڭ .
18 . توۋا مىللىتى --- ئاساسەن روسىيىدە ، نوپۇسى 180مىڭ .
19 . قارا چاي مىللىتى --- ئاساسەن روسىيىدە . نوپۇسى 120 مىڭ .
20 . قارا پاپاق مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى ئىران ، تۇركىيە . نوپۇسى 80 مىڭ .
21 . خاكاس مىللىتى --- ئاساسەن روسىيە . نوپۇسى 70 مىڭ .
22 . بالقار مىللىتى ------ ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 60 مىڭ .
23 . نوغاي مىللىتى --- ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 60 مىڭ .
24 . ئالتاي مىللىتى --- ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 60 مىڭ .
25 . سالا مىللىتى --- ئاساسەن دولىتىمىزدە ، نوپۇسى 56 مىڭ .
26 . قاجار مىللىتى ---- ئاساسەن ئىراندا ، نوپۇسى 30 مىڭ .
27 . قاتاغ مىللىتى -- ئاساسەن ئىراندا ، نوپۇسى 20 مىڭ .
28 . ئۇرانخاي مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى موڭغۇلىيە ، نوپۇسى 20 مىڭ .
29 . شور مىللىتى ---- ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 20 مىڭ .
30 . يۇغۇر مىللىتى --- دۆلەت تەۋەلىكى جوڭگۇ ، نوپۇسى 7مىڭ . ( بۇ قەدىمقى كەڭسۇ ئۇيغۇرلىرىدىن يەرلىكلىشىپ قىپ قالغان تارمىقى ) .
31. دۈرغان مىللىتى --- ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 5 مىڭ .
32 . خۇتتىن مىللىتى --- ئاساسەن موڭغۇلىيە ، نوپوسى 3 مىڭ .
33. چاتان مىللىتى ---- ئاساسەن موڭغۇلىيە ، نوپۇسى مىڭدىن ئوشۇق .
34 . توفا مىللىتى --- موڭغۇلىيىدە ، نوپۇسى مىڭدىن ئوشۇق .
35 . قارايىم مىللىتى --- ئاساسەن روسىيىدە . نوپۇسى ئېنىق ئەمەس .
ئۇندىن باشقا ئىراننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى تەرەپلىرىدە تۇركى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ياشايدىغان بولۇپ ئۇلارمۇ ئايرىم مىللەت سۇپىتىدە ياشاپ كەلمەكتە . ئۇلارنىڭ نوپۇسى 280 مىڭ ئۆپچۇرىسىدە بولۇپ ئۇلارنى قاتقاندا جەمى تۇركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان 35 مىللەت بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسى 119 مىليۇندىن كۆپرەك . بۇ تۇركى مىللەتلىرى 17 دۆلەتكە چىچىلىپ كەتكەن . ئۇيغۇرلار بۇ تۇرك مىلەتلىرىنىڭ ئىچىدە نوپۇسى جەھەتتە ئالدىنقى 5 - قاتاردا .مةنبة:www.gulistan.cn
تۇرۇك تورىدىن تةرجصمة قصلغۇچص: arislan
历史上的今天:
بۇۋام ئېيتقان ناخشا 2010-11-25ئالتۇن قەدىمىي شەھەر خارابىسى 2010-11-25ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى 2010-11-25مۇڭغۇلىيەتدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار 2010-11-25
收藏到:Del.icio.us