ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-25

    ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85411651.html

       ئەجدادلىرىمىز يىراق تارىخى دەۋرلەردىن تارتىپ موڭغۇل ئېگىزلىكى ، تارىم ئويمانلىقى ، ئالتاي تەڭرى تاغ ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە زور تەسىر كۈچى بىلەن جۇڭگو ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.  ئۇيغۇرلار بىر خانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ھەم يىقىلغاندىن كېيىنمۇ شۇنچە ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۆز مەدەنىيەتلىرىمىزنى ساقلاپ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرالىغانلىقىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇركى تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن .
      ئۇيغۇر تارىخىنى قەدىمى ئۇرۇقىمىز << دى >> دىن باشلاشقا بولىدۇ .<< دى>>لار دەل بىز ئۇيغۇرلار ، تۈرك ۋە ھونلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇقىدۇر ، ئۇلار ھازىرقى شىمالى جۇڭگو ،سىبىرىيە--يېنساي رايونلىرى ، ئىچكى-تاشقى موڭغۇل يايلاقلىرى ئەتراپىدا كۆچمە چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ئۆتكۈزەتتى . كېيىن<<دى >> ئۇرۇقى بىرقانچە تارماق ئۇرۇقلارغا بولۇندى ، ئۇلارنىڭ بىرى تارىخنى زىلزىلىگە سالغان ھونلاردۇر . يەنە بىر تارماقلىرى<<تېلى>>،"<<گاۋچې>>دېگەن دەل ئۇيغۇر ۋە قەدىمى كۆك تۈركلەرنى كۆرسىتىدۇ .
    1 . ھونلار ۋە ئۇلار قۇرغان قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردىن مىلادى 5 - ئەسىرگىچە پۈتكۈل موڭغۇل يايلىقى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ، غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبى ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ دۇنيا ۋە جۇڭگو تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن .بۇ چاغلاردا <<قاڭقىللار>> يەنى ئۇيغۇرلار ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى ھون قەبىلىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
    2 . قاڭقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى بولۇپ ، مىلادى 4 - ئەسىرگە كەلگەندە كۈچىيىپ << تۆلەس قەبىلىلەر ئىتتىپاقى >> نى تەشكىل قىلغان ھەم ئۆز تەسىرىنى شەرقى ھىنگان تاغلىرىدىن غەربتە كاسپى دېڭىزىغىچە ، شىمالدا سىبىرىيىدىن جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىدىن يەتكۈزگەن . 402 - يىلىغا كەلگەندە جۇجانلار تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان . لېكىن ئۇلارنىڭ << پوۋۇرغۇر قەبىلىسى >> 487 - يىلى جۇۋانلارغا قارشى جەڭ قىلىپ تۇرپان ئويمانلىقىدا << قاڭقىللار خانلىقى >> نى قۇرغان .
    3. مىلادى 500-يىللاردىن كېيىن پۈتۈن ئىچكى-تاشقى موڭغۇل رايونى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى(شىنجاڭ)رايونى تۈرك ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ . ئىلگىرى كېيىن تۈرك خاندانلىغى ۋە ئۇيغۇر خانلىقلىرى قۇرۇلىدۇ . مىلادى 552-يىلى تۈرك خانى ئاشنا قاغان ھونلارنىڭ ئاخىرقى بىر تارمىقى بولغان << رورەن >>لەرنى يوقىتىپ تۈرك خاندانلىغىنى قۇرىدۇ . بۇ خانلىق شۇ رايوندىكى مىلادى 3 - ئەسىردىن بىرى چېچىلاڭغۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئوتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ( جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ) رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلىدۇ .
    4. مىلادى 583-يىلى تۈرك ئىمپېرىيىسى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ، بىرى غەربىي تۈركىستان ، يەنە بىرى شەرقىي تۈركىستاندا . بۇ چاغدا تۈرك زېمىنى غايەت زور بىر زېمىن بولۇپ غەربى ھازىرقى ئىرانغا ، شەرقى ھازىرقى شىمالى جۇڭگو لىياۋخې رايونىغا ، جەنۇبى ھازىرقى شەنشى-گەنسۇ ، شىمالى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىنمۇ يىراق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . غەربىي تۈركىستاننىڭ ئوردىسى ھازىرقى شىنجاڭ كورلىغا قاراشلىق قارا شەھەردە ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئوردىسى موڭغۇل يايلىغىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلدى.
    5. مىلادى500- 600-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆز قەبىلە نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلايدۇ ۋە توققۇز ئۇيغۇر ، توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر دېگەن قەبىلە ئىتتىپاقى بىلەن "ئۇيغۇر" دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ . تەدىرجى تۈركلەردىن ئايرىلغان سىياسى گەۋدىگە ئايلىنىدۇ . سۇكۇن ئېركىن -- ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى . 605 - يىلى ئۇ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى بولۇپ غەربىي تۈرۈكلەرنىڭ خانلىقىدىن ئايرىپ چىقىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان . تارىخى مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە سۇكۇن ئېرىكىن ئوغلى بوسات تېكىن 5 مىڭ ئاتلىق قوشۇن بىلەن غەربىي تۈرۈكلەرنىڭ ئاخىرقى خانى ئىلىك ئوغلى يۇقۇق شادنىڭ 100مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلغان .
    6 . مىلادى 840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقىدا يۈز بەرگەن ئىچكى نىزا ئورخۇن ئۇيغۇر رايونىدا تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبلىك دۆلەت خارابلىشىشقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئوردا ئىچىدىكى بىر مۇناپىق ۋەزىر شىمالدىكى قىرغىزلارنى باشلاپ كېلىدۇ، 840-يىلى قىرغىزلار 100مىڭ قىرغىز قوشۇنى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئوردوبالىقنى ئىلىپ، قىرغىز خانلىقىنى قۇرىدۇ.
    7. 840-يىلى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولۇپ ئۇيغۇرلار غەربكە قاراپ ئۈچكە بۆلىنىپ كۆچۈشكە باشلايدۇ . بىر قىسمى ھازىرقى گەنسۇ -چىڭخەي رايونىدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدۇ ، بىر قىسمى ئاقسۇنىڭ شىمالى،تۇرپان،قۇمۇل،ئالتاي رايونى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ يەرلىك ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بولغان قارلۇق، تۇخرى، تۇركەش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدۇ ، يەنە بىر قىسمى بولسا تېخىمۇ غەربكە كۆچۈپ ئاقسۇنىڭ جەنۇبى، قەشقەر، خوتەن، ئىلى دەريا ۋادىسى، بالاساغۇن، بۇخارا، سەمەرقەنت ، ھازىرقى تاشكەنت ۋە ھازىرقى جانبۇر( قازاقىستان) رايونىدا يەرلىك ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بولغان قارلۇق،تۇخرى،تۇركەش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ۋە باشقا تۈرك قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئۇلۇغ قاراخانلار خانلىقىنى قۇرىدۇ .
     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.