ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-25

    ئالتۇن قەدىمىي شەھەر خارابىسى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85412426.html


    ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسى شايار ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ ، ئېنىق ئورنى ھازىرقى 74 نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقى جايلاشقان قۇملۇق ئىچىدە. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان قالدۇق سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىرچە، ئەڭ ئېگىز جايلىرى تەخمىنەن تۆت مېتىرچە كېلىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەر ئۈچ قات سېپىل بىلەن قورشالغان. تاشقى سېپىل قۇم ئاستىدا قالغاچقا، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، ئارا، ئىچ سېپىل بىلەن ئوردا ئارىلىقى تەخمىنەن 200 مېتىر كېلىدۇ.
    ئالتۇن قەدىمكى شەھىرىنىڭ سېپىللىرى سېغىز توپىنى چىڭداپ قوپۇرۇلغان. ھازىرقى قالدۇق سېپىل خارابىسىنىڭ شەرقى بۆلىكى بۇزۇۋېتىلگەن، شەھەر ئىچى ئاساسەن قۇم ئاستىدا قالغان. شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇب بۆلىكىدە بىر چوڭ قەبرە بولۇپ، قەبرە ئەتراپىدىن قاشتېشى ئوق بىلەن قاشتېشى قەلەم (قەلەم ئاق قاشتاش)، چىپار تاشتىن ياسالغان بىر دانە ئۈزۈك پارچىسى بايقالغان. بۇ بۇيۇملار ھازىر ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاش ئورنىدا ساقلانماقتا. قەبرىنىڭ ئەتراپىدىن يەنە ئىككى دانە مىس تۈگمە تېپىلغان، ئۇنىڭ بېجىرىم بىرسىگە قەدىمىي نەقىش بىلەن ئاينىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن، ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ سىرتقى قىسمىدا شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان چوڭ قۇملۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىلىقىدا ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ روشەن ئىزناسى بار. ئۆي ۋە ئىمارەتلەرگە قىزىل سېغىز توپا ئىشلىتىلگەن. بۇ يەردە قىزىل سېغىز توپىدا قوپۇرۇلغان ئىككى قەبرە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى كىشىلەر ‹‹تەتۈر قەبرە›› دەپ ئاتىشىدۇ. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ساپال بۇيۇملاردىن دىئامېتىرى .3 2 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى 10 سانتىمېتىر، ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى بار بىر دانە ئۇرچۇق، يەنە كوزا، ئىدىش، ئىۋرىق، تەخسە، تۇۋاق، قەدەھ قاتارلىقلارنىڭ پارچىلىرى بار، مىس بۇيۇملاردىن ئات ئېگىرىنىڭ مىستىن ياسالغان ئىلغۇچى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1.9 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 2.3 سانتىمېتىركېلىدىغان ئىككى دانە مىس تۈگمە، يۈزىنىڭ دىئامېتىرى .5 2 سانتىمېتىر كېلىدىغان مىستىن ياسالغان مۆھۈر قاتارلىقلار بار.
    ئالتۇن قەدىمكى شەھىرى نېمە سەۋەبتىن ئالتۇن شەھىرى، دەپ ئاتالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق. بۇ ھەقتە پەقەت كىشىلەر ئارىسىدا بىر قانچە قىياسىي قاراشلا بار. بۇ ھەقتە بەزىلەر بۇ قەدىمكى شەھەردىكىلەر بۇرۇندىن ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق بايلىقلاردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلگەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى‹‹ئالتۇن شەھەر›› دەپ ئاتىۋالغان دېسە؛ بەزىلەر، بۇ شەھەردە بۇرۇنقى ئىنسانلار ئالتۇننى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقارغان ئالتۇن شەھەر ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ نامى ‹‹ئالتۇن شەھەر›› بولغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بۇ شەھەرنى ئالتۇن ئىسىملىك بىر قەبىلە باشلىقى بىنا قىلىپ، شەھەر نامىنىمۇ ئالتۇننىڭ شەھىرى، دەپ قويغان ئىكەن...دېيىشىدۇ. بۇ ئۈچ خىل قاراشنىڭ قايسىسى توغرا، قايسىسى خاتا، بۇ ھەقتە بىرنېمە دېيەلمەيمىز.
    دېمەك، ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە تاش قوراللارغا، ساپالچىلىققا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىس – تۆمۈر بۇيۇملار بولۇپ، بۇ يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمكى شەھەردە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان، دېيىشكە بولىدۇ.

     

     

    شىنجاڭ گېزىتى

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.