ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-25

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻛۈﻧﻠﻪﺭ - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85406166.html

    1918- يىلى 5 - ئايدا ، يىڭى تىكلىنىۋاتقان سۆۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتانى ئىگەللىگەن قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا - قۇيۇن قىرغىن قىلىشتەك قانلىق ۋەقە يۈز بەردى . مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ قانلىق پاجىئە ئەينى ۋاقىتتا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئىغىر بالايى ئاپەتكە دۇچار قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇرغان . يىڭى تىكلىنىۋاتقان سۆۋىت قىزىل ئارمىيىسى نىمە ئۈچۈن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى بۈنچە قىرغىن قىلىدۇ ؟ 1917 - يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلىپ ، چار پادىشا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي - جايلارغا بىرىپ تەتۈر تەشۋىقات ئىلىپ بىرىپ ، كىشىلەرنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقان . ئاقلارنىڭ ئاز ساندىكى ئوفىتسىرلىرى ئالماتا تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ << بولشىۋىكلار دىنغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنى جازالايدۇ ، شەخسىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ ..... >> دىگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بارىدۇ . بۇنداق تەشۋىقات يەتتە سۇ رايۇنىدىكى چىلەك قاتارلىق رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىلىپ بىرىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەركەتلەرگە قاتناشقان . 1918 - يىلى فىۋرالنىڭ ئاخىرى بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قارسۇ بولۇسلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشلاپ ، كەتمەن - گۈرجەك ، ئارا - ئوغاققا ئوخشاش ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ قىزىل ئارمىيە ئىگەللىۋالغان ئالمۇتا سىپىلىغا ھۇجۇم قىلغان . سىپىل ئىچىدىكى مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى قاتتق قايتۇرما زەربە بىرىپ ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈ نىگە قەدەر ئىسيانچى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان . سىپىل ئىچىدىكى قىزىل گىۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇۋ ، مۇرايىۋلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، 1918 - يىلى 5- ئايدا ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچ ئىلىش خاراكتىرلىك جازا يۈرۇش قوزغىغان . مۇرايىۋ قوشۇنلىرى ئالماتادىن غالجاتقىچە بولغان چىلەك ، كىيىكۋاي ، ئىنچىكە بۇلاق ، قۇرام ، لاۋار ، مالىۋاي ، قاراتۇرۇق ، بايسىيىت ، قارا يوتا ، غەيرەت ، ئاۋات ، دولاتا ، تۈگمەن دىگەندەك ئۇيغۇر يىزا قىشلاقلىرىغا ھوجۇم قىلىپ ، ئالمۇتا سىپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىگۇنا ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇنلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان . بۇ پاجىئە ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان . مۇرايىف قوشۇنلىرى ئىككى يۇزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئۇتتۇرا كوچا بىلەن ھايداپ كىلىپ ، سادىر ئىمام دىگەن كىشىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئارقا تەرەپتىن پڭلۇمۇتقا تۇتقان . ئۆلمەي مىدىرلىغانلىرىنى نەيزە بىلەن سانجىپ ، تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۇرگەن . كوچىمۇ - كوچا ، ئۇمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئوققا تۇتۇلىدىغانلىغىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن . چىلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار ، ئىنچىكە بۇلاق دىگەن يىزىلىرىدىمۇ مۇرايىف قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا قىرغىن قىلغان . لاۋارنىڭ ئكستەڭ سۇلىرى قىپ - قىزىل قانغا بويالغان . تۇگمەن يىزىسى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى چىكى بولۇپ ، بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانشان . نەچچە كۇن داۋام قىلغان << ئاتۇ قىرغىنچىلىغى >> جەريانىدا ، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۇرۇلگەن . پەقەت چىلەك يىزىسىنىڭ قۇرام يىزىسىدىلا 3000غا يىقىن ئۇيغۇر قىرىپ تاشلانغان . ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۇشۇپ ئۇركۇپ كەتكەن سان - ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ - تەرەپكە پىتراپ قىچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان . بەزىلەر تاغ - ئكڭكۇرلەرگە يوشۇرۇنغان . بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھىرىپ - چارچاپ ، ئاچ - يالىڭاچ قىلىپ ھەر خىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن ، يۇزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تىنى ئاجىز قىرىلار ئاچارچىلىق ۋە كىسەللىك بىلەن ئۆلۇپ كەتكەن . نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەللەرگە قىچىپ كەتكەن . قىچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال - مۇلۇكلىرى تالان - تاراج قىلىنغان . قىسقىسى ، قىرغىنچىلىقتىن كىيىنكى سەرسانلىق - سەرگەندارلىق ۋە ئازاپلىق تۇرمۇش تىخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان . ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالچىلىق دەردىنى تارتقان ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلانغان . دىمەك بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كوپ قىسمى ئۇزاق مەزگىلىگىچە ئېسىگە كىلەلمىگەن .

    مەنبە:ئاقىللار مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.