-
2010-08-27
ئىككى مەدەنىيلىك مۇۋازىنىتى ۋە ئىجتىمائى بەخت - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/73814984.html
ئىككى مەدەنىيلىك مۇۋازىنىتى ۋە ئىجتىمائى بەخت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
تارىختا مۇئەييەن ئىجتىمائى ، ئىقتىسادى گۈللىنىش باشلىنىشى بىلەن ئەخلاقىي بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن تىپىك مىساللار كۆپ بولغان . مەسىلەن گۈللەنگەن چۇنچىيۇ دەۋرىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق چۈشكۈنلۈكى كۇڭ فۇزىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاراشلىرىنى ، چۈيۈەننىڭ نەزمىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . قەدىمقى گىرىتسىيدىكى ئەخلاقىي كۆڭۈلسىزلىكلەر سوقرات ۋە ئەپلاتۇننىڭ ئېتىكا ۋە مائارىپ قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇش ‹‹مىڭ بىر كىچە ›› ھېكايىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان داستان ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تە زاماننىڭ بۇزۇقلىقى ھەسرەتلىك مىسرالار بىلەن بايان قىلىنغان . ياۋروپا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى بولغان مونتىسكىيۇ ئۆزى غايىۋى جەمئىيەت سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلغان بۇرژۇئازىيە جەمىيىتىدە يۈز بەرگەن مەنىۋى چۈشكۈنلۈكتىن پەرياد چەككەن . بۇ نۇقتىنى ماۋزىدۇڭ ‹‹ مانا بۇ شۇنداق جاھان ›› دېگەن مىسراغا يىغىنچاقلىغان.
بۇ ماددىي مەدەنىيەت گۈللىنىشكە باشلىغاندا مەنىۋىي مەدەنىيەت ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە ، ئېتىبارسىز مۇئامىلىگە ، ھەتتا دەپسەندىگە ئۇچراش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ مەسىلىنىڭ يېرىمى. قالغان يېرىمى شۇكى ماددى مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن تەڭپۇڭسىز ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك زىلزىلە قوزغايدۇ. يېڭى پىكىر ، يېڭى ئىدىيە ، يېڭى تەلىمات ، يېڭى تۈزۈملەر مەيدانغا چىقىدۇ . بۇ زىلزىلە يالغۇز جامائەت پىكىرىدىلا ئەمەس ، يەنە ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ئىككىنجى قەدەمدىكى داۋاملىق ئىلگىرلىشى تەقەززالىرىدىمۇ ، ماددىي تەقسىمات ، بازار ۋە پۈتۈن جەمئىيەت دائىمىي ھاياتى ئېھتىياجلىرىدىنمۇ مەيدانغا كېلىدۇ . ئىنسانىيەت تارىخىدىكى سەرخىل مۇتەپەككۇرلار مۇشۇنداق ئۆتكۈر زىددىيەت ۋە تەقەززالىق ئىچىدە ئۆز تەلىماتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . زاماننىڭ مەنىۋى ئاتموسفىراسى ھامان ساپلىشىدىغانلىقى بىزنى ئىشەندۈرسىمۇ ، ئەمما ئۇنتۇلغۇسىز ئېغىر بەدەل دېغى تارىخ بەتلىرىدە يالداما بولۇپ قالىدۇ . ياشلار تولا ھاللاردا ئىجتىمائى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ . ھازىر ئامىرىكا ، ياۋروپا ئەللىرىدە يېڭىدىن باش كۈتۈرۈۋاتقان ئەخلاق تەشەببۇسلىرى ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تىزگىنلەش تەۋسىيىلىرى ، كۇڭ فۇزىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئەخلاق تەلىماتىغا قارىتا قىزىقىش ، ئىسلاھ قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرى بۇنىڭ مىسالى.
بىلىش كېرەككى ، ئىنسانىيەت ماددىي بايلىق ئىشلەپچىقارغان بىرىنجى كۈندىن باشلاپلا ، ئۇنى ئاڭ شەكلىگە ، مەنىۋىي شەكىلگە ئايلاندۇرغان . ئىنسانىيەت باي بولۇشنى ئەمەس ، بەختلىك بولۇشنى ماھىيەتلىك ئىستەك قىلغان ، بايلىقمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەقىل - ئىدراك ، بىلىم ۋە ئەخلاقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان . ئامىرىكىلىق ئالىم ھېنرى مورگان توغرا ئېيتقان : ‹‹ ئىنسانىيەت ئالدى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئېرىشكەندىلا ، ئاندىن مەدىنىيەتلىك ھالەتكە يېتەلەيدۇ ››. قەدىمقى جەمئىيەت . ئۇيغۇرچە 55 - بەت . ئىبىن سىنا توغرا ئېيتىدۇ : ‹‹ بايلىقنى تېپىشىپتۇ ، ئەقىل ئىدراكنى يوقىتىشىپتۇ ! ئەجىبا ، يوقاتقان نەرسىسى بىلەن تاپقان نەرسىسىنىڭ قىممىتى باراۋەرمىدۇ ؟ ›› ھېكمەت . ئۆزبېكچە ، 20 - بەت
بەخت ــ كامالەتلىك ئىجتىمائى تۇرمۇش تىپىدىن ئىبارەت . ئۇ ھەرگىزمۇ بىر پۇتلۇق ئالتۇن قۇزۇق ئەمەس.
历史上的今天:
قىپچاق ۋە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ھەققىدە 2010-08-27ئۆزلەت _ ئۆزۈڭنى تونۇ ! 2010-08-27يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق 2010-08-27‹‹ ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت ›› توغرىسىدا 2010-08-27
收藏到:Del.icio.us