-
2010-08-27
‹‹ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرلىرى ›› ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرمەسلىك - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/73815125.html
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئوقۇتقۇچى - كەڭ مەنىدە ئۆزى ياشىغان زاماننىڭ ئەقىل چىرىغى ، بىلىم بۇلىقى ۋە تەلىم تەربىيە باغۋىنى ، روھىيەت يېتەكچىسى ، ھەقىقەت جەڭچىسى ! قەدىمقى زامانلاردىلا ئۇلار كاھىن - قەبىلە ئۇستازلىرى بولغان ، ئۇلار قەيەردە ئەۋلات تەربىيلىمىسۇن ، ئۇلار خەلقنىڭ ، ھەقىقەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ نامايەندىلىرى.
ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىگە ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە جەزمەن ساغلام ، سۈزۈك ، ئۆتكۈر تەپەككۇر قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك . بىر كەسپ بىلەنلا بەنت بولۇپ ، ئۆزىنى چەكلەپ قويۇش ماھىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن نادانلىق! ‹‹ مۇئارىپ ›› ئىبارىسى ، ‹‹ ئارىف ›› ئىپادىسىگە تۇتاشقان بۇلۇپ ، ‹‹ ئارىف ›› قىلماق ‹‹ مۇئارىف ››نىڭ مەقسىتى. ‹‹ ئارىف ›› - ئويغاق دېگەنلىكتۇر . ئويغاقلىق تەپەككۇرنى ، تەپەككۇر كۆپ قىرلىق بىلىمنى تەلەپ قىلىدۇ . ئويغاقلىق يەنە پاك قەلبنى ، پاك قەلبمۇ يەنە بىلىمدە پىشىش ۋە سۈزۈلۈشنى تەلەپ قىلىدۇ بۇنداق ‹‹ ئارىف ›› خەلقنىڭ قەلبىدىكى گۆھەر.
ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپى ھەم قامۇسى بىلىمدىن باشقا خەلقنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىغا تارىخىي نەزەر سېلىشى ، ھەرگىزمۇ بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولماسلىقى كېرەك . پەقەت تارىختىكى ‹‹ ئىزىم ›› لار تەتقىقاتىغىلا قىزىقىپ ، رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان جانلىق تارىخىي ھادىسلەرنى ، ‹‹ ئىلمى ›› ئەمەس دەپ ئۇنىڭغا بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇش تاش يۈرەكلىك ۋە ئەلەس كۆزلۈكتۈر . ئوقۇتقۇچىلار بىر مەھەللىك ئېتىبارسىز مۇئامىلە ، ئىسسىق سوغۇق ئېقىملار ئالدىدا تارىخىي يىراقنى كۆرەرلىكنى يوقاتماسلىقى ، تېڭىرقىماسلىقى لازىم . بىز بىر تەرەپتىن مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى كەمسىتىدىغان خاھىشلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلارغا ئىجتىمائى ، ئىقتىسادى ، مەمۇرى ، ئائىلىۋى ، روھى زەربە ياكى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئېچىنساق ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنداق ھادىسىلەر بىلەن تارىخقا ، ھەقىقەتكە ۋاكالىتەن كۈرەش قىلىشىدىن ، ھەمىشە مەنىۋىلىكنى ماددى
بايلىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ، پىداكار ‹‹ دانكو ›› لاردىن بولۇشىدىن ئىپتىخار ھىس قىلىمىز .
تارىخ سەھىپىلىرىنى پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇرانە ئوبرازىلا بېزىيەلەيدۇ. بىلىملىكلەردىمۇ بىلمەسلىكلەر ، ‹‹ ئارىف ›› لاردىمۇ خامۇشلۇقلار بولىدۇ ، كىشى بىر قانچە بىلىش باسقۇچى بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىكى ، ھەتتا تۈنۈگۈنكى ئۆزىدىن پەرقلىنىپ ئىلگىرىلەپ بارىدۇ . بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۆزىمىزنى ئەۋلادلارغا پاك ۋە ئۈنۈمدار يەتكۈزمەك . شۇنىڭ بىلەن بىللە
ئەۋلادلارنىمۇ پاك ۋە بىلىمدار ھالدا كەلگۈسىگە يەتكۈزمەك . ئەۋلادلىرىمىز ھەرگىزمۇ باي ، ئەمما بۇزۇلغان‹‹ ئىنسى جىن ›› لاردىن بولۇپ قالمىسۇن !
历史上的今天:
قىپچاق ۋە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ھەققىدە 2010-08-27ئۆزلەت _ ئۆزۈڭنى تونۇ ! 2010-08-27يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق 2010-08-27‹‹ ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت ›› توغرىسىدا 2010-08-27
收藏到:Del.icio.us