-
2010-08-27
ئۆزلەت _ ئۆزۈڭنى تونۇ ! - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/73815548.html
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، جاپا بىلەن ياشاپ ، ھەسرەت بىلەن ئۆلىدۇ ! ئىنساننىڭ سىرلىرى ، مۇئەممالىرى مۇناجات قۇببىسىدە ئەمەس ، بەلكى ئۆزلۈك بىناسىدا !تىلەكلىرىڭنىڭ نىجادىيىتى ئۆزۈڭدە ئىكەنلىكىنى بىل !
تىلەكلىرىڭنىڭ سەۋەبكارى _ ئاجىزلىقىڭدۇر ! ئاجىزلىقىڭ سەندىكى گۇماننى ئارقىغا ياندۇرالايدىغان ئۇلۇغ كۈچ - قۇدرەتنىڭ تاغ ھالىتىدىن قۇم ھالىتىگە پارچىلانغانلىقىدىندۇر . ئۇنى پارچىلىغان _ ئۆزۈڭ ! نەپسىڭ ،تەمەخورلۇقۇڭ ، رەشكى - ھەسەتلىرىڭ ، نادان ۋە تەرسالىقىڭ ۋە ئۆزۈڭ ياساپ ، ئۆزۈڭ ئىقتىدا قىلغان تۆمۈرمۇش قورچاقلىرىڭ !
پارچىلانغانلىقىڭ ۋەھدەتتىن چەتنىگەن ، ئۆز ماھىيەتلىرىڭگە نىسبەتەن ياتلاشقان قەلبى ھىجرانىڭدىن ئىبارەت . سەن پارچىلانغاچقا ، نىيەتلىرىڭ بۇزۇلغان ، ئۆزلۈك ئەينىكىڭ سۇنغان ، ئۈمىد - ئارزۇلىرىڭمۇ تالقاندەك پارچىلىنىپ بىر - بىرى بىلەن جەڭگى - جېدەل جەڭگاھى تۈزگەن . نەيزە - ئاپتوماتلىرىڭ ئۇنىڭ تەرسا چۇقانلىرى . قارا ، سەن ئاقىۋەت ھايۋاندىنمۇ بەتتەر يىرتقۇچلۇق ، خەستىنمۇ تۆۋەن قەدىرسىزلىك ئىچىدە جاپا ۋە ھەسرەت داشقازىنىدا ئىڭرايسەن . سەن ئىنسانلىقىڭنىڭ ئاسىيسى ، كامالەتنىڭ قاتىلى ، تۇرمۇشنىڭ ئەخلىتى ، بۇ تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ تۈزگەن ، ئاتەشتىن ، ئەمما نەپسانىي ئۈمىد تەنتەكلىرىڭگە مەھلىيا بولۇپ تۈزگەنسەن !
تەقدىرىڭ ئەزەلىلىكتە ياكى ئىلاھىيەتنىڭ رەھىم - شەپقىتى ، قەھرى - غەزىپىدە ئەمەس ، بەلكى مۇھەببەت - نەپرەتكە تولغان بۇ ئالەمدە ، ئۆزۈڭ يوقاتقان ، ئۆزۈڭ ئىزدەپ يۈرگەن ، ئۆزۈڭ يەنە كۆتۈرۈپ يۈرگەن نەرسىدە _ ئىنسانىي قىممىتىڭدە !
ئىنسانىي قىممەت ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ماھىيەت قىممىتى ! ئاتنىڭ سۈرەت باھاسى ئەمەس ! ئۇنى زەڭگە ئات باھاسىدا قاراپ تەمەننا قىلما ، بەلكى ئاتقا مىنگۈچى قىممىتىدە قاراپ نەپرەتلەن ! ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشنى بىلمىگەن ئىنسان ئۆزىنى بارغانسېرى نەپرەتلىك سىماھقا ئايلاندۇرۇۋاتقان ئىنساندۇر . مېنىڭ ئاخىرقى <<ئىنسان >> ئىبارىسىنى دىلىم غەش ، قەلىمىم تىترەپ يېزىۋاتقانلىقىمنى پەقەت ئۆزلۈك ھېسسىياتىدىلا ھېس قىلالىشىڭ مۇمكىن . ئات پېتىقلىۋەتكەن بۇ ئىنسانىي قىممەتتىن ساڭا قانداق تەقدىر نېسىپ بولاتتى ، ئەي نادان !
سېنى جاھان بىلمەك ، ھېس قىلماق ، مەقسىتى مۇتلەق قىلىپ يوقلۇقتىن ياراتتى . سەن بارلىقنىڭ گۈللىنىشى ، سىرلارنىڭ ئاچقۇچى . ئاللا ھەممە ئىقتىدارىڭنى ئۆز ئىلكىڭگە بەرگەن . سەن ئەقىل ئىزدە ! ئۇ كىتاب سەھىپىلىرىدە ، تەجرىبە جەريانلىرىدا ، تۇرمۇش توزانلىرىدا ، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ تەلقىن ۋە قاناتلىرىدا . ھەسەل ھەرىسىلا بال يىغالايدۇ ، بال يەشىكىدىن ئەمەس ، مۇھىتتىن . ھەسەل ھەرىسى بول . بىلگىنكى ، ئەقىل يېنىڭدا _ نادانلىقىڭنىڭ لاچىن قارىچۇقلىرىغا ، غەزەپلىرىڭنىڭ يىلان تىلى تېگىگە ، تەرسالىقىڭنىڭ ئات تۇۋىقى ئاستىغا كۆمۈلگەن !
ھەممە نەرسىنى كۆمگەن ۋە ئۇنىڭ مۇھتاجلىقى سەھراسىدا ئېچىرقاپ يۈرگەن ئىنساندا نېمە بايلىق - ئاۋاتلىق ، بەخت - گۈزەللىك ، كامالەت _ سىۋىلىزاتسىيە بولاتتى ! ئۇ ، تار نەزەر ئوچىقىدا ، داچەن تۆشۈكىدە چاشقان كۈتۈپ ياتقان مۈشۈك ، ئەڭ مۇبالىغە قىلغاندىمۇ مولۇندۇر .
ۋەھىمى ۋە بىخۇدلۇق ، تەمەخورلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق ، پەلەمپەي سىياقىدىكى مەنىۋى قۇللۇق ۋە قۇلدارلىق ، ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىسراپخورلۇق _ قىسقىسى ، كامالەت مىزانىدىن چەتنىگەن غەلىتە روھىيەت ، مانا ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇھىتى ! ئۇ قاتىل ۋە ئۆلگۈچى ، ئوغرى ۋە جاللات ، قۇل ۋە زوراۋان . ئۇنى ئۆلگەن ياكى كىشىلىك دۇنياسىغا تېخى كەلمىگەن ، دەي دېسەڭ ئۇنىڭ تاشلىغان زەھەرلىك قالدۇقلىرى ھايات چىمەنزارلىقىنى بۇلغىغان . غەلىتىلىكى شۇكى ، ئۇنىڭ قالدۇقلىرى ئاداشتۇرغۇچى كرىستالدەك ، قەلبى ئاجىز كۆزلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ !
历史上的今天:
قىپچاق ۋە ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ھەققىدە 2010-08-27يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق 2010-08-27‹‹ ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت ›› توغرىسىدا 2010-08-27ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا 2010-08-27
收藏到:Del.icio.us
评论