ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-08-27

    ئىككى مەدەنىيەت ۋە تارىخنىڭ دىئالېكتىكىسى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/73814405.html

     

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 

    ئىنسانىيەت تارىخى ماددى مەدەنىيەتتىن مەنىۋى مەدەنىيەتنى يارىتىش ، مەنىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ماددى مەنىۋىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىدىن ئىبارەت . مەيلى رەسمى لەۋھە تەرىقىسىدە ئېغىزغا ئېلىنغان بولسۇن - بولمىسۇن ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن نوقۇل بىرى بىلەنلا كىشىلىك تۇرمۇشنى تەمىن ئېتىش مۇمكىن ئەمەس . ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدا زىددىيەتمۇ بولىدۇ . ئۇ بەزىدە تۇتۇق بەزىدە روشەن ، بەزىدە ھەتتا پاجىئەلىك ھالەتكە كۆتۈرىلدۇ . ھازىرقى زامان جاھان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىدىكى پاجىئەلىك زىددىيەت ئۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى .

     

     بىر خىل كونا ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە جاھالەتتىن يېڭى ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە مەرىپەتكە ئۆتۈشتە ، ئومۇمەن ئۈچ خىل سەۋەپ تۈپەيلى بۇ ئىككى خىل مەدىنيەت ئارىسىدا زىددىيەت روشەن گەۋدىلىنىشى مۇمكىن . بىرىنجى ، يېڭى - كونا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ھالەتنىڭ بىر خىل زىددىيەتنى ھەل قىلىپ ، ئۇنىڭ ئىككىنجى خىل شەكلىنى پەيدا قىلىشى ؛ ئىككىنجى ، ئۆتۈش مەزگىلىدىكى داۋالغۇشلار تۈپەيلى ئىككى خىل مەدىنيەت زىددىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ؛ ئۈچىنجى ، كىشىلەرنىڭ تارىخى تەجرىبە ۋە قانۇنىيەتلەردىن چەتنىگەن سۇبىكتىپ قىزىپ كېتىشلىرى ۋە كونتىرول ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئىشقا سالالماسلىقىدىن ئىبارەت . نەتىجىدە كەڭ ئاۋام قەلبىدە ئاڭ قاراش ، ئىستىل ، پوزىتسىيە ، مۇھاكىمە ، ئەدەپ - ئەخلاق ، ئېتىقاد ۋە چارە - تەدبىر جەھەتلەردە بىر قاتار نورمالسىزلىق ، ھەتتا بۇزۇلۇش ، چىرىش ھادىسلىرى يۈز بېرىدۇ. بەزىدە ماددى مەدىنيەت ، ۋە مەنىۋى مەدىنيەتتىكى تەكشىسزلىك ، مەسلەن نوقۇل ھالدا ماددىي تاپاۋەتنى ياكى نوقۇل قانۇنىي جازالاشنى مىقدارى جەھەتتە ئۇتۇق - نەتىجە دەپ قاراش ۋە ئەكىس ھالدا بۇ جەھەتتە ئۈمىتسىزلىككە بېرىلدىغان ئەھۋاللار خېلى كەڭتاشا ھاۋاغا ئايلىنىدۇ . رېئال تۇرمۇشىمىزدا ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە كۆرۈلىۋاتقان بەزى بىنورمال ئەھۋاللار بىزنى پاكىتقا ئىگە قىلىدۇ .مەسىلەن ، ياشلاردىكى يۇقىرى ئىستىمال قىزغىنلىقى ، ھۆرمەتسىزلىك ، ئوقۇغۇچىلاردىكى ياسانچۇقلۇق ، ئويۇن تاماشىغا بېرىلىپ كېتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇماسلىق ، ئۇقۇتقۇچىلارغا ئۇقۇتۇش ، ئىلمىي تەتقىقات سىرتىدىكى كىرىم بېسىمى ، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ھۆرمەتسىزلىك ۋە كەمسىتىشلەر ، نەشرىياتچىلىق قىيىنچىلىقى ، نەشىر ئەپكارلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلۇشۇپ سەلبى خاھىشتىكى باسما بۇيۇملىرىنىڭ يامراپ كېتىشى ، دوست تارتىشلار ، داۋالىنىش قىيىنچىلىغى ، ‹‹ ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق ›› دورىلارنىڭ كۆپلىكى ، سەھىيە ئەخلاقىدىكى نورمالسىزلىق ، ئائىلىلەردىكى ماددى پاراۋانلىقنى ئۆلچەم قىلىپ ، قايتا تەشكىللىنىش خاھىشى ، كۆپ قىرلىق سىرىتقا بېرىلىش ھادىسىى ، كىرىم - چىقىم ئالدىدا تەمتىرەپ قېلىش روھىيىتى ۋەھاكازالار بۇ خىل ئىجتىمائى ۋە مەنىۋى بۇزۇلۇشنىڭ بىر قىسمى.

     

    قارىغاندا ماددىي پاراۋانلىق قوغلىشىش ، مەنىۋى تۇرمۇشنى تولۇقلاشقا سەل قاراش ، ماددىي مەدىنيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۆز - ئۆزىنى نەزەردە تۇتالماسلىق ، ماددىي مەدىنيەت رىقابىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ، ئۇنىڭ نېگىزى بولغان مائارىپ رىقابىتىگە ئاخىرقى ساھە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش ، رېئاللىقنى كۆرۈپ ، تەجرىبە ساۋاقلارنى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھادىسلىرىنى بىر ۋارقىراپلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ . بۇ ۋاقىتلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە بولۇپ بىر مەزگىل ئەۋجىرەپ كەتسىمۇ ، لېكىن بەرىبىر تۈزۈلۈشكە يۈزلىندىغان ھادىسە . تارىخ - ئىككى خىل مەدىنيەتنى ئارقاق ۋە ئۆرۈش قىلىپ توقۇلىدىغان ئۇزۇن ھېكايە . ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئەبەدىيلىك ئابىدىلىرى بولۇشى ناتايىن . سىزگە ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرىشى مۇمكىن.

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.