-
2009-06-17
ئىشەنچ - غەلبىنىڭ سېگىنالى - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41141713.html
كىشلىك تۇرمۇشتا ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە- ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ . ئىنساندىكى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ھەممىنىبېسىپ چۈشىدىغان بىر خىل سوبيېكتىپ ئامىل . ئادەم ئۆزىدە قەتئى ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىنى تۇساپ تۇرغان ھەرقانداق بىر ئاددى مۈشكۈلات ئاددى بىر سىناققا ئايلىنىدۇ . ئەلۋەتتە ئۆزىگە ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ھەر بىر سىناق ئانچە ئاددى بولمىغىنىدەك ، غەلبىمۇ ھەم شۇنداق . ئادەم تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كېلىشى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى ئىشلار شۇ كىشىگە نىسبەتەن ئۈمۈدسىزلىك ئېلىپ كەلسە ، بەزى بەزى ئىشلار شۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ تاللىغان نىشانىدىن ۋاز كەچتۈرۈشى ھەتتا بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك تەغدىرىنى بەلگىلىشى مۈمكىن .
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساقمۇ ، نۇرغۇن تالانتلىق ، ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن نەتىجە قازىنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىگىنى كۆرۈۋالالايمىز ۋە ئۇنىڭغا ئېچىنىمىز . ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنساندىكى تەۋەككۈلچىلىك روھىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ، بۇنداق ئۆزىدىكى تالانت بىخلىرىنى ئۆزى نابۇت قىلىش ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنالماسلىقتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن بىر ئامالى يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىش، خالاس. ھەر بىر ئۇلۇغۋار نىشان ، يۈكسەك غايىگە يېتىش يولىدا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلار ، مۈشكۈلاتلارغا يولۇقۇشىمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ تەبىئىي ئەھۋاللارنىڭ بىرى. شۇڭا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىققا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە يول ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . بىز كۆڭلىمىزدە بىرەر غايە ، ئىرادە تىكلىگەن ۋاقتىمىزدا چوقۇم ئۆزىمىزگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ھازىرلىشىمىز كېرەك . پەقەت ئىشەنچ بولغاندىلا ئاندىن يۈكسەك ئىرادە تىكلىگىلى ، ھۇرۇنلۇقىنى تاشلىغىلى بولىدۇ .历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us