-
2009-06-17
ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك 50 ئىش - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41141415.html
1. بىر تۈپ مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ ، گۈزەل ئارزۇيىڭىزنى ئىپادىلەڭ .
2. بىرەر خىل ساز چېلىشنى ئۆگىنىپ ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىڭ .
3. بالىلىق چاغلىرىڭىزدا تۇرغان جايغا قايتا بېرىڭ .
4. بىرەر قېتىم دېڭىزنى كۆرۈپ ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇڭ .
5. ياخشى كۆرىدىغان كىشىڭىزگە بىر پارچە سۆيگۈ خېتى يېزىڭ .
6. ئۆزىڭىز تەنھا دالىلارنى ئايلىنىپ، تەبىئەتنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭ .
7. ئاچا-سېڭىللاردەك يېقىن ئۆتىدىغان بىر قانچە دوست تۇتۇڭ .
8. چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ تەمىنى بىر قېتىم تېتىپ كۆرۈڭ .
9. بىرەر قېتىم سەلبىي رول ئېلىپ، باشقا بىر خىل تۇيغۇنىمۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ .
10. تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ئاپىڭىزدىن ئەھۋال سوراڭ .
11. ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان جايغا بېرىپ ساياھەت قىلىڭ .
12. خۇش تەبەسسۇمىڭىز بىلەن ھەر كۈننى خوشال ئۆتكۈزۈڭ .
13. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تاللاپ توي قىلىڭ .
14. ھەر كۈنى 15 مىنۇت كىتاب ئوقۇپ ، ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈڭ .
15. تومانتىك تۈس پەيدا قىلىپ ، تۇرمۇش لەززىتىنى قېزىپ چىقىڭ .
16. ھەر يىلى بىر قېتىم قان تەقدىم قىلىپ ، سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن مەبلەغ سېلىڭ .
17. خىزمەتنى خوشاللىق ئۈچۈن قىلىڭ .
18. ئۇ سىزنى ئۇچراتقان چاغ ئەڭ گۈزەل پەيىتلەر بولسۇن .
19. مۇھەببەت ئۈچۈن بىر شارپا توقۇڭ .
20. ھېچ بولمىغاندا بىر قېتىم ئۇزۇن چاچ قويۇڭ .
21. يوقىتىپ قويغان بالىلىق قەلبىڭىزنى ئىزدەڭ .
22. قەلبىڭىزدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاتاقلىق كىشىڭىزنى يوقلاڭ .
23. ھاياتىڭىزدىكى مېھرىبان ئۇستازىڭىزنى يوقلاڭ .
24. مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە بەرپا قىلىڭ .
25. كەلگۈسىدىكى ئىشلار ئۈچۈن ، پۇلنى پەقەتلا قويۇپ ئالمايدىغان ھېساپ ئېچىپ قويۇڭ .
26. ئاپىڭىزنى مەھكەم قۇچاقلاڭ .
27. ئاپىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ .
28. بالىڭىزغا ھەمراھ بولۇڭ .
29. بالىڭىز ئۈچۈن كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ .
30. قىزىڭىزغا كىشىلىك ھايات ھەققىدە بىر پارچە خەت يېزىڭ .
31. ئۆيىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن لاھىيلەپ بېزەڭ .
32.شەخسىي ماشىنا سېتىۋىلىپ جاھاننى ئايلىنىپ كېلىڭ .
33. ئاممىۋى سورۇندا بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلەڭ .
34.بىر نەچچە خىل قورما قورۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .
35. بىر قېتىم دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ، ھاياتنىڭ قىممەتلىكىنى ھېس قېلىڭ .
36. قوشنىڭىزنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىڭ .
37. دائىم ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ .
38. ھەر كۈنى بىر ساۋابلىق ئش قىلىپ ، ياشاشنىڭ باشقا بىر مەنىسىنى ئىزدەڭ .
39. يېقىن سىرداش دوستىڭىز بولسۇن .
40. بىر قېتىم مەست بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىڭ .
41. ئەپۇ قېلىش ۋە چۈشىنىش ئىللىق ئائىلە قۇرۇشنىڭ كاپالىتى دەپ بىلىڭ .
42. بەدەن گۈزەللىكىڭىزنى ساقلاڭ .
43. ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرۈشنى ۋە ھەسەتخورلۇقنى تاشلاڭ .
44.نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان ۋاقتىڭىزنىڭ يېرىمىنى ئازاينىڭ .
45. مېھرىبانلىق شامى دائىم يېنىپ تۇرسۇن .
46. كوت-كوت ئايال بولماڭ .
47. ھېس - تۇيغۇلىرىڭىزدىن خاتىرە يېزىپ تۇرۇڭ .
48. ئالاقىڭىز ئۈزۈلۈپ قالغان بۇرۇنقى دوستلىرىڭىزنى ئىزدەڭ .
49. گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈپ ھاياتىڭىزنى بېزەڭ .
50. ھايات بەتلىرىڭىزنى ۋاراقلاپ ، ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمانلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ .مەنبە:<<شىنجاڭ ئاياللىرى>> ژۇرنىلى
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us