-
2009-06-17
سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بولۇش ئەخلاقى - [ئەخلاق تېمىلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41140473.html
بەزى ئاياللار : " شەخسىيەتچىللىك قىلماي، چوڭ سۈپەت بولۇپ، چىرايلىقراق ياسانساملا چوقۇم سۆيۈملۈك ئايال بولالايمەن، ئەرلەرنىمۇ جەلپ قىلالايمەن " دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ " نازاكەتلىكى" جەلپ قىلغاندىن باشقا، ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا خاس جاسارىتىمۇ جەلپ قىلىدۇ.ئىقتىدار ئاياللارنى سۆيۈملۈك كۆرسىتىدىغان بىر تەرەپ.
ئىتائەتمەن ئاياللار سۆيۈملۈك بولماستىن، بەلكى قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈكتۇر.
خۇشخۇي، يۇمۇرىستىك ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئالدىغا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى يېڭىپ ماڭىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتنى تەشۋىشلىنىش، غەم يىيىشكە سەرپ قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق ئاياللاردا باشقىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولىدۇ.
مەسىلە كۆرۈلگەندە ئېتراپ قىلىدىغان ھەمدە ھەل قىلىش چارىسى ئۇستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىدىغان ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ.
بىر سۆيۈملۈك ئايالدا ئائىلىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىش قابىلىيىتى بولىدۇ.تەسەۋۋۇرغا باي، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئايال ئۆيىدە مىشىلداپلا يۈرۈيدىغان ئاياللاردىن كۆپ سۆيۈملۈك.
ئاددىي ۋە تەبىئىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھەببەتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ.
مەنبە : قىز-ئاياللار ئەخلاقى كىتابىدىن
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us