-
2009-06-17
ھايا ۋە ئىپپەت - [ئەخلاق تېمىلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41140454.html
ھايا ۋە ئىپپەت تەربىيىلىك ئاياللارغا ئادەتتۇر. ئەرلەرگە سۆيۈملۇك كۆرۈنۈشنىڭ ئاساسىدۇر. ئەدەپسىز ئاياللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھاياسىز يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا ئار-نۇمۇسلۇق ھەر بىر ئەر كىشى نەپرەت قىلىدۇ.ئايالى ھەرقانچە تىپىلمايدىغان پەرىزات بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نۇمۇسسىز بولسا، ئەرنىڭ شۇ سائەتتىن باشلاپ ئىخلاسى قايتىپ، مۇھەببىتى سۇۋۇپ، نەپرەتلىنىشكە باشلايدۇ. چۈنكى، نۇمۇسسىزلىق بىلەن ھاياسىزلىق خەلق ئالدىدا ھىچقاچان ئەپۇ قىلىنمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئاللاغىمۇ دۈشمەن ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، تەربىيىلىك ئاياللار بىر تەرەپتىن، ئاللانىڭ غەزىپىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۇچۈن، بۇ خىل ھاياسىزلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. ھايالىق-نۇمۇسچان كىشى نەقەدەر كەمبەغەل بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمەتلىنىدۇ. لېكىن ھاياسىز-نۇمۇسسىز كىشىلەر قانچىلىك باي، قانچىلىك مەرتىۋىلىك بولغان بىلەنمۇ ئېتىبارى يوق.
شەرم-ھايا ئىسلام دەرىخىنىڭ بىر شېخى بولۇپ، شاخلىرى دۇنيادا بولسىمۇ، يىلتىزى جەننەتتىدۇر. بۇ شاخلارغا يىپىشقان زات ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تومۇرلىرىغىمۇ تۇتىشىدۇ. تەربىيىلىك ئاياللارنىڭ يۈزلىرىدە ئەكىس ئەتكەن قىزىللىق ھايانىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇ ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە چاقماقتەك تەسىر قىلىپ، مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. غەيۋەت-شىكايەت، چېقىمچىلىق، ئۆسەك تېرىش ۋە يالغان سۆزلەشتەك بۇزۇق مىجەزلەر ھاياسىزلىقتۇر. تەربىيىلىك ئاياللار بۇ خىل يامان ئىللەتتىن خالىيدۇر. ئەگەر پەزىلەتلىك ئاياللار بۇ خىل ئىللەتكە ئۆز تەبىئىتىدىن ئورۇن بېرىدىكەن، گۇناھى ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا، ئېرىگە، يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتقان ئايال ئەڭ ئۇچىغا چىققان بۇزۇق ھەم تەربىيىسىز ئايال ھىسابلىنىدۇ. پەزىلەتلىك كىشىلەر يالغانچىنى ئايال قىلىپ تۇتۇش تۈگۈل، ھەتتا خىزمەتچى قىلىپمۇ ئىشلەتمەيدۇ.
مەنبە : "سوۋغات" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
历史上的今天:
<<ئىگىسىنى تونۇمىغان گۆھەر كىروران>> 2009-06-17ﺑﯩﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ 2009-06-17ئۇيغۇرلاردىكى تۇغقان ناملىرى 2009-06-17گۈزەل -ئەخلاق 2009-06-17
收藏到:Del.icio.us