ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-17

    مىللىي مائارىپ ۋە نەزەرىېىۋى تەپەككۇر - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41110156.html


    ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن

    «شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى خەنزۇچە 1- سانىدا بېسىلغان, خەن زىيۇڭ, لې لىن ئىسىملىك ئىككى ئاپتۇر يازغان «تەبىئەت, مەدەنىيەت, ئىنسان » نامىلىق ماقالىنى ئوقۇپ, غەربى دىياردا ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە مىللى مائارىپىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم.

    ماقالىدە غەربي دىيارنىڭ « تەبىئەت ئانىسى » مۇھىتىدا كۈچلۈك, مىللى ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىز, سودا ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك, سىياسى ئىقتىدارى ئاجىز, ھېسسىياتچان ئىقتىدارى كۈچلۈك, ئەقلى بىلىش ئىقتىدارى ئاجىز, يېڭىلىققا قىېزىقىش ئىقتىدارى كۈچلۈك, ئۆزىنى بىلىش ئەنئەنىسنى قەدىرلەش ئىقتىدارى ئاجىز ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ, ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئائىلىسنىڭ روھې مەدىنىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ماقالە ئاپتۇرلىرى غەربي دىيارلىقلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۇچىنىڭ بىر-بىرنىڭ چەتكە قېقىش كۈچىدىن كۆپ ئاجىزلىقنى, تارىخقا, ئاتا-ئانىغا, پېشىقەدەم نامايەندىلەرگە, ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەت, ۋارىسلىق ۋە قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئۇنتۇلۇش, قەدىرلىمەسلىك, بىپەرۋالىقتىن كۆپ ئاجىزلىقنى تىلغا ئېلىش بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ يادرو ھاسىل قىلالماسلىقى, تۆت ئەتراپىدىكى ئۇيۇشقان, يادرو ھاسىل قىلغان سىياسى ھاكىمىيەت كونتروللۇقنى تەقدىر قىلغانلىقى, سەرگەردان مىللەتتىكى , مەدىنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ باشقا خەلىقلەر تەزكىرىلىرىگە نامى چۈشۇپ قالغانلىرىدىن باشقىلىرى ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن بىللە چەكسىز قۇم دېڭىزىغا بۇلىدىغانلىقىنى ئوچۇق-يورۇق بايان قىلغان.

    ماقالىنى ئوقۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قاتار تارىخي ئەنئەنىۋى ئاجىزلىقلىرىنىڭ نوقۇل «تەبىئەت ئانىسى» قېلىپىدا شۇنداق ئەزەلىلىككە ئىگە بۇلۇپ يارالغان دېگىلى بولمىسىمۇ, ھازىرقى ئۇيغۇر ئىجتىمائي ۋە روھى مۇھىتىدا ئېغىر دەرىجىدە ساقلانغان ئۈچ مۇھىم ئىللەت ۋە ئاجىزلىقنى قايتا ھېس قىلدىم. بۇنوقتىدىن يۇقىرقى ئىككى ئاپتۇرنىڭ ئوچۇق-يورۇق ئىلمي پوزىتسيسىگەتەسەننا ئوقۇش كېرەك.

    مەن ئىلگىرى يېزىپ ئىلان قىلغان « روھنى ساغلاملاشتۇرۇش-مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى » «ھەسەتخورلىق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار » « مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى ۋە سۇتسىيالىستىك مەدىنىيەت ئۈچ بۈرجىكى» «يىپەك يۇلىدىكى بىر چوڭ مىللەت  »  نامىلىق ماقالىلىرىمدە خەلقىمىزنىڭ روھىيەت تۈزىلمىسى, مەدەنىيەت پىسخىكى, تۇمۇش شەكلى جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئىللەتلەرنى يۈز خاتىرە قىلماي كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ (يۇرتۋازلىق, كەسپىي ھەسەتخورلۇق, پىتنە-ئىغۋاغا ھىرىسمەنلىك,ئۆزىدىن چىققان ياراملىق كىشىلەرنى چۆكۈرۈش, بىر-بىرىگە ئورا كولاش, قەسىت قىلىش) بىزدىكى ئاساسىي ئىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىدىم.

    ھېسياتقا بېرلىش, گاھى قەھرىمان, گاھى غەرىبان, گاھى خوشخۇي, گاھى چۈشكۈن روھىيەتكە ئەسىر بۇلۇش, ئوقتەك قىزىپ نىكاھلىنىپ, تېزدىن سوۋۇپ ئائىلىنى ۋەيران قىلىش, غەزەپكە پايلىماي پاجىئە ھاسىل قىلىش, بىكار تەلەپ, سۆلەتۋازلىق قاتارلىقلارنى دائىم يۇلۇقتۇرۇپ تۇرىمىز. مۇھىمى شۇكى, مىللىتىمىز ئۇمۇمەن ئەقلىي, مەنتىقى, نەزەرىيىۋى, ئىلمي تەپەككۇرغا نىسبەتەن ھېسىسىيات ۋە ئۆز ئالدىدىكى روھي كەيپىيات بويچە پىكىر يۈرگۈزىشكە ئېغىر دەرىجىدە مايىل. بىزدە شائىرلىق, يازغۇچىلىق, ئارتىسلىق, سازەندىلىك, ناخشىچىلىق خاھىشى ئىلمي ۋە نەزەرىيۋى جەھەتتىكى ئىجادىيەت ئىشلىرىدىن كۆپ كۈچلۈك.

    بىزدە ئەنئەنىۋى ئاڭ تولىمۇ ئاجىز, ئاتا-ئانىلارنى, پېشىقەدەم جامائەت ئەربابلىرنى, ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك, ئۇلارغا ۋاپاسىزلىق قىلىش, ئۆزتارىخىنى ئىزچىل-مەنتىقى چۈشىنىشنىڭ يىتەرسىزلىكى, قۇرۇق قايىل چىلىق ۋە ئەقىدىۋازلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈكرەك ساقلاپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزمۇ يوق. تارىخىمىزنىڭ خېلى بىر قىسمى گاھىدا ئۇ ئىشان, گاھىدا بۇ خوجىنىڭ ئارقىسىدىن مۇرىت بۇلۇش بىلەن بىللە ئۈتۈپ كەتكەن. بۇلارنى ئويلىغىنىزدا دىققىتىمىز بىردىنلا مىللي مائارىپىمىزغا بۇرالدى. مائارىپ- ئىنساننى تەبىئەت دۇنياسىدىن مەدەنىيەت دۇنياسىغا, جاھىللىق ئالىمىدىن ئارىفلىق ئالىمىغا قايتا تۆرەلدۈردىغان ئۇلۇغ بىنا كارلىق, مىللي مائارىپ نىسپي مەنىدىن ئېيتقاندا شۇ مىللەتنىڭ كونكىرېت تارىخى, ئىجتىمائي, مىللي ۋە روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلغان, قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدىن ئىبارەت.

    ئاپتونوم رايۇنىمىزدا مىللي مائارىپ, بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان مىللي مائارىپ ئۆز ئوبيېكتلىرىنىڭ ھالقىلىق ئاجىزلىقلىرىنى ئېنىق بايقىغان ۋە قاراتمىلىققا ئىگە تەلىم- تەربىيە ۋاستىلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى رۇشەن گەۋدىلەندۈرگەن بۇلۇشى لازىم. مېنىڭچە, ھالقىلىق مەسىلە ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ھېسسىيا قۇرۇلمىسىنىڭ تەپەككۈر قۇرۇلمىسىدىن ئۈستۈن بۇلۇش ھادىسىسنى تەربىيە ئارقىلىق تەدرىجىي تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت. بۇ مەسىلنى ھەل قىلماي مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىقى ۋە تارىخى, ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق مەسىلىسنى چۈشەندۈرگىلى, تەدرىجىي ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
    مەلۇمكى, «مىللەتنىڭ مۇھىم بايلىقى-خەلىقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىدىن ئىبارەت»(چېرنېشۋىسكىي), خەلىقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى ئاخىرقى ھېسابتا نەزەرىيۋى تەپەككۈرغا باغلىق. نەزەرىيۋى تەپەككۈر دەل ماركىس تەرپىدىن «ئۆز زامانىسنىڭ مەنىۋى تاجى» دەپ ئاتالغان ئىلمي تەپەككۈر ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۈردىن ئىبارت.
          مىللى مائارىپ ئۆز ئوبيېكتلىرىنىڭ نەزەرىيۋى تەپەككۈ جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىگەن ھالدا تەربىلەنگۈچىلەرگە پەلسەپە, تەبىئەت پەنلىرى, قانۇنشۇناسلىق, جەميەتشۇناسلىق ۋە تارىخى پەنلەردىن نۇقتىلىق تەربىيە بېرىشى, ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتكا, لوگىكا ۋە سىياسي- ئىقتىسادقا ئائىت پەنلەرنى ئىگىلىشىگە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرشى كېرەك.
         فېيختىۋانگېر «مەنتىقىي تەپەككۈر ئىنسانىيەت تەڭرىسى » دېسە,  ئېنگىلىس « دۇنيادا بىرەر مىللەت ئالدىنقى قاتاردا تۇرمەن دېسە, نەزەرىيۋى تەپەككۈردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدىغان بۇلۇشى لازىم » دېگەنىدى. ئەلۋەتتە, بۇ ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك, ئەدەبىيات-سەنئەتتە نەزەرىيۋى تەپەككۈر يوق دېگەنلىك ئەمەس, بۇ, پەقەت بىزدە ئەدەبىيات- سەنئەتكە نىسبەتەن, ئەدەبىيات-سەنئەت كىتابلىرى, گېزىت-ژورناللارغا نىسبەتەن, ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن پەلسەپە, تەبىئەت پەنلىرى, ئىقتىساد, قانۇن شۇناسلىق, جەمئىيەت شۇناسلىق, تارىخ شۇناسلىققا ئوخشاش غوللۇق ئىلمىيٍ, نەزەرىيۋى تەپەككۈر ۋاستىلىرى, ئىجادىيەت خاھىشى ۋە نەتىجىلىرى تولىمۇ كەم دېگەنلىك.

    بىز ئائىلىلەردىن جەمئيەتكىچە كىشىلەرنى قائىدە-پىرىنسىپلار بويچە پىكىر يۈرگۈزىدىغان, سۆزلەيدىغان, ئۆز ھېسسىياتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان, مۇستەقىل پىكىر يۈگۈزەلەيدىغان قىلالىساق, بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ نەزەرىيۋى تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە يىتەكلەپ, تەبىئىي پەن كۇرۇژۇكلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇپ, ئۇلاردا نەزەرىيۋى تەپەككۈر ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلىسەك, بۇ مەقسەتتە بۇشاشماي بىر قانچە يىل قېتىرقىنىپ ئىشلىسەك چۇقۇم كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنالايمىز.

    نەزەرىيۋى تەپەككۈرنىڭ ئۈستۈن ۋە ئەۋزەل مۇھىتىنى يارىتىش, مىنىڭچە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسىي يېتەكچى ئېڭى ۋە تارىخىي خىزمىتى بۇلۇپ ھېسابلىنىشى كېرەك .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.